< تارىخ-تەزكىرە 2 5 >
شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلىدىغان بارلىق قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت [خۇداغا] ئاتاپ بېغىشلىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە ھەممە باشقا بۇيۇملارنى) ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى. | 1 |
Bere a Salomo wiee Awurade Asɔredan no si ho dwumadi no, ɔde akyɛde a nʼagya, Ɔhene Dawid, de maa Awurade, a ɛyɛ dwetɛ, sikakɔkɔɔ ne nneɛma a aka no bae. Wɔkoraa eyinom nyinaa wɔ Onyankopɔn Asɔredan no sikakorabea hɔ.
شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقا چاقىردى. | 2 |
Afei, Salomo frɛɛ mmusuakuw ne mmusua ntuanofo a wɔwɔ Israel nyinaa sɛ wommehyia wɔ Yerusalem. Na ɛsɛ sɛ woyi Awurade Apam Adaka no fi baabi a esi wɔ Dawid kurow a na wɔsan frɛ hɔ Sion no, de kɔ beae foforo wɔ Asɔredan no mu hɔ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدا، بېكىتىلگەن ھېيتتا پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى | 3 |
Ɔsram Bul (bɛyɛ Ahinime) a wɔredi afirihyia Asese Afahyɛ no, wɔn nyinaa behyiaa wɔ ɔhene anim.
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ [ماڭدى]. | 4 |
Bere a Israel mpanyimfo beduu hɔ no, Lewifo no pagyaw Adaka no
ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بولغان لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى. | 5 |
ne ntamadan sononko ne ɛho nneɛma kronkron no nyinaa. Lewifo asɔfo no soa kɔɔ Asɔredan no mu.
سۇلايمان پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىنى قۇربانلىق قىلىۋاتاتتى. | 6 |
Ɔhene Salomo ne Israelfo no nyinaa twaa nguan ne anantwi a wɔn dodow nti, obi ntumi nkan wɔn, de bɔɔ afɔre wɔ adaka no anim.
كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. | 7 |
Afei, asɔfo no maa Awurade Apam Adaka no so, de kɔɔ Asɔredan no kronkronbea a ɛhɔ yɛ Kronkron mu Kronkron hɔ. Wɔde sii kerubim no ntaban ase.
كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. | 8 |
Na kerubim no ntaban trɛw wɔ Adaka a ne nnua hyehyɛ ho no so, te sɛ kyinii.
بۇ بالداقلار ساندۇقنىڭ تۇتقۇچلىرىدىن ناھايىتى ئۇزۇن چىقىپ تۇرغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. | 9 |
Na nnua no woware yiye; enti sɛ obi gyina Asɔredan no ano kwan ano a ohu. Ne nyinaa da so wɔ hɔ besi nnɛ.
ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاختايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى). | 10 |
Na biribiara nni adaka no mu sɛ abo apon abien a Mose de guu mu wɔ Horeb, bere a Awurade ne Israelfo a na wɔatu afi Misraim no yɛɛ apam no.
كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشتى (شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق كاھىنلار، ئۆز نۆۋىتىگە قارىماي ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلىغانىدى؛ | 11 |
Afei, asɔfo no fii kronkronbea hɔ. Saa bere yi, na asɔfo a wɔwɔ hɔ no nyinaa, sɛ wɔwɔ dwuma bi di anaa wonni hwee yɛ, adwira wɔn ho.
نەغمە-ناۋاچى بارلىق لاۋىيلار، جۈملىدىن ئاساف، ھېمان، يەدۇتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى چەكمەن تونلىرىنى كىيىشىپ، قۇربانگاھنىڭ شەرقىدە تۇرۇپ چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلار چېلىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار بىلەن بىللە كاناي چېلىۋاتقان يەنە بىر يۈز يىگىرمە كاھىن بار ئىدى) | 12 |
Lewifo nnwontofo, Asaf, Heman, Yedutun, wɔn mmabarima ne wɔn nuanom nyinaa hyehyɛɛ nwera batakari gyinagyinaa afɔremuka no apuei fam, na wɔbɔɔ kyɛnkyɛn, mmɛnta ne asankuten. Asɔfo ɔha aduonu a wɔrehyɛn torobɛnto bɛkaa wɔn ho.
ۋە شۇنداق بولدۇكى، كانايچىلار بىلەن نەغمە-ناۋاچىلار ھەممىسى بىردەك چېلىپ، بىر ئاۋاز بىلەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىۋاتقاندا، يەنى كانايلار، جاڭلار ۋە ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر» دەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەۋاتقاندا ــ شۇ ھامان ئىبادەتخانا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىر بۇلۇت بىلەن تولدۇرۇلدى؛ | 13 |
Ntorobɛntohyɛnfo ne nnwontofo no nyinaa bɔɔ mu too dwom de kamfoo Awurade, daa no ase. Wɔde ntorobɛnto, kyɛnkyɛn ne nnwontode ahorow bɛkaa wɔn ho, maa wɔn nne so kamfoo Awurade sɛ: “Oye! Na nʼadɔe wɔ hɔ daa!” Saa bere no mu ara, omununkum bɛhyɛɛ Awurade asɔredan no ma.
كاھىنلار ئەشۇ بۇلۇت تۈپەيلىدىن ۋەزىپىلىرىنى ئۆتۈشكە تۇرالمايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى خۇدانىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى. | 14 |
Asɔfo no antumi antoa wɔn adwuma no so, efisɛ Awurade anuonyam bɛhyɛɛ Onyankopɔn Asɔredan no ma.