< تارىخ-تەزكىرە 2 31 >
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ھازىر بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلىۋەتتى؛ يەنە يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىندا، شۇنداقلا ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ زېمىنىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار» ۋە قۇربانگاھلارنى، ھەممىسىنى بۇزۇپ يوقاتقۇچە سۆكۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تەۋەلىكىگە، ئۆز شەھەرلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. | 1 |
When all this had finished, the Israelites who were there went to the towns of Judah and smashed the pagan pillars, cut down the Asherah poles, and destroyed the high places and altars throughout Judah and Benjamin, as well as in Ephraim and Manasseh, until they had completely demolished all of them. After that they all went home to their respective towns.
ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ھەرقايسىسىنى ئۆزىگە خاس خىزمىتىگە بېكىتىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، ئىشىك-دەرۋازىلىرى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيدىغان قىلدى. | 2 |
Then Hezekiah reallocated the divisions of the priests and Levites, each according to their service: presenting burnt offerings and friendship offerings, serving, giving thanks, and singing praises at the entrances of the Lord's Temple.
پادىشاھ يەنە ئۆز مېلىدىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بۇيرۇدى؛ بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنى بويىچە ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى، يېڭى ئاي ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئايرىلدى. | 3 |
The king contributed personally towards the morning and evening burnt offerings, and for the burnt offerings on the Sabbaths, new moons, and special feasts, as required by the Law of the Lord.
پادىشاھ يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى چىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، تەقدىم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئۇلارغا بېرىڭلار، دەپ يېرۇسالېمدا تۇرۇشلۇق خەلققە بۇيرۇدى. | 4 |
He also ordered the people living in Jerusalem to provide for the priests and Levites so that they could dedicate themselves to studying and teaching the Law of the Lord.
بۇ بۇيرۇق چىقىرىلىشى بىلەنلا، ئىسرائىللار ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئېلىنغان قىسمى ئاشلىق، يېڭى شاراب، [زەيتۇن] مېيى ۋە ھەسەللەرنى ھەمدە ئېتىزلىقتىن چىققان ھەرخىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھوسۇللىرىدىن ئەكىلىشتى، يەنە ھەرخىل نەرسىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە تۈركۈملەپ ئەكىلىشتى. | 5 |
As soon as the message went out, the Israelites generously gave the firstfruits of the grain, new wine, olive oil, and honey, and of all the crops. They brought plenty, a tithe of everything.
يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالارمۇ قوي-كالىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ۋە پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئاتالغان مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ئەكىلىپ، دۆۋە-دۆۋە دۆۋىلىۋەتتى. | 6 |
The people of Israel now living in Judah, and the people of Judah brought a tithe of their herds and flocks. They also brought a tithe of what had been dedicated to the Lord their God, and piled them up.
ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ دۆۋىلىنىپ، يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە توختىدى. | 7 |
They started doing this in the third month, and they finished in the seventh month.
ھەزەكىيا ئەمەلدارلار بىلەن بىللە كېلىپ، دۆۋە-دۆۋە بولغان بۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇدى ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت-سائادەت تىلىدى. | 8 |
When Hezekiah and his officials came and saw what had been collected, they thanked the Lord and his people Israel.
ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن بۇ دۆۋە-دۆۋە مەھسۇلاتلار توغرۇلۇق سورىۋىدى، | 9 |
Hezekiah asked the priests and Levites about what had been collected.
زادوك جەمەتىدىن بولغان باش كاھىن ئازارىيا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ــ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە كەلتۈرگىلى باشلىغاندىن بۇيان تويغۇدەك يېدۇق، يەنە نۇرغۇن ئېشىپ قالدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلىگەن، شۇڭا ئېشىپ قالغىنىمۇ شۇنچە كۆپ، دېدى. | 10 |
Azariah, the chief priest of the family of Zadok, answered, “Ever since the people began to bring their contributions into the Lord's Temple, we have had enough to eat and plenty to spare. Because the Lord has blessed his people there is so much left over.”
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئامبارلارنى تەييارلاشنى بۇيرۇۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. | 11 |
Hezekiah ordered the construction of storehouses in the Lord's Temple. Once they were ready,
ئۇلار سەمىمىي-ساداقەتلىك بىلەن ھەدىيەلەرنى، ئوندىن بىر ئۆشرە ۋە خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ئەكىردى. لاۋىيلاردىن بولغان كونونىيا باش ئامبارچى، ئىنىسى شىمەي مۇئاۋىن باش ئامبارچى بولدى. | 12 |
the people faithfully brought in their offerings, tithes, and dedicated gifts. Conaniah the Levite was the one who was responsible for them, and his brother Shimei was second in command.
كونونىيا ۋە ئىنىسى شىمەينىڭ قول ئاستىدا يەھىيەل، ئازارىيا، ناخات، ئاساھەل، يەرىموت، يوزاباد، ئەلىيەل، يىسماقىيا، ماھات ۋە بىنايالار نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەزەكىيا پادىشاھ بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئازارىيانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىشلەيتتى. | 13 |
They were in charge of the following officers: Jehiel, Azaziah, Nahath, Asahel, Jerimoth, Jozabad, Eliel, Ismachiah, Mahath, and Benaiah were overseers who assisted Conaniah and Shimei his brother. They were appointed by King Hezekiah and Azariah, the chief officer of God's Temple.
شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى لاۋىي يىمناھنىڭ ئوغلى كورە خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيە-سوۋغاتلارغا مەسئۇل ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ۋە «ئەڭ مۇقەددەس» بولغان نەرسىلەرنى تەقسىم قىلاتتى. | 14 |
Kore, son of Imnah, the Levite, the gatekeeper of the East Gate, was responsible for receiving the freewill offerings given to God. He also distributed the offerings given to the Lord, together with the consecrated gifts.
ئېدەن، مىنيامىن، يەشۇئا، شېمايا، ئامارىيا ۋە شېكانىيالار ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار كاھىنلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، چوڭ-كىچىكلىكىگە قارالماي، نۆۋەت بويىچە ئۆز قېرىنداشلىرىغا بۇلارنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشكە تەيىنلەندى؛ | 15 |
Under him were his assistants Eden, Miniamin, Jeshua, Shemaiah, Amariah, and Shecaniah. They faithfully made the allocations to their fellow Levites in their towns, according to the priestly divisions, sharing equally with the old and young.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار نەسەبنامىگە تىزىملانغان ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ئەركەكلەردىن، ھەر كۈنى نۆۋىتى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى. | 16 |
They also gave allowances to the males listed in the genealogy who were three years of age or older, to all who would enter the Lord's Temple to perform their daily duties of serving according to the responsibilities of their divisions.
ئۇلار نەسەبى تىزىملانغان جەمەتلىرى بويىچە كاھىنلارغىمۇ ھەمدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارغا نۆۋىتى ۋە ۋەزىپىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ | 17 |
They also gave allowances to the priests listed by family in the genealogy, and to the Levites twenty years of age or older, according to the responsibilities of their divisions.
نەسەبنامىدە «[لاۋىي جامائىتى]» [دەپ]، پۈتۈلگىنىگە قاراپ بۇلارنىڭ بارلىق كىچىك بالىلىرىغا، خوتۇنلىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار ساداقەتلىك بىلەن ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكلىنىپ، مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىدى. | 18 |
The genealogy included all the babies, wives, sons, and daughters of the whole community, for they were faithful in making sure they dedicated themselves as holy.
ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بولسا، ھەربىر شەھەردە مەخسۇس تىزىملانغان ئادەم قويۇلغانىدى؛ ئۇلار كاھىنلار ئىچىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە شۇنداقلا نەسەبنامىدە پۈتۈلگەن بارلىق لاۋىيلارغا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بېرەتتى. | 19 |
In the case of the priests, the descendants of Aaron, those who lived on the farmlands around their towns, men were appointed by name in all the towns to distribute an allocation to every male among the priests and to every Levite as listed in the genealogies.
ھەزەكىيا پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدا شۇنداق قىلدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ياخشى، دۇرۇس ۋە ھەق بولغاننى قىلدى. | 20 |
This is what Hezekiah did throughout the whole of Judah. He did what was good, right, and true before the Lord his God.
مەيلى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرگە ئائىت ئىشتا بولسۇن، مەيلى تەۋرات قانۇنىغا ھەم ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش نىيىتىدە خۇداسىنى ئىزدەشتە بولسۇن، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن قىلدى ۋە روناق تاپتى. | 21 |
In everything he did in working for God's Temple and in following God's laws and commandments, Hezekiah was sincere in his commitment to God. So he was successful in all he did.