< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 13 >
بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. «ھەر بىر ھۆكۈم ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك». | 1 |
This is the third time that I have prepare to come to you; that, by the mouth of two or three witnesses, every word may be established.
مەن ئىلگىرى ئىككىنچى قېتىم يېنىڭلاردا بولغىنىمدا بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ھەم قالغان ھەممىڭلارغا شۇنداق ئېيتقان، ھازىرمۇ سىلەردىن نېرى بولساممۇ قايتىدىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىمەنكى (سىلەر مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلىگەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن)، مەن بارغىنىمدا ھېچكىمنى ئايىمايمەن؛ دەرۋەقە مەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتقان مەسىھ سىلەرگە نىسبەتەن ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئالدىڭلاردا ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر؛ | 2 |
I have before said to you, and again I say to you beforehand, (as also I said to you a second time, while I was with you; and now also, while absent, I write to those who have sinned and to the others, ) that if I come again, I will not spare:
because ye demand proof, that it is the Messiah that speaketh by me, who hath not been powerless among you, but powerful among you.
ئۇ دەرۋەقە ئاجىزلىقتا كرېستلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھايات. بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز. | 4 |
For, though he was crucified in weakness, yet he liveth with the power of God. We also are weak with him; yet we are alive with him, by that power of God which is among you.
ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟ | 5 |
Examine yourselves, whether ye stand in the faith: prove yourselves. Do ye not acknowledge that Jesus the Messiah is in you? And if he is not, ye are reprobates.
ئەمدى سىلەرنىڭ بىزنىڭ سىناقتىن شاللىنىپ قالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. | 6 |
But, I trust, ye will know that we are not reprobates.
سىلەرنىڭ ھېچقانداق رەزىللىك قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمىز؛ بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار. | 7 |
And I beseech God, that there may be no evil in you, so that the proof of us may appear: and yet, that ye may be doers of good things, though we be as reprobates.
چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس. | 8 |
For we can do nothing against the truth, but only for the truth.
چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز. شۇنىڭدەك بىز يەنە شۇنىڭغا دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر كامالەتكە يەتكۈزۈلگەيسىلەر. | 9 |
And we rejoice, when we are weak and ye are strong. And this also we pray for, that ye may be perfected.
سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا رەب ماڭا غۇلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنى قۇرۇش ئۈچۈن ئامانەت قىلغان ھوقۇقىمنى ئىشلىتىپ سىلەرگە قاتتىق قوللۇقنى كۆرسەتمەسلىكىم ئۈچۈن، مەن سىلەردىن يىراقتا بولغىنىمدا مۇشۇلارنى يازدىم. | 10 |
Therefore, while absent, I write these things; lest when I come, I should act with rigor, according to the authority which my Lord hath given me for your edification, and not for your destruction.
ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. | 11 |
Finally, my brethren, rejoice, and be perfected, and be comforted: and may harmony and quietness be among you; and the God of love and of peace will be with you.
بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. | 12 |
Salute ye one another, with a holy kiss.
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن سىلەرگە سالام. | 13 |
All the saints salute you.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي! | 14 |
The peace of our Lord Jesus the Messiah, and the love of God, and the communion of the Holy Spirit be with you all. Amen.