< تارىخ-تەزكىرە 2 9 >
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى يېرۇسالېمغا كەلدى. ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. | 1 |
Uto kraljica od Sabe ču glas o Salomonu; hoteći iskušati Salomona zagonetkama, dođe u Jeruzalem s mnogobrojnom pratnjom i s devama koje su nosile miomirise, mnogo zlata i dragulja. Došavši k Salomonu, porazgovori se s njim o svemu što joj bijaše na srcu.
سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە سۇلايمانغا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. | 2 |
Salomon joj odgovori na sva pitanja; nije bilo Salomonu sakriveno ništa da joj ne bi umio objasniti.
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا، | 3 |
Kad kraljica od Sabe vidje njegovu mudrost, dvor koji bijaše sagradio,
داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. | 4 |
jela na njegovu stolu, odaje njegove i dvorane, otmjenost njegove posluge i njihova odijela, i njegove peharnike i njihova odijela, i njegove paljenice koje je prinosio u Jahvinu domu, zastade joj dah.
ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛ | 5 |
Tada reče kralju: “Istina je bila što sam u svojoj zemlji čula o tebi i o tvojoj mudrosti.
ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن ھەتتا يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن. | 6 |
Ali nisam htjela vjerovati što se pripovijeda dokle god nisam došla i vidjela na svoje oči; i doista, ni pola mi nije bilo rečeno o tvojoj velikoj mudrosti; nadvisio si glas koji sam slušala.
سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلىرى نەقەدەر بەختلىكتۇر! | 7 |
Blago tvojim ljudima i tvojim slugama koji stoje pred tobom i slušaju tvoju mudrost!
سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! خۇدالىرى ئىسرائىلغا باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇلارنى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرسۇن دەپ ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى ئۇلار ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى، دېدى. | 8 |
Neka je blagoslovljen Jahve, tvoj Bog, komu si tako omilio da te postavio na svoje prijestolje da kraljuješ umjesto Jahve, svojega Boga, jer Bog tvoj ljubi Izraela da bi ga održao dovijeka; i zato je postavio tebe za kralja da činiš pravo i pravicu.”
ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس | 9 |
Dala je tada kralju sto i dvadeset zlatnih talenata i mnogo miomirisa i dragulja. Nikad više nije bilo takvih miomirisa kakve je kraljica od Sabe dala kralju Salomonu.
(ئوفىردىن ئالتۇنلارنى ئەپكېلىدىغان ھۇرامنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچىنى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. | 10 |
Hiramove sluge, koje su sa Salomonovim slugama donosile zlata iz Ofira, dovezle su također sandalovine i dragulja.
پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەيلەر ياساپ ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇنداق ئېسىل سەندەل ياغىچى يەھۇدا زېمىنىدا بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى). | 11 |
Kralj je napravio i citre i harfe za pjevače: nikad se prije nisu vidjele takve stvari u zemlji judejskoj.
سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوۋغىلىرىدىن ئاشۇرۇپ سوۋغا تۇتتى، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. | 12 |
Kralj Salomon dade kraljici od Sabe što je zaželjela i zatražila, izuzev ono što je sama donijela kralju. Potom ona krenu i sa slugama ode u svoju zemlju.
سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. | 13 |
Zlato što je dolazilo Salomonu svake godine bilo je teško šest stotina šezdeset i šest zlatnih talenata,
بۇ كىرىمدىن باشقا، ئوقەتچى-تىجارەتچىلەر، بارلىق ئەرەب پادىشاھلار ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلارمۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ سۇلايمانغا تاپشۇراتتى. | 14 |
osim onoga što je dolazilo od trgovaca i putujućih prodavača. I svi su arapski kraljevi i zemaljski upravitelji Salomonu donosili zlato i srebro.
سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى. | 15 |
Kralj Salomon načini dvjesta štitova od kovanoga zlata; za svaki je štit upotrijebio šest stotina šekela kovanoga zlata;
شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ يۈز شەكەل ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى. | 16 |
i načini trista štitića od kovanoga zlata; za svaki je štitić utrošio trista zlatnih šekela. Kralj ih je pohranio u kuću zvanu Libanonska šuma.
پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەخت ياساپ، ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. | 17 |
Kralj je napravio i veliko prijestolje od bjelokosti i obložio ga čistim zlatom.
تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى، ئۇنىڭ بىر ئالتۇن پۇتپەرىسى تەخت بىلەن تۇتىشىپ تۇراتتى؛ ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. | 18 |
Prijestolje je imalo šest stepenica i zlatno podnožje sastavljeno s prijestoljem, i ručice s obiju strana prijestolja, a kraj ručica stajala dva lava.
ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى. | 19 |
Dvanaest je lavova stajalo s obiju strana onih šest stepenica. Takvo što nije bilo izrađeno ni u jednom kraljevstvu.
سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارايى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمە ھېسابلىناتتى. | 20 |
Sve posude iz kojih je pio kralj Salomon bijahu zlatne i sve posuđe u kući zvanoj Libanonska šuma bijaše od suhoga zlata; srebro se smatralo bezvrijednim u Salomonovo vrijeme.
چۈنكى پادىشاھنىڭ كېمىلىرى ھۇرامنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە تارشىشقا بېرىپ تۇراتتى؛ «تارشىش كېمە»لەر ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى. | 21 |
Kraljeve su lađe išle u Taršiš s Hiramovim slugama; svake treće godine vraćale su se i dolazile taršiške lađe donoseći zlato i srebro, slonovu kost, majmune i paune.
سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى. | 22 |
Tako je kralj Salomon natkrilio sve zemaljske kraljeve bogatstvom i mudrošću.
خۇدانىڭ سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى؛ | 23 |
Svi su zemaljski kraljevi željeli vidjeti Salomona i čuti mudrost koju mu je Bog ulio u srce.
كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ھەر يىلى ئۇلار بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى. | 24 |
Svatko mu je donosio dar, srebrno i zlatno posuđe, haljine, oružje i miomirise, konje i mazge, iz godine u godinu.
ۋە سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىسىغا قاتىدىغان ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئېغىلى بار ئىدى، شۇنىڭدەك ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. | 25 |
Salomon je imao četiri tisuće konjskih jasala i bojnih kola i dvanaest tisuća konjanika, koje je rasporedio po gradovima bojnih kola i kod kralja u Jeruzalemu.
سۇلايمان [ئەفرات] دەرياسىدىن فىلىستىيە زېمىنىغىچە تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغا قەدەر بولغان بارلىق پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. | 26 |
Vladao je nad svim kraljevima od Rijeke do zemlje filistejske i do egipatske međe.
پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى. | 27 |
Kralj je učinio da u Jeruzalemu bude srebra kao kamenja, a cedrova kao divljih smokava što rastu u Judejskoj nizini.
كىشىلەر ئاتلارنى مىسىردىن ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىن سۇلايمانغا يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇراتتى. | 28 |
Salomon je uvozio konje iz Musrija i iz svih zemalja.
سۇلايماننىڭ باشقا ئەمەللىرى باشتىن ئاخىرىغىچە «ناتان پەيغەمبەرنىڭ بايانلىرى»، «شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ بىشارىتى»، شۇنداقلا نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام توغرۇلۇق «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددو كۆرگۈن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر» دېگەن كىتابلارغا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 29 |
Ostala djela Salomonova, od prvih do posljednjih, zapisana su u povijesti proroka Natana, u proročkoj knjizi Šilonjanina Ahije i u proročkoj besjedi vidioca Adona o Nebatovu sinu Jeroboamu.
سۇلايمان يېرۇسالېمدا تۇرۇپ پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. | 30 |
Salomon je vladao u Jeruzalemu nad svim Izraelom četrdeset godina.
سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ خالايىق ئۇنى ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ ئوغلى رەھوبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 31 |
Potom je počinuo kod otaca i sahranili su ga u gradu oca mu Davida, a na njegovo se mjesto zakraljio sin mu Roboam.