< تارىخ-تەزكىرە 2 1 >
داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملەندى؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنى بەك بۈيۈك قىلدى. | 1 |
И Соломун син Давидов утврди се у царству свом, и Господ Бог његов беше с њим, и узвиси га веома.
سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىللارنى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوراقچى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قەبىلە-جەمەت باشلىقلىرى بولغان ئەمەلدارلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا سۆز قىلدى. | 2 |
И Соломун рече свему Израиљу, хиљадницима и стотиницима и судијама и свим кнезовима свега Израиља, главарима домова отачких,
سۇلايمان بارلىق جامائەت بىلەن بىرلىكتە گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىگە باردى؛ چۈنكى ئۇ يەردە خۇدانىڭ «جامائەت چېدىرى»، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا باياۋاندا ياساتقان چېدىر بار ئىدى. | 3 |
Те отидоше, Соломун и сав збор с њим, на висину која беше у Гаваону; јер онде беше шатор од састанка Божјег, који начини Мојсије, слуга Господњи, у пустињи.
خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بولسا داۋۇت كىرىئات-يېئارىمدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى ئۇنىڭغا تەييارلىغان يەرگە ئەكەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر چېدىر تىكتۈرگەنىدى. | 4 |
А ковчег Божји беше пренео Давид из Киријат-Јарима на место које му спреми Давид; јер му разапе шатор у Јерусалиму.
خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل ياسىغان مىس قۇربانگاھ بولسا [گىبېئوندا]، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرى ئالدىدا ئىدى؛ سۇلايمان جامائەت بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، شۇ يەردە [پەرۋەردىگاردىن] تىلەك تىلىدى. | 5 |
И олтар бронзани који начини Веселеило, син Урија сина Оровог, беше онде пред шатором Господњим. И потражи Га Соломун и сав збор.
سۇلايمان جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قۇربانگاھتا مىڭ مالنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. | 6 |
И принесе Соломун онде пред Господом на олтару бронзаном, који беше пред шатором од састанка, принесе на њему хиљаду жртава паљеница.
شۇ كېچىسى خۇدا سۇلايمانغا ئايان بولۇپ، ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىنى تىلىسەڭ، شۇنى بېرىمەن، دېدى. | 7 |
Ону ноћ јави се Бог Соломуну и рече му: Ишти шта хоћеш да ти дам.
سۇلايمان خۇداغا: ــ سەن ئاتام داۋۇتقا زور مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغان، مېنى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ. | 8 |
А Соломун рече Богу: Ти си учинио велику милост Давиду оцу мом и поставио си мене царем на његово место.
ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى سەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى پۇختا ئورۇنلىغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنى يەردىكى توپىدەك نۇرغۇن خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ قىلدىڭ. | 9 |
Нека дакле, Господе Боже, буде тврда реч Твоја, коју си рекао Давиду оцу мом, јер си ме поставио царем над народом ког има много као праха на земљи.
ئەمدى سەن ماڭا بۇ خەلققە يېتەكچىلىك قىلغۇدەك دانالىق ۋە بىلىم بەرگەيسەن؛ ئۇنداق بولمىسا سېنىڭ مۇنچىۋالا چوڭ بۇ خەلقىڭگە كىم ھۆكۈم سۈرەلىسۇن؟ ــ دېدى. | 10 |
Зато дај ми мудрост и знање да полазим пред народом овим и долазим, јер ко може судити народу Твом тако великом?
خۇدا سۇلايمانغا: ــ مەن سېنى خەلقىمگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم. ئەمدى سەن مۇشۇنداق نىيەتكە كېلىپ، نە بايلىق، مال-مۈلۈك، نە ئىززەت-ھۆرمەت ۋە دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، نە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تىلىمەي، بەلكى بۇ خەلقىمگە ھۆكۈم سۈرۈشكە دانالىق ۋە بىلىم تىلىگەن ئىكەنسەن، | 11 |
Тада рече Бог Соломуну: Што ти је то у срцу, а не иштеш богатство, благо ни славу, ни душе ненавидника својих, нити иштеш дуг живот, него иштеш мудрост и знање да можеш судити народу мом, над којим те поставих царем,
دانالىق ۋە بىلىم ساڭا تەقدىم قىلىندى؛ ۋە مەن ساڭا بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتمۇ بېرەي؛ شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ھېچبىرىدە ئۇنداق بولمىغان، سېنىڭدىن كېيىن بولغۇسى پادىشاھلاردىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. | 12 |
Мудрост и знање даје ти се; а даћу ти и богатства и славе, какве нису имали цареви пре тебе нити ће после тебе имати.
بۇ ئىشتىن كېيىن سۇلايمان گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى «جامائەت چېدىرى»دىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىل ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى. | 13 |
И врати се Соломун с висине која беше у Гаваону испред шатора од састанка у Јерусалим, и цароваше над Израиљем.
سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى توپلىدى: ــ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق لەشكىرى بار ئىدى؛ ئۇ بۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ھەم پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. | 14 |
И накупи Соломун кола и коњаника, и имаше хиљаду и четири стотине кола и дванаест хиљада коњаника, које намести по градовима где му беху кола и код себе у Јерусалиму.
پادىشاھ يېرۇسالېمدا ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاشلاردەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىدەك كۆپ قىلدى. | 15 |
И учини цар те беше у Јерусалиму сребра и злата као камена, а кедрових дрва као дивљих смокава које расту по пољу, тако много.
سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ھەم كۇۋەدىن كەلتۈرۈلەتتى؛ پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى كۇۋەدىن توختىتىلغان باھاسى بويىچە سېتىۋالاتتى. | 16 |
И довођаху Соломуну коње из Мисира и свакојаку робу, јер трговци цареви узимаху свакојаки трг за цену.
ئۇلار مىسىردىن سېتىۋالغان ھەربىر ھارۋىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەربىر ئاتنىڭ باھاسى بىر يۈز ئەللىك كۈمۈش تەڭگە ئىدى؛ ئات-ھارۋىلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋە سۇرىيە پادىشاھلىرىغىمۇ ئەنە شۇ [سودىگەرلەرنىڭ ۋاستىسى] بىلەن سېتىۋېلىناتتى. | 17 |
И одлажаху, те догоњаху из Мисира кола по шест стотина сикала сребра, а коње по сто педесет; и тако сви цареви хетејски и цареви сирски преко њих добиваху.