< تارىخ-تەزكىرە 2 34 >
يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. | 1 |
Yosiya padixaⱨ bolƣanda sǝkkiz yaxta bolup, Yerusalemda ottuz bir yil sǝltǝnǝt ⱪildi.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. | 2 |
U Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ durus bolƣanni ⱪilip, ⱨǝr ixta atisi Dawutning yollirida yürüp, nǝ ongƣa nǝ solƣa qǝtnǝp kǝtmidi.
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلى، ئۇ تېخى گۈدەك چېغىدىلا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ خۇداسىنى ئىزلەشكە باشلىدى؛ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكى «يۇقىرى جايلار»، ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما بۇتلار ۋە قۇيما بۇتلارنى يوقىتىپ، زېمىننى پاكىزلاشقا كىرىشتى. | 3 |
Uning sǝltǝnitining sǝkkizinqi yili, u tehi güdǝk qeƣidila, atisi Dawutning Hudasini izlǝxkǝ baxlidi; sǝltǝnitining on ikkinqi yiliƣa kǝlgǝndǝ Yǝⱨuda bilǝn Yerusalemdiki «yuⱪiri jaylar», axǝraⱨ mǝbudliri, oyma butlar wǝ ⱪuyma butlarni yoⱪitip, zeminni pakizlaxⱪa kirixti.
خەلق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا «بائاللار»نىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ تاشلىدى؛ ئۇ قۇربانگاھلارنىڭ ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى كېسىپ تاشلىدى؛ ئۇ يەنە ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما-قۇيما بۇتلارنى چېقىپ، ئۇنىڭ توپىسىنى بۇ مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇنغانلارنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى. | 4 |
Hǝlⱪ uning kɵz aldidila «Baallar»ning ⱪurbangaⱨlirini qeⱪip taxlidi; u ⱪurbangaⱨlarning üstigǝ egiz ⱪilip orunlaxturulƣan «kün tüwrükliri»larni kesip taxlidi; u yǝnǝ Axǝraⱨ mǝbudliri, oyma-ⱪuyma butlarni qeⱪip, uning topisini bu mǝbudlarƣa ⱪurbanliⱪ sunƣanlarning ⱪǝbrilirigǝ qeqiwǝtti.
[بۇت] كاھىنلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى قۇربانگاھلىرىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنى پاكىزلىدى. | 5 |
[But] kaⱨinlirining ustihanlirini ⱪurbangaⱨlirining üstidǝ kɵydürüwǝtti; xundaⱪ ⱪilip, u Yǝⱨuda bilǝn Yerusalemni pakizlidi.
ئۇ ماناسسەھ، ئەفرائىم، شىمېئون ھەتتا نافتالىغىچە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋە ئەتراپىدىكى خارابىلەردە شۇنداق قىلدى؛ | 6 |
U Manassǝⱨ, Əfraim, Ximeon ⱨǝtta Naftaliƣiqǝ ularning ⱨǝrⱪaysi xǝⱨǝrliridǝ wǝ ǝtrapidiki harabilǝrdǝ xundaⱪ ⱪildi;
ئۇ قۇربانگاھلارنى چېقىپ، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ۋە ئويما بۇتلارنى كوكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، پۈتۈن ئىسرائىلدىكى خۇشبۇيگاھلارنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتتى. | 7 |
U ⱪurbangaⱨlarni qeⱪip, axǝraⱨ mǝbudliri wǝ oyma butlarni kokum-talⱪan ⱪiliwǝtti, pütün Israildiki «kün tüwrükliri»ning ⱨǝmmisini kesip taxlap, Yerusalemƣa ⱪaytti.
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى يەھۇدا زېمىنىنى ۋە مۇقەددەسخانىنى پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن، ئازالىيانىڭ ئوغلى شافان، شەھەر باشلىقى مائاسېياھ ۋە يوئاھازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاھنى خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلاشقا ئەۋەتتى. | 8 |
Uning sǝltǝnitining on sǝkkizinqi yili Yǝⱨuda zeminini wǝ muⱪǝddǝshanini pakizlap bolƣandin keyin, Azaliyaning oƣli Xafan, xǝⱨǝr baxliⱪi Maaseyaⱨ wǝ Yoaⱨazning oƣli tǝzkiriqi Yoaⱨni Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigarning ɵyini onglaxⱪa ǝwǝtti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باش كاھىن ھىلقىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇلنى تاپشۇردى. بۇ پۇلنى ئەسلىدە دەرۋازىۋەن لاۋىيلار ماناسسەھ، ئەفرائىم ۋە ئىسرائىلنىڭ قالدىسىدىن، شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنىدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەردىن يىغقانىدى. | 9 |
Xuning bilǝn ular bax kaⱨin Ⱨilⱪiyaning aldiƣa kelip, uningƣa Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ beƣixlap ǝkǝlgǝn pulni tapxurdi. Bu pulni ǝslidǝ dǝrwaziwǝn Lawiylar Manassǝⱨ, Əfraim wǝ Israilning ⱪaldisidin, xuningdǝk Yǝⱨuda wǝ Binyamin zeminidikilǝr wǝ Yerusalemdikilǝrdin yiƣⱪanidi.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇلار ھەم پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئىشلىگۈچىلەرگە بەردى؛ | 10 |
Ular Pǝrwǝrdigarning ɵyini ongxaydiƣan ixlarni nazarǝt ⱪilƣuqi ixqilarƣa tapxurup bǝrdi. Bular ⱨǝm pulni Pǝrwǝrdigarning ɵyini ongxax wǝ mustǝⱨkǝmlǝxkǝ ixligüqilǝrgǝ bǝrdi;
ئۇلار بولسا پۇلنى يەھۇدا پادىشاھلىرى خارابىلەشتۈرگەن ئۆي-ئىمارەتلەرگە لازىملىق كېسىپ-ئويۇلغان تاشلارنى ۋە تۈۋرۈك-لىملارغا ياغاچ سېتىۋالىشقا ياغاچچىلار بىلەن تامچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. | 11 |
ular bolsa pulni Yǝⱨuda padixaⱨliri harabilǝxtürgǝn ɵy-imarǝtlǝrgǝ lazimliⱪ kesip-oyulƣan taxlarni wǝ tüwrük-limlarƣa yaƣaq setiwalixⱪa yaƣaqqilar bilǝn tamqilarƣa tapxurup bǝrdi.
بۇ ئادەملەر ساداقەتلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارنى باشقۇرىدىغان، نازارەتكە مەسئۇل لاۋىي مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جاھات بىلەن ئوبادىيا، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام بار ئىدى؛ بۇ لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ھەرخىل سازلارغىمۇ ماھىر ئىدى؛ | 12 |
Bu adǝmlǝr sadaⱪǝtlik bilǝn ixlidi. Ularni baxⱪuridiƣan, nazarǝtkǝ mǝs’ul Lawiy Mǝrarining ǝwladliridin Jaⱨat bilǝn Obadiya, Koⱨatning ǝwladliridin Zǝkǝriya bilǝn Mǝxullam bar idi; bu Lawiylarning ⱨǝmmisi ⱨǝrhil sazlarƣimu maⱨir idi;
ئۇلار يەنە ھامماللار ۋە ھەرخىل ئىشلار ئۈستىدىكى نازارەتچىلەرنى باشقۇراتتى؛ لاۋىيلاردىن پۈتۈكچىلەرمۇ، ئەمەلدارلارمۇ، دەرۋازىۋەنلەرمۇ بار ئىدى. | 13 |
ular yǝnǝ ⱨammallar wǝ ⱨǝrhil ixlar üstidiki nazarǝtqilǝrni baxⱪuratti; Lawiylardin pütükqilǝrmu, ǝmǝldarlarmu, dǝrwaziwǝnlǝrmu bar idi.
ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇللارنى ئېلىپ چىقىدىغان چاغدا، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن تەۋرات قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدى. | 14 |
Ular Pǝrwǝrdigar ɵyigǝ beƣixlap ǝkǝlgǝn pullarni elip qiⱪidiƣan qaƣda, Ⱨilⱪiya kaⱨin Pǝrwǝrdigarning Musaning wastisi bilǝn bǝrgǝn Tǝwrat ⱪanuni kitabini tepiwaldi.
ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تەۋرات-قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ، ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. | 15 |
Ⱨilⱪiya katip Xafanƣa: — Mǝn Pǝrwǝrdigarning ɵyidǝ Tǝwrat-ⱪanuni kitabini tepiwaldim, dedi. Xuni eytip, Ⱨilⱪiya kitabni Xafanƣa bǝrdi.
شافان ئۇنى پادىشاھنىڭ يېنىغا ئاپاردى ۋە ئۇنىڭغا: «خىزمەتكارلىرى تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى بولسا، ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. | 16 |
Xafan uni padixaⱨning yeniƣa apardi wǝ uningƣa: «Hizmǝtkarliri tapxurulƣan ixlarni bolsa, ⱨǝmmisini ada ⱪiliwatidu.
ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە [بېغىشلانغان] پۇللارنى تۆكۈپ، ئۇنى نازارەتچىلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى» دەپ مەلۇمات بەردى. | 17 |
Ular Pǝrwǝrdigar ɵyigǝ [beƣixlanƣan] pullarni tɵküp, uni nazarǝtqilǝr wǝ ixqilarning ⱪoliƣa tapxurup bǝrdi» dǝp mǝlumat bǝrdi.
شافان كاتىپ يەنە پادىشاھقا: ــ ھىلقىيا كاھىن يەنە ماڭا بىر ئورام كىتاپ بەردى دەپ ئۇنى پادىشاھ ئالدىدا ئوقۇدى. | 18 |
Xafan katip yǝnǝ padixaⱨⱪa: — Ⱨilⱪiya kaⱨin yǝnǝ manga bir oram kitab bǝrdi dǝp uni padixaⱨ aldida oⱪudi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى. | 19 |
Wǝ xundaⱪ boldiki, padixaⱨ Tǝwrat ⱪanunidiki sɵzlǝrni anglap, ɵz kiyimlirini yirtti.
پادىشاھ ھىلقىيا بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ | 20 |
Padixaⱨ Ⱨilⱪiya bilǝn Xafanning oƣli Aⱨikamƣa, Mikaⱨning oƣli Abdon bilǝn Xafan katipⱪa wǝ padixaⱨning hizmǝtkari Asayaƣa buyrup: —
بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە ئىسرائىلدا ھەم يەھۇدادا قالدۇرۇلغان خەلق ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابتا بارلىق پۈتۈلگەنلەرگە ئەمەل قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تۇتمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە تۆكۈلىدىغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، دېدى. | 21 |
Berip mǝn üqün wǝ Israilda ⱨǝm Yǝⱨudada ⱪaldurulƣan hǝlⱪ üqün bu tepilƣan kitabning sɵzliri toƣrisida Pǝrwǝrdigardin yol soranglar. Qünki ata-bowilirimiz bu kitabta barliⱪ pütülgǝnlǝrgǝ ǝmǝl ⱪilmay, Pǝrwǝrdigarning sɵzini tutmiƣanliⱪi tüpǝylidin, Pǝrwǝrdigarning bizgǝ tɵkülidiƣan ƣǝzipi intayin dǝⱨxǝtlik boldi, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا ۋە پادىشاھ تەيىنلىگەن كىشىلەر ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا باردى؛ ھۇلداھ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توكىھاتنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى؛ ئۇ ئۆزى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەشتى. | 22 |
Xuning bilǝn Ⱨilⱪiya wǝ padixaⱨ tǝyinligǝn kixilǝr ayal pǝyƣǝmbǝr Ⱨuldaⱨning ⱪexiƣa bardi; Ⱨuldaⱨ Hasraⱨning nǝwrisi, Tokiⱨatning oƣli kiyim-keqǝk begi Xallumning ayali idi; u ɵzi Yerusalem xǝⱨirining ikkinqi mǝⱨǝllisidǝ olturatti. Ular uning bilǝn bu ixlar toƣruluⱪ sɵzlǝxti.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ | 23 |
U ularƣa mundaⱪ dedi: — Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Silǝrni ǝwǝtkǝn kixigǝ mundaⱪ dǝnglar: —
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئالدىدا ئوقۇلغان بۇ كىتابتىكى بارلىق لەنەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. | 24 |
Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana Mǝn Yǝⱨudaning padixaⱨi aldida oⱪulƣan bu kitabtiki barliⱪ lǝnǝtlǝrni ǝmǝlgǝ axurup, bu jayƣa wǝ bu yǝrdǝ turƣuqilarƣa balayi’apǝt qüxürimǝn.
چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە تۆكۈلىدۇ، ئۆچۈرۈلمەيدۇ. | 25 |
Qünki ular Meni taxlap, baxⱪa ilaⱨlarƣa huxbuy yeⱪip, ⱪollirining ⱨǝmmǝ ixliri bilǝn Mening aqqiⱪimni kǝltürdi. Uning üqün Mening ⱪǝⱨrim bu yǝrgǝ tɵkülidu, ɵqürülmǝydu.
لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا، مۇنداق دەڭلار: ــ سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ | 26 |
Lekin silǝrni Pǝrwǝrdigardin yol soriƣili ǝwǝtkǝn Yǝⱨudaning padixaⱨiƣa bolsa, mundaⱪ dǝnglar: — Sǝn angliƣan sɵzlǝr toƣrisida Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: —
چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، خۇدانىڭ مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىڭدا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلدىڭ، شۇنىڭدەك ئۆزۈڭنى شۇنداق تۆۋەن قىلغىنىڭدا، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 27 |
Qünki kɵnglüng yumxaⱪ bolup, Hudaning muxu jay wǝ uningda turƣuqilarni ǝyiblǝp eytⱪan sɵzlirini angliƣiningda, Uning aldida ɵzüngni tɵwǝn ⱪilding, xuningdǝk ɵzüngni xundaⱪ tɵwǝn ⱪilƣiningda, kiyimliringni yirtip, Mening aldimda yiƣliƣining üqün, Mǝnmu duayingni anglidim, dǝydu Pǝrwǝrdigar.
مانا، سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. | 28 |
Mana, seni ata-bowiliring bilǝn yiƣilixⱪa, ɵz ⱪǝbrǝnggǝ aman-hatirjǝmlik iqidǝ berixⱪa nesip ⱪilimǝn; sening kɵzliring Mǝn bu jay üstigǝ qüxüridiƣan barliⱪ külpǝtlǝrni kɵrmǝydu». Ular yenip berip, bu hǝwǝrni padixaⱨⱪa yǝtküzdi.
پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلدى. | 29 |
Padixaⱨ adǝm ǝwǝtip, Yǝⱨuda bilǝn Yerusalemning ⱨǝmmǝ aⱪsaⱪallirini qaⱪirtip kǝldi.
پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار، شۇنداقلا بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. | 30 |
Padixaⱨ Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ qiⱪti; barliⱪ Yǝⱨudadiki ǝr kixilǝr wǝ Yerusalemda turuwatⱪanlarning ⱨǝmmisi, kaⱨinlar bilǝn Lawiylar, xundaⱪla barliⱪ hǝlⱪ, ǝng kiqikidin tartip qongiƣiqǝ ⱨǝmmisi uning bilǝn billǝ qiⱪti. Andin Pǝrwǝrdigarning ɵyidǝ tepilƣan ǝⱨdǝ kitabining ⱨǝmmǝ sɵzlrini ularƣa oⱪup bǝrdi.
پادىشاھ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئۆزىنى ئەھدىگە باغلىدى. | 31 |
Padixaⱨ ɵz ornida turup Pǝrwǝrdigarning aldida: — Pǝrwǝrdigarƣa ǝgixip pütün ⱪǝlbim wǝ pütkül jenim bilǝn Uning ǝmrlirini, ⱨɵküm-guwaⱨliⱪliri wǝ bǝlgilimilirini tutup, uxbu kitabta pütülgǝn ǝⱨdigǝ ǝmǝl ⱪilimǝn dǝp ɵzini ǝⱨdigǝ baƣlidi.
شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە بىنيامىندىكى خەلقنىمۇ بۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلاتتى. شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار خۇدانىڭ، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولدى. | 32 |
Xuning bilǝn hǝlⱪning ⱨǝmmisimu ǝⱨdǝ aldida turup uningƣa ɵzini baƣlidi. U yǝnǝ Yerusalemda turuwatⱪanlarning ⱨǝmmisini wǝ Binyamindiki hǝlⱪnimu bu ǝⱨdǝ aldida turƣuzup uningƣa ɵzini baƣlatti. Xuning bilǝn Yerusalemda turuwatⱪanlar Hudaning, yǝni ata-bowilirining Hudasining ǝⱨdisi boyiqǝ ix ⱪilidiƣan boldi.
يوسىيا ئىسرائىللارغا قاراشلىق يۇرتلاردىن بارلىق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ خىزمىتىگە كىرىدىغان قىلدى. [يوسىيانىڭ] بارلىق كۈنلىرىدە خەلق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ھېچ يانمىدى. | 33 |
Yosiya Israillarƣa ⱪaraxliⱪ yurtlardin barliⱪ yirginqlik nǝrsilǝrni qiⱪirip taxlap, Israilda turuwatⱪanlarning ⱨǝmmisini Pǝrwǝrdigar Hudasining hizmitigǝ kiridiƣan ⱪildi. [Yosiyaning] barliⱪ künliridǝ hǝlⱪ ata-bowilirining Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigarƣa ǝgixixtin ⱨeq yanmidi.