< تارىخ-تەزكىرە 2 35 >
يوسىيا پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزمەكچى بولدى؛ بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويدى. | 1 |
茲にヨシア、ヱルサレムにおいてヱホバに逾越節を行はんとし正月の十四日に逾越の物を宰らしめ
پادىشاھ كاھىنلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. | 2 |
祭司をしてその職を執行はせ之を勵してヱホバの室の務をなさしめ
ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشقا تەلىم بەرگۈچى لاۋىيلارغا: ــ سىلەر مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىنى ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئۆيگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭلار؛ ئەمدى ئۇنى مۈرەڭلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈش ۋەزىپىسى قالمىدى. ئەمدى سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقى ئىسرائىلنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. | 3 |
またヱホバの聖者となりてイスラエルの人衆を誨ふるレビ人に言ふ汝らイスラエルの王ダビデの子ソロモンが建たる家に聖契約の匱を放け再び肩に擔ふこと有ざるべし然ば今汝らの神ヱホバおよびその民イスラエルに事ふべし
شۇنىڭ ئۈچۈن جەمىتىڭلار ۋە نۆۋەت-گۇرۇپپاڭلار بويىچە، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ يازغىنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ يازغىنىغا ئاساسەن، ئۆزۈڭلارنى ئوبدان تەييارلاڭلار. | 4 |
汝らまたイスラエルの王ダビデの書およびその子ソロモンの書に本づきて父祖の家に循がひその班列に依て自ら準備をなし
سىلەر ئۆز ئاتا جەمەتلىرىڭلارنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئىبارەت شۇ ئاددىي خەلق-پۇقرالار جەمەت-جەمەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ، مۇقەددەسگاھتا تۇرىسىلەر؛ ھەربىر گۇرۇپپىدا لاۋىي جەمەتىدىن بىرنەچچە ئادەم بولسۇن. | 5 |
汝らの兄弟なる民の人々の宗家の區分に循ひて聖所に立ち之にレビ人の宗族の分缺ること無らしむべし
سىلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويۇسىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار، [ئىسرائىلدىكى] قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلىغان سۆز-كالامىغا بېقىنىشى ئۈچۈن، ھەممە ئىشنى تەييار قىلىڭلار، دېدى. | 6 |
汝ら逾越の物を宰り身を潔め汝らの兄弟のために準備をなしモーセが傳へしヱホバの言のごとく行ふべしと
يوسىيا شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق خەلق-پۇقرالارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان قۇربانلىقى بولسۇن دەپ، جەمئىي ئوتتۇز مىڭ قوزا ۋە ئوغلاق، ۋە يەنە ئۈچ مىڭ بۇقا ھەدىيە قىلدى؛ بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ مېلىدىن چىقىرىلغانىدى. | 7 |
ヨシアすなはち羔羊および羔山羊を民の人々に餽る其數三萬また牡牛三千を餽る是みな王の所有の中より出して其處に居る一切の人のために逾越の祭物となせるなり
ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خەلققە ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارغا قۇربانلىق مېلى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچىلاردىن ھىلقىيا، زەكەرىيا ۋە يەھىيەلمۇ ئىككى مىڭ ئالتە يۈز قوزا-ئۆچكە بىلەن ئۈچ يۈز بۇقىنى كاھىنلارغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ تاپشۇردى. | 8 |
その牧伯等も民と祭司とレビ人に誠意より與ふる所ありまた神の室の長等ヒルキヤ、ゼカリヤ、ヱヒエルも綿羊二千六百牛三百を祭司に與へて逾越の祭物と爲す
لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرى بولغان كونانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا بىلەن نەتانەل، شۇنداقلا ھاشابىيا، جەئىيەل ۋە يوزابادمۇ بەش مىڭ قوزا بىلەن بەش يۈز بۇقىنى لاۋىيلارنىڭ ھېيتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى. | 9 |
またレビ人の長たる人々すなはちコナニヤおよびその兄弟シマヤ、ネタンエル並にハシヤビヤ、ヱイエル、ヨザバデなども綿羊五千牛五百をレビ人に餽りて逾越の祭物となす
شۇنداق قىلىپ، ئۆتىلىدىغان ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، كاھىنلار ئۆز ئورنىدا تۇردى، لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە تۇرۇشتى. | 10 |
是のごとく献祭の事備はりぬれば王の命にしたがひて祭司等はその擔任場に立ちレビ人はその班列に循がひ居り
لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى بوغۇزلىدى؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ قۇربانگاھقا سەپتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لاۋىيلار قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىنى سويدى. | 11 |
やがて逾越の物を宰りければ祭司その血をこれが手より受て洒げりレビ人その皮を剥り
كۆيدۈرمە قۇربانلىققا سۇنۇلىدىغان ماللارنى بولسا، ئۇلار خەلق-پۇقرالارغا ۋەكىل بولغان جەمەتلەر بويىچە خەلققە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنى مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنىغا مۇۋاپىق، پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا تەييارلىدى. سۇنۇلىدىغان بۇقىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. | 12 |
かくて燔祭の物を移して民の人々の父祖の家の區分に付してヱホバに献げしむモーセの書に記されたるが如し其牛に行ふところも亦是のごとし
ئاندىن بەلگىلىمە بويىچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزا-ئۆچكىلەرنى ئوتقا قاقلاپ كاۋاپ قىلدى؛ باشقا قۇربانلىقلاردىن قالغان، يەنى خۇداغا ئاتالغان قىسىملارنى قازاندا، داڭقاندا ياكى داستا پىشۇرۇپ تېزدىن خەلق-پۇقرالارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى؛ | 13 |
而して例規のごとくに逾越の物を火にて炙りその他の聖物を鍋釜鼎などに烹て一切の民の人々に奔配れり
شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلارغا قۇربانلىقلاردىن تەييارلىدى، چۈنكى كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى كەچ كىرگۈچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ۋە مايلارنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى؛ شۇڭا لاۋىيلار ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ قۇربانلىقلاردىن [گۆش] تەييارلاپ قويۇشتى. | 14 |
かくて後かれら自身のためと祭司等のために備ふ其はアロンの子孫たる祭司等は燔祭と脂を献げて夜に入たればなり是に因て斯レビ人自分のためとアロンの子孫たる祭司等のために備ふるなり
ناۋا-نەغمىچىلەر، يەنى ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇت، ئاساف، ھېمان ۋە [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى يەدۇتۇننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ھەرقايسىسى ئۆز دەرۋازىسى ئالدىدا تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئاجرىشىنىڭ ھاجىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار قۇربانلىقلاردىن تەييارلاپ قوياتتى. | 15 |
アサフの子孫たる謳歌者等はダビデ、アサフ、ヘマンおよび王の先見者ヱドトンの命にしたがひてその擔任場に居り門を守る者等は門々に居てその職務を離るるに及ばざりき其はその兄弟たるレビ人これがために備へたればなり
شۇنداق قىلىپ، شۇ بىر كۈن ئىچىدە يوسىيا پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇلۇشى بىلەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەت تولۇق ئورۇنلاندى. | 16 |
斯のごとく其日ヱホバの献祭の事ことごとく備はりければヨシア王の命にしたがひて逾越節を行ひヱホバの壇に燔祭を献げたり
شۇ چاغدا ھازىر بولغان ئىسرائىللار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. | 17 |
即ち其處に來れるイスラエルの子孫その時逾越節を行ひ七日の間酵いれぬパンの節を行へり
سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىن بۇيان ئىسرائىلدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى مۇنداق ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىمۇ يوسىيا، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە شۇ يەردە ھازىر بولغان يەھۇدالار بىلەن ئىسرائىللار ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۆتكۈزگەندەك مۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. | 18 |
預言者サムエルの日より以來イスラエルにて是のごとくに逾越節を行ひし事なし又イスラエルの諸王の中にはヨシアが祭司レビ人ならびに來りあつまれるユダとイスラエルの諸人およびヱルサレムの民とともに行ひし如き逾越節を行ひし者一人もあらず
بۇ قېتىمقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يوسىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۆتكۈزۈلدى. | 19 |
この逾越節はヨシアの治世の十八年に行ひしなり
يوسىيا [مۇقەددەس] ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى مۇشۇنداق تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھى نەقو ئەفرات دەرياسىنىڭ بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىدە ئۇرۇشقا چىقتى، يوسىيا ئۇنىڭ ئالدىنى توسقىلى چىقتى. | 20 |
是のごとくヨシア殿をととのへし後エジプトの王ネコ、ユフラテの邊なるカルケミシを攻撃んとて上り來りけるにヨシアこれを禦がんとて出往り
نەقو يوسىيانىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «ئى يەھۇدا پادىشاھى، ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارلىرى بار؟ بۈگۈن مەن سىلى بىلەن ئۇرۇشقىلى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان جەمەت بىلەن ئۇرۇشقىلى چىققانمەن؛ يەنە كېلىپ، خۇدا مېنى تېز ھۇجۇم قىل، دېدى؛ خۇدانىڭ سىلىنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىشىغا كاشىلا قىلمىسىلا، چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىلەن بىللىدۇر» دېدى. | 21 |
是においてネコ使者をかれに遣はして言ふユダの王よ是あに汝の與る所ならんや今日は汝を攻んとには非ず我敵の家を攻んとするなり神われに命じて急がしむ神われとともにあり汝神に逆ふことを罷よ恐らくは彼なんぢを滅ぼしたまはんと
لېكىن يوسىيا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشتىن يانمىدى، ئەكسىچە ئۆزىنى نىقابلاپ ئۇنىڭغا جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئۇ خۇدانىڭ نەقونىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقان گېپىگە قۇلاق سالماي، مەگىددو تۈزلەڭلىكىگە كېلىپ نەقو بىلەن تۇتۇشتى. | 22 |
然るにヨシア面を轉して去ことを肯はず却てこれと戰はんとて服装を變へ神の口より出しネコの言を聽いれずしてメギドンの谷に到りて戰ひけるが
ئوقياچىلار يوسىيا پادىشاھقا ئوق ئېتىپ ئۇنىڭغا [تەگكۈزدى]؛ پادىشاھ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى. | 23 |
射手の者等ヨシア王に射中たれば王その臣僕にむかひて我を扶け出せ我太痍を負ふと言り
ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يۆلەپ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىغا ياتقۇزۇپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ مېڭىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى؛ بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يوسىياغا تەزىيە تۇتۇشتى. | 24 |
是においてその臣僕等かれをその車より扶けおろし其引せたる次の車に乗てヱルサレムにつれゆきけるが遂に死たればその先祖の墓にこれを葬りぬユダとヱルサレムみなヨシアのために哀しめり
يەرىمىيا [پەيغەمبەر] يوسىيا ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇدى؛ نەغمە-ناۋاچى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى تاكى بۈگۈنگىچە يوسىيانى تەرىپلەپ مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە؛ ئۇ ئىش ئىسرائىلدا بەلگىلىمىگە ئايلاندى. مانا بۇلار «مەرسىيەلەر» دېگەن كىتابقا پۈتۈلگەندۇر. | 25 |
時にヱレミヤ、ヨシアのために哀歌を作れり謳歌男謳歌女今日にいたるまでその哀歌の中にヨシアの事を述べイスラエルの中に之を例となせりその詞は哀歌の中に書さる
يوسىيانىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات كىتابىدا يېزىلغانلىرىغا ئەگەشكەن ياخشى ئەمەللىرى، | 26 |
ヨシアのその餘の行爲そのヱホバの律法に録されたる所にしたがひて爲し徳行
قىلغانلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە ھەممىسى «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. | 27 |
およびその始終の行爲などはイスラエルとユダの列王の書に記さる