< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 10 >
ئەمما ئۆزۈم، سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن سىلەردىن ئايرىلغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قوللۇق دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس مەسىھنىڭ يۇۋاش-مۆمىنلىكى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنۈمەن، | 1 |
А сам ја, Павле, молим вас кротости ради и тишине Христове, који сам пред вама понижен према вама, а кад нисам код вас, слободан сам према вама.
ــ شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، بىزنى «ئەتلەر بويىچە ماڭغانلار!» دەپ گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزىلەرگە قارىتا ئويلىغىنىمدەك قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مېنى مەجبۇر قىلماڭلار؛ | 2 |
Молим пак да ми не буде потребно кад будем код вас, онако слободан бити као што мислим да смем против неких који мисле за нас да по телу живимо;
گەرچە بىز ئىنسانىي ئەتلەردە يۈرسەكمۇ، بىز ئەتلەر بويىچە جەڭ قىلمايمىز. | 3 |
Јер ако и живимо по телу, не боримо се по телу.
چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە تەۋە قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر؛ | 4 |
Јер оружје нашег војевања није телесно, него силно од Бога на раскопавање градова, да кваримо помисли
بىز ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا قارشىلىشىشقا تۇرغان ھەرقانداق ھاكاۋۇر توسالغۇنى گۇمران قىلىمىز، شۇنداقلا ھەربىر ئوي-خىياللارنى مەسىھكە بېقىندۇرۇپ ئىتائەت قىلىشقا كەلتۈرىمىز؛ | 5 |
И сваку висину која се подиже на познање Божије, и робимо сваки разум за покорност Христу,
سىلەر تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، [ئاراڭلاردا] قانداق ئىتائەتسىزلىك قالغان بولسا بۇلارنى جازالاشقا تەييارمىز. | 6 |
И у приправности имамо освету за сваку непокорност, кад се изврши ваша покорност.
سىلەر پەقەت كۆز ئالدىڭلاردىكى ئىشلارغىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرسى ئۆزىنى مەسىھكە تەۋەمەن دەپ قارىسا، ئۇ يەنە شۇنىڭ ئۈستىگە ئويلانسۇنكى، ئۇ مەسىھكە تەۋە بولغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز. | 7 |
Гледате ли на оно што вам је пред очима? Ако се ко узда да је Христов нека мисли опет у себи да како је он Христов тако смо и ми Христови.
چۈنكى، رەب تەرىپىدىن سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈن بىزگە ئامانەت قىلىنغان ھوقۇقىمىز توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ زىيادىرەك ماختانساممۇ، بۇنىڭدا ھېچ يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ | 8 |
Јер ако се шта и више похвалим влашћу нашом коју нам даде Господ на поправљање, а не на кварење ваше, нећу се постидети.
ئەمدى مەن پەقەت خەتلەردىلا سىلەرنى قورقاتماقچى ئەمەسمەن؛ | 9 |
Али да се не покажем као да вас плашим посланицама;
چۈنكى بەزىلەر: «ئۇنىڭ خەتلىرى دەرۋەقە ۋەزىنلىك ھەم كۈچلۈك؛ لېكىن ئۇ يېتىپ كەلگەندە سالاپەتسىز، گېپىنىڭ تۇتامى يوق بولىدۇ» دېيىشىدۇ. | 10 |
Јер су посланице, вели, тешке и јаке, а кад је телом пред нама, слаб је, и реч његова не ваља ништа.
ئەمدى بۇنداق خىيال قىلغۇچىلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىز يىراقتا بولغىنىمىزدا خەتلەردىكى سۆزىمىز قانداق بولغان بولسا بىز يېتىپ بارغىنىمىزدا ئەمەلىيىتىمىزمۇ شۇنداق بولىدۇ. | 11 |
Ово нека помисли такав да какви смо у речи по посланицама кад нисмо код вас, такви смо и у делу кад смо ту.
چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلار بىلەن بىر قاتارغا قويۇشقا ياكى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا پېتىنمايمىز؛ شۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەپ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن ئەقىلسىزلاردىندۇر. | 12 |
Јер не смемо себе мешати или се поредити с другима који хвале сами себе; али кад сами по себи себе мере и пореде сами себе са собом, не разумевају.
بىز ئەمدى ئۆزىمىزگە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. بىز بەلكى ھەممىنى ئۆلچىگۈچى خۇدا بىزگە بېكىتكەن خىزمەت دائىرىسىدىكى ئۆلچەم، يەنى سىلەرنىڭ [خىزمىتىڭلارغىمۇ] يېتىدىغان ئۆلچەم بىلەن پەخىرلىنىمىز. | 13 |
А ми се нећемо хвалити преко мере, него по мери правила ког нам Бог меру раздели да допремо и до вас.
چۈنكى ئۆلچىمى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا يەتمەيدىغان كىشىلەردەك، [خىزمىتىڭلاردا بولغىنىمىزدا] دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتمەيمىز، چۈنكى بىز مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشتە [بىرىنچى بولۇپ] يېنىڭلارغىمۇ كەلدۇق. | 14 |
Јер се ми далеко не простиремо, као да не досежемо до вас; јер допресмо и до вас с јеванђељем Христовим,
بىز خىزمەت دائىرىمىزدىن ھالقىپ، باشقىلارنىڭ سىڭدۈرگەن جاپا-ئەجىرلىرى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق؛ لېكىن بىز سىلەرنىڭ ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۆسكەنسېرى ئاراڭلاردىكى خىزمىتىمىز بىزگە بېكىتىلگەن دائىرىمىز ئىچىدە تېخىمۇ زىيادە كېڭەيتىلسۇن دەپ ئۈمىد قىلىمىز؛ | 15 |
Не хвалећи се преко мере у туђим пословима, имајући пак наду кад узрасте вера ваша да ћемо се у вама величати по правилу свом изобилно,
شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىن تېخىمۇ يىراق يەرلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ جاكارلايدىغان بولىمىز؛ تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ دائىرىسىدىكى خىزمەت ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە يات. | 16 |
Да у далеким странама од вас проповедимо јеванђеље, и да се не похвалимо оним што је по туђем правилу урађено.
ئەمما «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىشى كېرەك!». | 17 |
А који се хвали, Господом нека се хвали.
چۈنكى ئۆزىنى تەرىپلىگۈچى ئەمەس، بەلكى رەب تەرىپلىگەن كىشى ھەقىقەتەن لاياقەتلىكتۇر. | 18 |
Јер онај није ваљан који се сам хвали, него ког Господ хвали.