< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 2 >
لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم. | 1 |
Statui autem hoc ipsum apud me, ne iterum in tristitia venirem ad vos.
چۈنكى ئەگەر مەن سىلەرگە ئازار بەرسەم، مېنىڭ تۈپەيلىمدىن ئازار يېگەنلەردىن باشقا قايسىبىرى مېنى شادلاندۇرالىسۇن؟ | 2 |
Si enim ego contristo vos: et quis est, qui me lætificet, nisi qui contristatur ex me?
مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم؛ چۈنكى مېنىڭ شادلىقىم سىلەر ھەممىڭلارنىڭمۇ شادلىقىدۇر دەپ سىلەر ھەممىڭلارغا ئىشەنچ باغلىدىم. | 3 |
Et hoc ipsum scripsi vobis, ut non cum venero, tristitiam super tristitiam habeam, de quibus oportuerat me gaudere: confidens in omnibus vobis, quia meum gaudium, omnium vestrum est.
چۈنكى ئەسلىدە ئۆزۈم ئېغىر ئازاب ئىچىدە قەلبىمدىكى دەرد-ئەلەمدىن كۆپ كۆز ياشلىرىمنى تۆككۈزۈپ تۇرۇپ سىلەرگە شۇ خەتنى يازغانىدىم؛ مەقسىتىم سىلەرگە ئازار بېرىش ئەمەس، بەلكى سىلەرگە چوڭقۇر باغلانغان، ئېشىپ تاشقان مۇھەببىتىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. | 4 |
Nam ex multa tribulatione et angustia cordis scripsi vobis per multas lacrimas: non ut contristemini, sed ut sciatis, quam caritatem habeam abundantius in vobis.
ئەمما بىرەرسى ئازار يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئازار يەتكۈزگىنى مەن ئەمەس دەيمەن، ئۇ بەلكى مەلۇم دەرىجىدە (بۇ ئىشنى زىيادە ئېغىر قىلغۇم يوق) ھەممىڭلارغا ئازار يەتكۈزدى. | 5 |
Si quis autem contristavit, non me contristavit: sed ex parte, ut non onerem omnes vos.
بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر؛ | 6 |
Sufficit illi, qui ejusmodi est, objurgatio hæc, quæ fit a pluribus:
شۇڭا ھازىر ئەكسىچە، سىلەر ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ رىغبەت-تەسەللى بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ؛ بولمىسا بۇنداق بىر كىشى بەلكىم غايەت زور دەرد-ئەلەمدىن ئۆزىنى يوقىتىشىمۇ مۇمكىن. | 7 |
ita ut e contrario magis donetis, et consolemini, ne forte abundantiori tristitia absorbeatur qui ejusmodi est.
شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلارنى جېكىلەيمەن. | 8 |
Propter quod obsecro vos, ut confirmetis in illum caritatem.
شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم. | 9 |
Ideo enim et scripsi, ut cognoscam experimentum vestrum, an in omnibus obedientes sitis.
لېكىن سىلەر قايسىبىرىنى مەلۇم ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ ھەم ئۇنى شۇنداق قىلغان بولىمەن؛ مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا (بىرەر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغان بولسام)، مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم. | 10 |
Cui autem aliquid donastis, et ego: nam et ego quod donavi, si quid donavi, propter vos in persona Christi,
شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز. | 11 |
ut non circumveniamur a Satana: non enim ignoramus cogitationes ejus.
ئەمدى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا تروئاس شەھىرىگە كەلگىنىمدە ۋە شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن [پۇرسەت] ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن، | 12 |
Cum venissem autem Troadem propter Evangelium Christi, et ostium mihi apertum esset in Domino,
قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم. | 13 |
non habui requiem spiritui meo, eo quod non invenerim Titum fratrem meum, sed valefaciens eis, profectus sum in Macedoniam.
ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان، بىز ئارقىلىق ھەر يەردە ئۆزىگە دوست تارتقۇچى خۇشپۇراقنى چاچقۇچى خۇداغا تەشەككۈر! | 14 |
Deo autem gratias, qui semper triumphat nos in Christo Jesu, et odorem notitiæ suæ manifestat per nos in omni loco:
چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛ | 15 |
quia Christi bonus odor sumus Deo in iis qui salvi fiunt, et in iis qui pereunt:
كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ | 16 |
aliis quidem odor mortis in mortem: aliis autem odor vitæ in vitam. Et ad hæc quis tam idoneus?
چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام-سۆزىنى سودا-سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن [ئەۋەتىلگەنلەر] سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز. | 17 |
non enim sumus sicut plurimi, adulterantes verbum Dei, sed ex sinceritate, sed sicut ex Deo, coram Deo, in Christo loquimur.