< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 12 >
[ئەپسۇس]، ماختىنىۋېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. گەرچە ئۇنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، مەن رەبدىن كەلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي. | 1 |
Em verdade que não convém glóriar-me; mas passarei às visões e revelações do Senhor.
مەسىھدە بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن؛ ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ئۈچىنچى قات ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. | 2 |
Conheço um homem em Cristo que há quatorze anos (se no corpo não sei, se fora do corpo não sei: Deus o sabe) foi arrebatado até ao terceiro céu.
مەن شۇنداق بىر كىشىنى بىلىمەن (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ــ | 3 |
E sei que o tal homem (se no corpo, se fora do corpo, não sei; Deus o sabe)
ئۇ جەننەتكە كۆتۈرۈلۈپ، شۇ يەردە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارنىڭ دېيىشى مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى. | 4 |
Foi arrebatado ao paraíso; e ouviu palavras inefáveis, de que ao homem não é lícito falar.
شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقمدىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختانمايمەن. | 5 |
De um tal me glóriarei eu, mas de mim mesmo não me glóriarei, senão nas minhas fraquezas.
ھەتتا ماختىناي دېسەممۇ ئەخمەق ھېسابلانمايمەن؛ چۈنكى مەن ھەقىقەتنى ئېيتقان بولاتتىم؛ ئەمما بىرسى مەندە كۆرگىنىدىن ياكى مەن توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىدىن مېنى (ماڭا ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەرنىڭ غايەت زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن) يۇقىرى ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ماختىنىشتىن يىغدىم. مۇشۇ ۋەھىيلەرنىڭ زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئەتلىرىمگە سانجىلغان بىر تىكەن، يەنى مېنى ئۇرۇپ تۇرسۇن دەپ شەيتاننىڭ بىر ئەلچىسى ماڭا تەقسىم قىلىنغان؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈندۇر. | 6 |
Porque, se quizer glóriar-me, não serei néscio, porque direi a verdade; porém deixo isto, para que ninguém cuide de mim mais do que em mim vê ou de mim ouve.
E para que me não exaltasse pelas excelências das revelações, foi-me dado um espinho na carne, a saber, um mensageiro de Satanás para me esbofetear, para que me não exalte.
بۇنىڭ توغرىسىدا ئۇ مەندىن كەتسۇن دەپ رەبگە ئۈچ قېتىم يېلىندىم؛ | 8 |
Á cerca do qual três vezes orei ao Senhor para que se desviasse de mim.
لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛ | 9 |
E disse-me: A minha graça te basta, porque o meu poder se aperfeiçoa na fraqueza. De boa vontade pois me glóriarei nas minhas fraquezas, para que em mim habite o poder de Cristo.
شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن. | 10 |
Pelo que sinto prazer nas fraquezas, nas injúrias, nas necessidades, nas perseguições, nas angústias por amor de Cristo. Porque quando estou fraco então sou forte.
مەن [ماختىنىپ] دەرۋەقە ئەخمەق بولۇپ قالدىم! لېكىن ئۆزۈڭلار مېنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتە ئەسلىدە مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن تەرىپلىنىشىم كېرەك بولاتتى؛ چۈنكى ھېچ ئەرزىمەس بولساممۇ، مەن ھېلىقى «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن ھېچ تەرەپتە ھېچ ئىشتا كەم ئەمەسمەن. | 11 |
Fui néscio em glóriar-me; vós me constrangestes, porque eu devia ser louvado por vós, visto que em nada fui inferior aos mais excelentes apóstolos; ainda que nada sou.
دەرۋەقە مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا روسۇلنىڭ بېشارەتلىك ئالامەتلىرى، ھەرتەرەپلىك چىدام-سەۋرچانلىق ئىچىدە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ھەم قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن. | 12 |
Os sinais do meu apostolado foram efetuados entre vós com toda a paciência, por sinais, prodígios e maravilhas.
سىلەرنى باشقا جامائەتلەردىن قايسى تەرەپتە تۆۋەن ئورۇنغا قويدۇم؟ ــ پەقەتلا ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە يۈك قىلىپ ئارتىپ قويمىغىنىم بىلەنمۇ؟! مېنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر! | 13 |
Porque, em que tendes vós sido inferiores às outras igrejas, a não ser que eu mesmo vos não fui pesado? perdoai-me este agravo.
مانا، ھازىر يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ھېچ يۈك ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى ئىزدىگىنىم ئىگىلىكىڭلار ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلاردۇر؛ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك. | 14 |
Eis aqui estou pronto para terceira vez ir ter convosco, e não vos serei pesado, pois que não busco o que é vosso, mas sim a vós; porque não devem os filhos entesourar para seus pais, mas os pais para os filhos.
ئەمدى جېنىڭلار ئۈچۈن ئىگىلىكىمدىن خۇشلۇق بىلەن سەرپ قىلىمەن ھەمدە ئۆزۈمنى سەرپ قىلىمەن ــ گەرچە مەن سىلەرنى قانچە سۆيگەنسېرى مەن شۇنچە ئاز سۆيۈلسەممۇ. | 15 |
E eu de muito boamente gastarei, e me deixarei gastar pelas vossas almas, ainda que, amando-vos cada vez mais, seja menos amado.
ئەمدى شۇنداق بولغىنى بىلەن، مەن سىلەرگە ھېچ يۈك بولغان ئەمەسمەن؛ بىراق ھېلىگەرلىك قىلىپ، مەن سىلەرنى بابلاپ قويدۇم! | 16 |
Porém seja assim; eu não vos fui pesado, mas, sendo astuto, vos tomei com dolo.
ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟! | 17 |
Porventura aproveitei-me de vós por algum daqueles que vos enviei?
مەن تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە ھېلىقى قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ بىز ئىككىيلەن ئوخشاش بىر روھتا يۈرىۋاتمامدۇق؟ بىزنىڭ باسقان ئىزىمىز ئوخشاش ئەمەسمىكەن؟ | 18 |
Roguei a Tito, e enviei com ele um irmão. Porventura Tito se aproveitou de vós? Não andamos porventura no mesmo espírito, sobre as mesmas pisadas?
ياكى سىلەر ئەزەلدىن بىزنى «ئۇلار ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ [ئىش ئۇنداق ئەمەس]. بىز پەقەت مەسىھدە بولۇپ خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز؛ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر. | 19 |
Cuidais que ainda nos desculpamos convosco? falamos em Cristo perante Deus, e tudo isto, ó amados, para vossa edificação.
چۈنكى مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، ئۆزۈمنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىمدىن، يەنى ئاراڭلاردا غوۋغا-جېدەل، ھەسەتخورلۇق، غەزەپ-نەپرەت، مەنمەنچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەر بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن؛ | 20 |
Porque temo que, quando chegar, vos não ache tais quais eu quizera, e eu seja achado de vós tal qual vós não quizereis: que de alguma maneira não haja pendências, invejas, iras, porfias, detrações, mexericos, orgulhos, tumultos,
ــ بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى گۇناھ سادىر قىلىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزگەن ناپاكلىق، بۇزۇقلۇق ۋە شەھۋانىي ئىشلاردىن تېخى توۋا قىلمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن، شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن. | 21 |
Para que, quando for outra vez, o meu Deus me não humilhe para convosco, e eu não chore por muitos daqueles que de antes pecaram, e não se arrependeram da imundícia, e fornicação, e desonestidade que cometeram.