< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 13 >

بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. «ھەر بىر ھۆكۈم ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك». 1
ecce tertio hoc venio ad vos in ore duorum vel trium testium stabit omne verbum
مەن ئىلگىرى ئىككىنچى قېتىم يېنىڭلاردا بولغىنىمدا بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ھەم قالغان ھەممىڭلارغا شۇنداق ئېيتقان، ھازىرمۇ سىلەردىن نېرى بولساممۇ قايتىدىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىمەنكى (سىلەر مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلىگەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن)، مەن بارغىنىمدا ھېچكىمنى ئايىمايمەن؛ دەرۋەقە مەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتقان مەسىھ سىلەرگە نىسبەتەن ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئالدىڭلاردا ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر؛ 2
praedixi et praedico ut praesens bis et nunc absens his qui ante peccaverunt et ceteris omnibus quoniam si venero iterum non parcam
3
an experimentum quaeritis eius qui in me loquitur Christi qui in vos non infirmatur sed potens est in vobis
ئۇ دەرۋەقە ئاجىزلىقتا كرېستلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھايات. بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز. 4
nam et si crucifixus est ex infirmitate sed vivit ex virtute Dei nam et nos infirmi sumus in illo sed vivemus cum eo ex virtute Dei in vobis
ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟ 5
vosmet ipsos temptate si estis in fide ipsi vos probate an non cognoscitis vos ipsos quia Christus Iesus in vobis est nisi forte reprobi estis
ئەمدى سىلەرنىڭ بىزنىڭ سىناقتىن شاللىنىپ قالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 6
spero autem quod cognoscetis quia nos non sumus reprobi
سىلەرنىڭ ھېچقانداق رەزىللىك قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمىز؛ بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار. 7
oramus autem Deum ut nihil mali faciatis non ut nos probati pareamus sed ut vos quod bonum est faciatis nos autem ut reprobi simus
چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس. 8
non enim possumus aliquid adversus veritatem sed pro veritate
چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز. شۇنىڭدەك بىز يەنە شۇنىڭغا دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر كامالەتكە يەتكۈزۈلگەيسىلەر. 9
gaudemus enim quando nos infirmi sumus vos autem potentes estis hoc et oramus vestram consummationem
سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا رەب ماڭا غۇلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنى قۇرۇش ئۈچۈن ئامانەت قىلغان ھوقۇقىمنى ئىشلىتىپ سىلەرگە قاتتىق قوللۇقنى كۆرسەتمەسلىكىم ئۈچۈن، مەن سىلەردىن يىراقتا بولغىنىمدا مۇشۇلارنى يازدىم. 10
ideo haec absens scribo ut non praesens durius agam secundum potestatem quam Dominus dedit mihi in aedificationem et non in destructionem
ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 11
de cetero fratres gaudete perfecti estote exhortamini idem sapite pacem habete et Deus dilectionis et pacis erit vobiscum
بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. 12
salutate invicem in osculo sancto
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن سىلەرگە سالام. 13
salutant vos sancti omnes
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي! 14
gratia Domini nostri Iesu Christi et caritas Dei et communicatio Sancti Spiritus cum omnibus vobis amen

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 13 >