< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 12 >

[ئەپسۇس]، ماختىنىۋېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. گەرچە ئۇنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، مەن رەبدىن كەلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي. 1
Καυχᾶσθαι δεῖ· οὐ συμφέρον μέν, ἐλεύσομαι δὲ εἰς ὀπτασίας καὶ ἀποκαλύψεις Κυρίου.
مەسىھدە بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن؛ ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ئۈچىنچى قات ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 2
οἶδα ἄνθρωπον ἐν Χριστῷ πρὸ ἐτῶν δεκατεσσάρων, —εἴτε ἐν σώματι οὐκ οἶδα, εἴτε ἐκτὸς τοῦ σώματος οὐκ οἶδα, ὁ Θεὸς οἶδεν, —ἁρπαγέντα τὸν τοιοῦτον ἕως τρίτου οὐρανοῦ.
مەن شۇنداق بىر كىشىنى بىلىمەن (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ــ 3
καὶ οἶδα τὸν τοιοῦτον ἄνθρωπον —εἴτε ἐν σώματι εἴτε χωρὶς τοῦ σώματος οὐκ οἶδα, ὁ Θεὸς οἶδεν, —
ئۇ جەننەتكە كۆتۈرۈلۈپ، شۇ يەردە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارنىڭ دېيىشى مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى. 4
ὅτι ἡρπάγη εἰς τὸν Παράδεισον καὶ ἤκουσεν ἄρρητα ῥήματα ἃ οὐκ ἐξὸν ἀνθρώπῳ λαλῆσαι.
شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقمدىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختانمايمەن. 5
ὑπὲρ τοῦ τοιούτου καυχήσομαι, ὑπὲρ δὲ ἐμαυτοῦ οὐ καυχήσομαι εἰ μὴ ἐν ταῖς ἀσθενείαις.
ھەتتا ماختىناي دېسەممۇ ئەخمەق ھېسابلانمايمەن؛ چۈنكى مەن ھەقىقەتنى ئېيتقان بولاتتىم؛ ئەمما بىرسى مەندە كۆرگىنىدىن ياكى مەن توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىدىن مېنى (ماڭا ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەرنىڭ غايەت زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن) يۇقىرى ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ماختىنىشتىن يىغدىم. مۇشۇ ۋەھىيلەرنىڭ زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئەتلىرىمگە سانجىلغان بىر تىكەن، يەنى مېنى ئۇرۇپ تۇرسۇن دەپ شەيتاننىڭ بىر ئەلچىسى ماڭا تەقسىم قىلىنغان؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈندۇر. 6
ἐὰν γὰρ θελήσω καυχήσασθαι, οὐκ ἔσομαι ἄφρων, ἀλήθειαν γὰρ ἐρῶ· φείδομαι δέ, μή τις εἰς ἐμὲ λογίσηται ὑπὲρ ὃ βλέπει με ἢ ἀκούει ἐξ ἐμοῦ
7
καὶ τῇ ὑπερβολῇ τῶν ἀποκαλύψεων. διὸ ἵνα μὴ ὑπεραίρωμαι, ἐδόθη μοι σκόλοψ τῇ σαρκί, ἄγγελος Σατανᾶ, ἵνα με κολαφίζῃ, ἵνα μὴ ὑπεραίρωμαι.
بۇنىڭ توغرىسىدا ئۇ مەندىن كەتسۇن دەپ رەبگە ئۈچ قېتىم يېلىندىم؛ 8
ὑπὲρ τούτου τρὶς τὸν Κύριον παρεκάλεσα, ἵνα ἀποστῇ ἀπ’ ἐμοῦ.
لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛ 9
καὶ εἴρηκέν μοι Ἀρκεῖ σοι ἡ χάρις μου· ἡ γὰρ δύναμις ἐν ἀσθενείᾳ τελεῖται. Ἥδιστα οὖν μᾶλλον καυχήσομαι ἐν ταῖς ἀσθενείαις, ἵνα ἐπισκηνώσῃ ἐπ’ ἐμὲ ἡ δύναμις τοῦ Χριστοῦ.
شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن. 10
διὸ εὐδοκῶ ἐν ἀσθενείαις, ἐν ὕβρεσιν, ἐν ἀνάγκαις, ἐν διωγμοῖς καὶ στενοχωρίαις, ὑπὲρ Χριστοῦ· ὅταν γὰρ ἀσθενῶ, τότε δυνατός εἰμι.
مەن [ماختىنىپ] دەرۋەقە ئەخمەق بولۇپ قالدىم! لېكىن ئۆزۈڭلار مېنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتە ئەسلىدە مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن تەرىپلىنىشىم كېرەك بولاتتى؛ چۈنكى ھېچ ئەرزىمەس بولساممۇ، مەن ھېلىقى «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن ھېچ تەرەپتە ھېچ ئىشتا كەم ئەمەسمەن. 11
Γέγονα ἄφρων· ὑμεῖς με ἠναγκάσατε. ἐγὼ γὰρ ὤφειλον ὑφ’ ὑμῶν συνίστασθαι. οὐδὲν γὰρ ὑστέρησα τῶν ὑπερλίαν ἀποστόλων, εἰ καὶ οὐδέν εἰμι.
دەرۋەقە مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا روسۇلنىڭ بېشارەتلىك ئالامەتلىرى، ھەرتەرەپلىك چىدام-سەۋرچانلىق ئىچىدە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ھەم قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن. 12
τὰ μὲν σημεῖα τοῦ ἀποστόλου κατειργάσθη ἐν ὑμῖν ἐν πάσῃ ὑπομονῇ, σημείοις τε καὶ τέρασιν καὶ δυνάμεσιν.
سىلەرنى باشقا جامائەتلەردىن قايسى تەرەپتە تۆۋەن ئورۇنغا قويدۇم؟ ــ پەقەتلا ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە يۈك قىلىپ ئارتىپ قويمىغىنىم بىلەنمۇ؟! مېنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر! 13
τί γάρ ἐστιν ὃ ἡσσώθητε ὑπὲρ τὰς λοιπὰς ἐκκλησίας, εἰ μὴ ὅτι αὐτὸς ἐγὼ οὐ κατενάρκησα ὑμῶν; χαρίσασθέ μοι τὴν ἀδικίαν ταύτην.
مانا، ھازىر يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ھېچ يۈك ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى ئىزدىگىنىم ئىگىلىكىڭلار ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلاردۇر؛ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك. 14
Ἰδοὺ τρίτον τοῦτο ἑτοίμως ἔχω ἐλθεῖν πρὸς ὑμᾶς, καὶ οὐ καταναρκήσω· οὐ γὰρ ζητῶ τὰ ὑμῶν ἀλλὰ ὑμᾶς. οὐ γὰρ ὀφείλει τὰ τέκνα τοῖς γονεῦσιν θησαυρίζειν, ἀλλὰ οἱ γονεῖς τοῖς τέκνοις.
ئەمدى جېنىڭلار ئۈچۈن ئىگىلىكىمدىن خۇشلۇق بىلەن سەرپ قىلىمەن ھەمدە ئۆزۈمنى سەرپ قىلىمەن ــ گەرچە مەن سىلەرنى قانچە سۆيگەنسېرى مەن شۇنچە ئاز سۆيۈلسەممۇ. 15
ἐγὼ δὲ ἥδιστα δαπανήσω καὶ ἐκδαπανηθήσομαι ὑπὲρ τῶν ψυχῶν ὑμῶν. εἰ περισσοτέρως ὑμᾶς ἀγαπῶ, ἧσσον ἀγαπῶμαι;
ئەمدى شۇنداق بولغىنى بىلەن، مەن سىلەرگە ھېچ يۈك بولغان ئەمەسمەن؛ بىراق ھېلىگەرلىك قىلىپ، مەن سىلەرنى بابلاپ قويدۇم! 16
Ἔστω δέ, ἐγὼ οὐ κατεβάρησα ὑμᾶς· ἀλλὰ ὑπάρχων πανοῦργος δόλῳ ὑμᾶς ἔλαβον.
ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟! 17
μή τινα ὧν ἀπέσταλκα πρὸς ὑμᾶς, δι’ αὐτοῦ ἐπλεονέκτησα ὑμᾶς;
مەن تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە ھېلىقى قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ بىز ئىككىيلەن ئوخشاش بىر روھتا يۈرىۋاتمامدۇق؟ بىزنىڭ باسقان ئىزىمىز ئوخشاش ئەمەسمىكەن؟ 18
παρεκάλεσα Τίτον καὶ συναπέστειλα τὸν ἀδελφόν· μήτι ἐπλεονέκτησεν ὑμᾶς Τίτος; οὐ τῷ αὐτῷ Πνεύματι περιεπατήσαμεν; οὐ τοῖς αὐτοῖς ἴχνεσιν;
ياكى سىلەر ئەزەلدىن بىزنى «ئۇلار ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ [ئىش ئۇنداق ئەمەس]. بىز پەقەت مەسىھدە بولۇپ خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز؛ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر. 19
Πάλαι δοκεῖτε ὅτι ὑμῖν ἀπολογούμεθα. κατέναντι Θεοῦ ἐν Χριστῷ λαλοῦμεν· τὰ δὲ πάντα, ἀγαπητοί, ὑπὲρ τῆς ὑμῶν οἰκοδομῆς.
چۈنكى مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، ئۆزۈمنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىمدىن، يەنى ئاراڭلاردا غوۋغا-جېدەل، ھەسەتخورلۇق، غەزەپ-نەپرەت، مەنمەنچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەر بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن؛ 20
φοβοῦμαι γὰρ μή πως ἐλθὼν οὐχ οἵους θέλω εὕρω ὑμᾶς, κἀγὼ εὑρεθῶ ὑμῖν οἷον οὐ θέλετε, μή πως ἔρις, ζῆλος, θυμοί, ἐριθεῖαι, καταλαλιαί, ψιθυρισμοί, φυσιώσεις, ἀκαταστασίαι·
ــ بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى گۇناھ سادىر قىلىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزگەن ناپاكلىق، بۇزۇقلۇق ۋە شەھۋانىي ئىشلاردىن تېخى توۋا قىلمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن، شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن. 21
μὴ πάλιν ἐλθόντος μου ταπεινώσῃ με ὁ Θεός μου πρὸς ὑμᾶς, καὶ πενθήσω πολλοὺς τῶν προημαρτηκότων καὶ μὴ μετανοησάντων ἐπὶ τῇ ἀκαθαρσίᾳ καὶ πορνείᾳ καὶ ἀσελγείᾳ ᾗ ἔπραξαν.

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 12 >