< تارىخ-تەزكىرە 2 6 >
بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛ | 1 |
Bu peytte Sulayman: — Perwerdigar tum qarangghuluq ichide turimen, dep éytqanidi;
لېكىن، [ئى پەرۋەردىگار]، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى. | 2 |
Lékin, [i Perwerdigar], men Séning üchün bir heywetlik makan bolsun dep, Sen menggü turidighan bir öyni yasidim, dédi.
ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. | 3 |
Andin padishah burulup barliq Israil jamaitige bext tilidi; Israilning barliq jamaiti uning aldida turatti.
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئەسلىدە داۋۇتقا: ــ | 4 |
U mundaq dédi: — Israilning Xudasi Perwerdigargha teshekkür-medhiye bolghay! U Öz aghzi bilen atam Dawutqa wede qilghanidi we Öz qoli bilen uni emelge ashurdi. U eslide Dawutqa: —
«مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، ياكى خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران بولۇشقا ھېچقايسى ئادەمنى تاللىمىدىم؛ | 5 |
«Men Öz xelqim Israilni Misir zéminidin élip chiqqan kündin buyan namim üchün bu yerde bir öy salay dep Israilning herqaysi qebililirining sheherliridin héchqaysisini tallimidim, yaki xelqim Israilgha hökümran bolushqa héchqaysi ademni tallimidim;
ھالبۇكى، مەن نامىم شۇ يەردە بولسۇن دەپ يېرۇسالېمنى تاللىدىم ۋە خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى. | 6 |
halbuki, Men namim shu yerde bolsun dep Yérusalémni tallidim we xelqim bolghan Israilgha hökümranliq qilsun dep Dawutni tallidim» dégenidi.
ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى. | 7 |
Emdi atam Dawutning Israilning Xudasi Perwerdigarning namigha atap bir öy sélish arzu-niyiti bar idi.
بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛ | 8 |
Biraq Perwerdigar atam Dawutqa: «Könglüngde Méning namimgha bir öy yasashqa qilghan niyiting yaxshidur;
ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى. | 9 |
emma shu öyni sen yasimaysen, belki pushtungdin bolidighan oghlung, u Méning namimgha atap shu öyni salidu», dégenidi.
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم. | 10 |
Mana emdi Perwerdigar Öz sözige emel qildi. Men Perwerdigar wede qilghinidek, atamning ornini bésip, Israilning textige olturdum; Israilning Xudasi Perwerdigarning namigha atap bu öyni saldim.
مەن بۇ ئۆيدە ئەھدە ساندۇقىنى قويدۇم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدە [تاختىلىرى] باردۇر» دېدى. | 11 |
Men bu öyde ehde sanduqini qoydum; ehde sanduqi ichide Perwerdigarning Israillar bilen tüzgen ehde [taxtiliri] bardur» dédi.
ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: ــ | 12 |
Andin Sulayman Israilning barliq jamaitige yüzlinip, Perwerdigarning qurban’gahining aldida turup qollirini kötürüp: —
(چۈنكى بايا سۇلايمان مىستىن ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز كېلىدىغان بىر پەشتاق ياسىتىپ، تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرغانىدى. ئۇ ئەنە شۇ پەشتاق ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاسمانغا قاراپ غۇلىچىنى يايغانىدى) | 13 |
(chünki baya Sulayman mistin uzunluqi besh gez, kengliki besh gez, égizliki üch gez kélidighan bir peshtaq yasitip, tashqiriqi hoylining otturisigha jaylashturghanidi. U ene shu peshtaq üstige chiqip turup, pütkül Israil jamaiti aldida yükünüp olturup, asman’gha qarap ghulichini yayghanidi)
ــ ئۇ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە ئاسماندا نە زېمىندا سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ سېنىڭ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان ئۆز قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن. | 14 |
— u mundaq dua qildi: — I Israilning Xudasi Perwerdigar! Ne asmanda ne zéminda Sendek Xuda yoqtur; Séning aldingda pütün qelbi bilen mangidighan Öz qulliring üchün ehdengde turup özgermes muhebbitingni körsitisen.
چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭنى مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋۇجۇدقا چىقاردىڭ. | 15 |
Chünki Sen Öz qulung atam Dawutqa bergen wedide turdung; Sen Öz aghzing bilen éytqan sözüngni mana bügünkidek Öz qolung bilen wujudqa chiqarding.
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك، قانۇنۇمغا ئەمەل قىلىپ ماڭسىلا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن. | 16 |
Emdi hazir, i Israilning Xudasi Perwerdigar, Öz qulung atam Dawutqa: — «Eger séning ewladliring öz yollirigha segek bolup sen Méning aldimda mangghandek, qanunumgha emel qilip mangsila, sanga ewladingdin Israilning textide olturidighan bir zat kem bolmaydu» dep bergen wedengde turghaysen.
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن! | 17 |
Emdi hazir, i Israilning Xudasi, Sen qulung Dawutqa éytqan sözliring emelge ashurulghay, dep ötünimen!
لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ئىنسانلار بىلەن ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمايدىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! | 18 |
Lékin Xuda Özi rastla yer yüzide insanlar bilen makan qilamdu? Mana, asmanlar bilen asmanlarning asmini Séni sighduralmaydighan yerde, men yasighan bu öy qandaqmu Séning makaning bolalisun?!
لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن. | 19 |
Lékin i Perwerdigar Xudayim, qulungning dua we iltijasigha qulaq sélip, qulungning Sanga kötürgen nidasi we tilikini anglighaysen.
شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىمنى ئۇ يەردە ئايان قىلىمەن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. | 20 |
Shuning bilen Öz közliringni kéche-kündüz bu öyge, yeni Sen: «Méning namimni u yerde ayan qilimen» dep éytqan jaygha kéche-kündüz tikkeysen; Öz qulungning u jaygha qarap qilghan duasigha qulaq salghaysen.
قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن. | 21 |
Qulung we xelqing Israil bu jaygha qarap dua qilghan chaghda, ularning iltijalirigha qulaq sélip, Öz makaning qilghan asmanlardin turup anglighaysen, anglighiningda ularni kechürgeysen.
ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە، | 22 |
Eger birsi öz qoshnisigha gunah qilsa we shundaqla ishning rast-yalghanliqini békitish üchün qesem ichküzülse, bu qesem bu öydiki qurban’gahingning aldigha kelse,
سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن. | 23 |
Sen qesemni asmanda turup anglap, amal qilip Öz bendiliring otturisida höküm chiqarghaysen; gunahi bar ademning gunahini özige qayturup, öz yolini öz béshigha yandurup, gunahsiz ademni aqlap öz adilliqigha qarap uninggha heqqini bergeysen.
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، يامانلىقىدىن قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا، | 24 |
Öz xelqing Israil Séning aldingda gunah qilghini üchün düshmendin yéngilse, yamanliqidin qaytip bu öyde turup, namingni étirap qilip sanga dua bilen iltija qilsa,
سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن. | 25 |
Sen asmanda anglap, Öz xelqing Israilning gunahini kechürüp, ularni Sen ata-bowilirigha we özlirige teqdim qilghan zémin’gha qayturup kelgeysen.
ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، | 26 |
Ular Sanga gunah qilghini üchün asman étilip yamghur yaghmaydighan qiliwétilgen bolsa, lékin ular bu jaygha qarap Sanga dua qilip namingni étirap qilip, Séning ularni qiyinchiliqqa salghining tüpeylidin öz gunahidin yénip towa qilsa,
سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن! | 27 |
Sen asmanda turup qulaq sélip, qulliringning we xelqing Israilning gunahini kechürgeysen; chünki Sen ulargha méngish kérek bolghan yaxshi yolni ögitisen we Öz xelqingge miras qilip bergen zéminning üstige yamghur yaghdurisen!
ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا، | 28 |
Eger zéminda acharchiliq ya waba bolsa, ya ziraetler dan almisa ya hal chüshse ya uni chéketkiler yaki chéketke lichinkiliri bésiwalsa, ya düshmenler ularning zémindiki sheherlirining qowuqlirigha hujum qilip qorshiwalsa, ya herqandaq apet ya késellik bolsa,
ئۇنداقتا بارلىق خەلقىڭ ئىسرائىل بولسۇن، ھەرقانداق كىشى بولسۇن، ئۆزىگە كەلگەن ئاپەتنى ۋە ئۆز دەردىنى بىلىپ، قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، مەيلى قانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلسۇن، | 29 |
undaqta barliq xelqing Israil bolsun, herqandaq kishi bolsun, özige kelgen apetni we öz derdini bilip, qollirini bu öyge sunup, meyli qandaq dua yaki iltija qilsun,
ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن، سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، پەقەت سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛ | 30 |
emdi Sen turuwatqan makaning asmanda turup anglap, kechürüm qilghaysen, Sen herbir ademning qelbini bilgechke, özining yollirini özige yandurghaysen (chünki Senla, peqet Senla hemme insan balilirining qelblirini bilgüchidursen);
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقۇپ يوللىرىڭدا ماڭىدىغان بولىدۇ. | 31 |
shundaq qilip, ular Sen ata-bowilirimizgha teqdim qilghan zéminda olturup ömrining hemme künliride Sendin qorqup yolliringda mangidighan bolidu.
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا، ئۇ كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا، | 32 |
Öz xelqing Israildin bolmighan, Séning ulugh naming, qudretlik qolung we sozghan biliking tüpeylidin yiraq-yiraqlardin kelgen musapir bolsa, u kélip bu öy terepke qarap dua qilsa,
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ. | 33 |
Sen turuwatqan makaning bolghan asmanlarda uninggha qulaq sélip, u musapir Sanga nida qilip tiliginining hemmisige muwapiq qilghaysen; shuning bilen yer yüzidiki barliq eller namingni tonup yétip, Öz xelqing Israildek Sendin qorqidighan bolup, men yasighan bu öyning Séning naming bilen atalghinini bilidu.
ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا، | 34 |
Eger Séning xelqing Séning tapshuruqung bilen düshmini bilen jeng qilishqa chiqqanda, Sen tallighan bu sheherge, shundaqla men naminggha atap yasighan bu öy terepke qarap Sen Perwerdigargha dua qilsa,
سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن. | 35 |
Sen asmanlarda turup ularning duasi bilen iltijasigha qulaq sélip, ularni nusretke érishtürgeysen.
ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆز زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا، | 36 |
Eger ular Sanga gunah sadir qilghan bolsa (chünki gunah qilmaydighan héchkishi yoqtur) Sen ulargha ghezeplinip, ularni düshmenlirining qoligha tapshurghan bolsang, bular ularni yiraq-yéqin’gha, öz zéminigha sürgün qilip élip barghan bolsa,
لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا، | 37 |
lékin ular sürgün qilin’ghan yurtta es-hoshini tépip towa qilip, özi sürgün bolghan yurtta Sanga: — Biz gunah qilip, qebihlikke bérilip Sendin yüz örüp kettuq, dep yélinsa,
ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ دۇئا قىلسا، | 38 |
— eger ularni sürgün qilghanlarning zéminida pütün qelbi we pütün jénidin Séning teripingge yénip, Sen ularning ata-bowilirigha teqdim qilghan zémin’gha, Sen tallighan sheher terepke we men naminggha atap yasighan bu öy terepke yüzini qilip dua qilsa,
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ | 39 |
Sen turuwatqan makaning bolghan asmanlarda turup ularning duasi we iltijalirini anglap ular üchün höküm chiqirip, Öz xelqingning Sanga sadir qilghan gunahini kechürüm qilghaysen;
ئەمدى ئى خۇدايىم، سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قىلغان دۇئالارغا كۆزۈڭ ئوچۇق، قۇلىقىڭ دىڭ بولغاي! | 40 |
emdi i Xudayim, Sendin ötünimen, bu yerde qilghan dualargha közüng ochuq, quliqing ding bolghay!
ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى بولغان ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگەيسەن! كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيدۈرۈلسۇن، مۆمىن بەندىلىرىڭ ياخشىلىقىڭدىن شادلانسۇن! | 41 |
Emdi ornungdin turghin, i Perwerdigar Xuda, Sen qudritingning ipadisi bolghan ehde sanduqung bilen, Öz aramgahinggha kirgeysen! Kahinliring heqqaniyliq bilen kiydürülsun, Mömin bendiliring yaxshiliqingdin shadlansun!
ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتقا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!». | 42 |
I Perwerdigar Xuda, Özüng mesih qilghiningning yüzini yandurmighaysen; Qulung Dawutqa körsetken özgermes muhebbitingni ésingde tutqaysen!».