< تارىخ-تەزكىرە 2 4 >
ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ئون گەز كېلىدىغان بىر مىس قۇربانگاھ ياساتتى. | 1 |
Uzunluqi yigirme gez, kengliki yigirme gez, égizliki on gez kélidighan bir mis qurban’gah yasatti.
ئۇ مىستىن «دېڭىز» ياساتتى؛ ئۇنىڭ شەكلى دۈگىلەك بولۇپ، ئۇ گىرۋىكىدىن بۇ گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئايلانمىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. | 2 |
U mistin «déngiz» yasatti; uning shekli dügilek bolup, u girwikidin bu girwikigiche on gez kéletti; égizliki besh gez, aylanmisi ottuz gez idi.
«دېڭىز»نىڭ سىرتقى ئاستا قىسمى بۇقىنىڭ شەكلى بىلەن چۆرۈلدۈرۈپ بېزەلگەن بولۇپ، بۇقىلار ھەربىر گەزگە ئوندىن، ئىككى قاتار قىلىنىپ، مىس «دېڭىز» بىلەن تەڭ قۇيۇپ چىقىلغانىدى. | 3 |
«Déngiz»ning sirtqi asta qismi buqining shekli bilen chörüldürüp bézelgen bolup, buqilar herbir gezge ondin, ikki qatar qilinip, mis «déngiz» bilen teng quyup chiqilghanidi.
مىس «دېڭىز»نى ئون ئىككى مىس بۇقا كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قاراپ تۇراتتى. «دېڭىز» بۇقىنىڭ دۈمبىسىگە ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۇقىلارنىڭ قۇيرۇقى ئىچى تەرەپتە ئىدى. | 4 |
Mis «déngiz»ni on ikki mis buqa kötürüp turatti; uning üchi shimalgha, üchi gherbke, üchi jenubqa, üchi sherqqe qarap turatti. «déngiz» buqining dümbisige yatquzulghan bolup, buqilarning quyruqi ichi terepte idi.
مىس دېڭىزنىڭ قېلىنلىقى بىر ئالقان بولۇپ، چۆرىسى چىنىنىڭ گىرۋىكىدەك نىلۇپەر شەكلىدە قىلىنغان، ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بات سۇ پاتاتتى. | 5 |
Mis déngizning qélinliqi bir alqan bolup, chörisi chinining girwikidek niluper sheklide qilin’ghan, uninggha üch ming bat su patatti.
ئۇ يەنە ئون «يۇيۇش دېسى» ياسىتىپ، بەشىنى مىس دېڭىزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، بەشىنى سول تەرىپىگە قويغۇزدى؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئىشلىتىدىغان بۇيۇم-ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ داسلاردا يۇيۇلاتتى؛ «دېڭىز» بولسا كاھىنلارنىڭ يۇيۇنۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. | 6 |
U yene on «yuyush dési» yasitip, beshini mis déngizning ong teripige, beshini sol teripige qoyghuzdi; köydürme qurbanliqlargha ishlitidighan buyum-eswablirining hemmisi shu daslarda yuyulatti; «déngiz» bolsa kahinlarning yuyunushi üchün ishlitiletti.
ئۇ يەنە بەلگىلەنگەن شەكىلدە ئون ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە ئورناتتى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويدۇردى. | 7 |
U yene belgilen’gen shekilde on altun chiraghdan yasitip muqeddes jayning ichige ornatti; uning beshini ong terepke, beshini sol terepke qoydurdi.
يەنە ئون شىرە ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە قويغۇزدى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويغۇزدى. ئۇ يەنە يۈز دانە ئالتۇن چىنە ياساتتى. | 8 |
Yene on shire yasitip muqeddes jayning ichige qoyghuzdi; uning beshini ong terepke, beshini sol terepke qoyghuzdi. U yene yüz dane altun chine yasatti.
ئۇ يەنە «كاھىنلار ھويلىسى»، چوڭ ھويلا ۋە چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ياساتتى ۋە دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسىنى مىس بىلەن قاپلاتتى. | 9 |
U yene «kahinlar hoylisi», chong hoyla we chong hoylining derwazilirini yasatti we derwazilarning hemmisini mis bilen qaplatti.
ئۇ مىس «دېڭىز»نى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويغۇزدى. | 10 |
U mis «déngiz»ni ibadetxanining ong teripige, yeni sherqiy jenub teripige qoyghuzdi.
ھۇرام يەنە قازان، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنى ئەتكۈزدى. ھۇرام شۇ تەرىقىدە سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتتۈردى، | 11 |
Huram yene qazan, kürek we qacha-quchilarni etküzdi. Huram shu teriqide Sulayman padishah üchün Xudaning öyining barliq qurulush xizmitini püttürdi,
يەنى ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى. | 12 |
Yeni ikki tüwrük, ikki tüwrükning üstidiki apqursiman ikki bash we bu ikki bashni yépip turidighan ikki torni yasitip püttürdi.
شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى؛ بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. | 13 |
Shu ikki tor üstige qaychilashturulghan töt yüz anarni yasatti; bir torda ikki qatar anar bolup, tüwrük üstidiki apqursiman ikki bashni yépip turatti.
ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، | 14 |
U on das tegliki we das teglikige qoyulidighan on «yuyush dési»ni,
«مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى. | 15 |
«mis déngiz» we uning astidiki on ikki mis buqini yasatquzdi.
قازان، كۈرەك، ۋىلكا-ئىلمەكلەر، ۋە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسۋابلارنى ھۇرام-ئابى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى دەپ سۇلايمان پادىشاھقا پارقىرايدىغان مىستا ياسىتىپ بەردى. | 16 |
Qazan, kürek, wilka-ilmekler, we munasiwetlik barliq eswablarni Huram-Abi Perwerdigarning öyini dep Sulayman padishahqa parqiraydighan mista yasitip berdi.
پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زەرەداتاھ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىز لايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. | 17 |
Padishah bularni Iordan tüzlenglikide, Sukkot bilen Zeredatah otturisida, [shu yerdiki] séghiz layda qélip yasap, quydurup chiqti.
سۇلايمان ياساتقۇزغان بۇ ئەسۋابلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىدى؛ كەتكەن مىسنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بولمايتتى. | 18 |
Sulayman yasatquzghan bu eswablarning sani intayin köp idi; ketken misning éghirliqini ölchep bolmaytti.
سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان شىرەلەرنى | 19 |
Sulayman yene Xudaning öyi ichidiki barliq eswablarni yasatti — yeni altun xushbuygahni, «teqdim nan» qoyulidighan shirelerni
ۋە ساپ ئالتۇندا قىلىنغان چىراغدانلار بىلەن چىراغلىرىنى ياساتقۇزدى؛ بۇ چىراغلار بەلگىلىمە بويىچە ئىچكى «كالامخانا» ئالدىدا ياندۇرۇش ئۈچۈن بولدى. | 20 |
we sap altunda qilin’ghan chiraghdanlar bilen chiraghlirini yasatquzdi; bu chiraghlar belgilime boyiche ichki «kalamxana» aldida yandurush üchün boldi.
ئۇ يەنە چىراغداننىڭ گۈللىرى، چىراغ ۋە پىلىك قايچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى (ئۇلار ساپ ئالدۇندىن ئىدى). | 21 |
U yene chiraghdanning gülliri, chiragh we pilik qaychilirining hemmisini altundin qildurdi (ular sap aldundin idi).
ئۇ يەنە پېچاقلار، تاۋاقلار، پىيالە-قاچا ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن قىلدۇردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى، يەنى ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىچكى قاتلىما ئىشىكلەر ۋە ئۆينىڭ «مۇقەددەس جاي»ىنىڭ تاشقىرىقى ئىشىكلىرىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى. | 22 |
U yene péchaqlar, tawaqlar, piyale-qacha we küldanlarning hemmisini sap altundin qildurdi. U öyning ishiklirini, yeni ichidiki eng muqeddes jaygha kiridighan ichki qatlima ishikler we öyning «muqeddes jay»ining tashqiriqi ishiklirini altundin qildurdi.