< تارىخ-تەزكىرە 2 33 >
ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. | 1 |
Manasseh was twelve when he became king, and he reigned in for Jerusalem fifty-five years.
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. | 2 |
He did evil in the Lord's sight by following the disgusting religious practices of the nations that the Lord had driven out before the Israelites.
ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا چېقىپ تاشلىغان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائاللارغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئاشەراھ مەبۇدلارنى ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. | 3 |
He rebuilt the high places that his father Hezekiah had destroyed, and he made altars for the Baals and set up Asherah poles. He worshiped the sun, moon, and stars and served them.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىم مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەنىدى. | 4 |
He built altars in the Lord's Temple, about which the Lord had said, “I shall be honored in Jerusalem forever.”
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى. | 5 |
He built these altars to worship the sun, moon, and stars in both courtyards of the Lord's Temple.
ئۇ بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىدا ئۆز بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك، پالچىلىق ۋە دەمىدىچىلىك ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. | 6 |
He sacrificed his children by burning them to death in the Valley of Ben-hinnom. He practiced sorcery, divination, and witchcraft, and visited mediums and spiritists. He did a great deal of evil in the Lord's sight, making him angry.
ئۇ ياساتقان ئويما مەبۇدنى خۇدانىڭ ئۆيىگە تىكلىدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛ | 7 |
He took a pagan idol he had made and set it up in God's Temple, about which God had told David and his son Solomon, “I will be honored forever in this Temple and in Jerusalem, which I have chosen from all the tribes of Israel.
ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى بارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا بېكىتكەن بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن» ــ دېگەنىدى. | 8 |
If the Israelites are careful to follow everything I have instructed them to do—all the laws, commandments, and regulations, given through Moses—then I will not make them leave the land I granted your forefathers.”
لېكىن ماناسسەھ يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدىنمۇ ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى. | 9 |
But Manasseh seduced Judah and the people of Jerusalem, leading them to commit even worse sins than the nations the Lord had destroyed before Israelites.
پەرۋەردىگار ماناسسەھ ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئاگاھلاندۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. | 10 |
The Lord warned Manasseh and his people, but they ignored him.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنىدىكى سەردارلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمغا سالدۇردى. ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئەكەلدى. | 11 |
So the Lord sent the armies of Assyria with their commanders to attack them. The Assyrians captured Manasseh, put a hook through his nose, put bronze shackles on him, and took him away to Babylon.
ماناسسەھ مۇشۇنداق ئازابقا چۈشكەندە خۇداسى پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى ئالدىدا ئۆزىنى بەك تۆۋەن تۇتتى. | 12 |
In his misery, asked the Lord God for help, repenting for his arrogance before the God of his forefathers.
ئۇ دۇئا قىلىۋىدى، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ، تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ، پادىشاھلىقىغا قايتىدىن ئىگە قىلدى. ماناسسەھ شۇ چاغدىلا پەرۋەردىگارنىڭلا خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. | 13 |
He prayed and prayed, and the Lord listened to his pleadings, so the Lord brought Manasseh back to Jerusalem and to his kingdom. Then Manasseh was convinced that the Lord is God.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ماناسسەھ «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سىرتىغا، جىلغا ئوتتۇرىسىدىكى گىھوننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىن تاكى بېلىق دەرۋازىسى ئاغزىغىچە، ئوفەلنى چۆرىدەپ سېپىل ياساتتى ۋە ئۇنى ناھايىتى ئېگىز قىلدى؛ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى قورغانلىق شەھەرلىرىدە قوشۇن سەردارلىرىنى تەيىنلىدى. | 14 |
After this, Manasseh rebuilt the outer wall of the City of David from west of Gihon in the valley to the Fish Gate, and around the hill of Ophel, and made it much higher. He also assigned army commanders to all the fortified towns of Judah.
ئۇ يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىن يات ئەللىكلەرنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن [ئۆزى قويغان] بۇتنى، ئۆزى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ تېغى بىلەن يېرۇسالېمدا ياساتقۇزغان بارلىق قۇربانگاھلارنى ئېلىۋېتىپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزىۋەتتى. | 15 |
He disposed of the foreign gods and the idol from the Lord's Temple, together with all the altars he had built on the Temple hill and in Jerusalem, throwing all of them outside the city.
[ماناسسەھ] پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن تىكلىتىپ، قۇربانگاھقا ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ۋە يەھۇدالارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە كىرىشنى بۇيرۇدى. | 16 |
Then he restored the altar of the Lord, and sacrificed friendship offerings and thank offerings on it, and he instructed Judah to worship the Lord, the God of Israel.
شۇنداقتىمۇ، خەلق قۇربانلىقنى يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا ئۆتكۈزەتتى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغىلا سۇنۇلاتتى. | 17 |
But the people still sacrificed on the high places, but only to the Lord their God.
ماناسسەھنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خۇداسىغا قىلغان دۇئاسى ۋە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتقان گەپلىرى بولسا، مانا ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. | 18 |
The rest of what Manasseh did, along with his prayer to his God and what he was told by the seers who spoke on the Lord's behalf are recorded in the Book of the Kings of Israel.
ئۇنىڭ دۇئاسى، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى قانداق ئىجابەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن قىلىشىدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھى ۋە ۋاپاسىزلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قەيەردە «يۇقىرى جايلار» سالدۇرغانلىقى، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ھەم ئويما مەبۇدلارنى تىكلىگەنلىكى بولسا، مانا ھەممىسى «ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە» پۈتۈلگەندۇر. | 19 |
His prayer and how God answered him, as well as all his sins and unfaithfulness, and where he built high places and set up Asherah poles and idols before he admitted he was wrong, are recorded in the Records of the Seers.
ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا دەپنە قىلدى؛ ئوغلى ئامون ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 20 |
Manasseh died and was buried at his palace. His son Amon took over as king.
ئامون تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. | 21 |
Amon was twenty-two when he became king, and he reigned in Jerusalem for two years.
ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ قىلغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ ياساتقان بارلىق ئويما مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇندى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. | 22 |
He did evil in the Lord's sight just as his father Manasseh had. Amon worshiped and sacrificed to all the idols his father Manasseh had made.
ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاتىسى ماناسسەھ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاندەك تۆۋەن تۇتمىدى؛ بۇ ئاموننىڭ بولسا گۇناھ-قەبىھلىكلىرى بارغانسېرى ئېشىپ باردى. | 23 |
However, he did not admit his pride before the Lord as his father Manasseh had done—in fact Amon made his guilt even worse.
كېيىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى قەستلەپ ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. | 24 |
Then Amon's officials plotted against him and killed him in his palace.
لېكىن يەھۇدا زېمىنىدىكىلەر ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى. | 25 |
But the people of the land killed everyone who had plotted against King Amon, and they made his son Josiah king.