< تارىخ-تەزكىرە 2 30 >
ھەزەكىيا پۈتۈن ئىسرائىلغا ۋە يەھۇداغا ئادەم ئەۋەتىپ ھەمدە ئەفرائىملار بىلەن ماناسسەھلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشنى چاقىردى | 1 |
Siden sendte Ezekias til al Israel og Juda og skrev ogsaa Breve til Efraim og Manasse, at de skulde komme til Herrens Hus i Jerusalem, at holde Herren, Israels Gud, Paaske.
(پادىشاھ، ئەمەلدارلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق جامائەت بىلەن بىللە مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىنچى ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەيلى دەپ قارارغا كېلىشتى. | 2 |
Thi Kongen havde holdt et Raad med sine Fyrster og hele Forsamlingen i Jerusalem, at de vilde holde Paaske i den anden Maaned.
لېكىن پاكلانغان كاھىنلار يېتىشمىگەچكە، خەلقمۇ يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولمىغاچقا، ھېيتنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمىدى). | 3 |
Thi de kunde ikke holde den til den rette Tid; thi Præsterne havde ikke helliget sig i tilstrækkeligt Antal, og Folket var ikke samlet til Jerusalem.
پادىشاھ ۋە پۈتكۈل جامائەت بۇ پىلاننى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، دەپ قارىدى. | 4 |
Og den Sag syntes ret for Kongens Øjne og for den ganske Forsamlings Øjne.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ بەئەر-شېبادىن دانغىچە بارلىق خەلقىنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىقنامە ئەۋەتەيلى، دەپ بېكىتتى؛ چۈنكى ئۇلار ھېيتنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان پۈتۈلگەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈلمىگەنىدى. | 5 |
Og de toge den Bestemmelse, at de vilde lade udraabe igennem al Israel fra Beersaba og indtil Dan, at de skulde komme og holde Herren, Israels Gud, Paaske i Jerusalem; thi de havde ikke holdt den i noget stort Antal, som det var foreskrevet.
چاپارمەنلەر پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ خەتلىرىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل ۋە يەھۇدا يۇرتىنى كېزىپ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بويىچە مۇنداق خەۋەرنى جاكارلىدى: «ئى ئىسرائىللار، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا يېنىپ كېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان قالدىڭلارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىدۇ. | 6 |
Og Løberne gik med Breve fra Kongens og hans Øversters Haand igennem al Israel og Juda og efter Kongens Befaling og sagde: I Israels Børn! vender om til Herren, Abrahams, Isaks og Israels Gud, saa skal han vende sig om til de undkomne, som ere blevne tilovers for eder fra Assyriens Kongers Haand.
ئاتا-بوۋاڭلار ۋە قېرىندىشىڭلارغا ئوخشاش بولماڭلار؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك ئۇلارنى خارابىچىلىككە تاپشۇرغان. | 7 |
Og værer ikke som eders Fædre og som eders Brødre, der forgrebe sig imod Herren, deres Fædres Gud; derfor gav han dem hen til en Ødelæggelse, saaledes som I se.
ئاتا-بوۋاڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنىڭ سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارغا بېقىنىڭلار، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزىگە خاس دەپ ئاتىغان مۇقەددەسخانىغا كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. | 8 |
Nu, forhærder ikke eders Nakke som eders Fædre, giver Herren Haanden og kommer til hans Helligdom, som han har helliget evindelig, og tjener Herren eders Gud, saa skal hans strenge Vrede vende sig fra eder.
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا قايتساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ۋە بالا-چاقىلىرىڭلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا رەھىم-ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ، بۇ يۇرتقا قايتىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار شاپائەتلىك ۋە رەھىملىكتۇر؛ سىلەر ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۆتسەڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ». | 9 |
Thi naar I omvende eder til Herren, skulle eders Brødre og eders Børn finde Barmhjertighed for deres Ansigt, som holde dem fangne, saa at de skulle komme tilbage til dette Land; thi Herren eders Gud er naadig og barmhjertig og skal ikke lade sit Ansigt vige fra eder, dersom I omvende eder til ham.
چاپارمەنلەر شەھەرمۇ-شەھەر بېرىپ، تاكى زەبۇلۇنغىچە ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقتى؛ لېكىن ئۇ يەردىكىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ مەسخىرە قىلاتتى. | 10 |
Og Løberne gik fra den ene Stad til den anden i Efraims og Manasses Land og indtil Sebulon; men man lo ad dem og bespottede dem.
ھالبۇكى، ئاشىر، ماناسسەھ ۋە زەبۇلۇنلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يېرۇسالېمغا كەلدى. | 11 |
Dog nogle af Aser og Manasse og af Sebulon ydmygede sig og kom til Jerusalem.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدانىڭ قولى يەھۇدالارنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇلارنى بىر نىيەتتە پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن چىقارغان ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر جان بىر دىل قىلدى. | 12 |
Guds Haand var og over Juda, saa at han gav dem et Hjerte til at gøre efter Kongens og de Øverstes Bud, efter Herrens Ord.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئايدا نۇرغۇن كىشىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى؛ توپلانغان خەلق زور بىر تۈركۈم ئادەم ئىدى. | 13 |
Og der samledes meget Folk til Jerusalem for at holde de usyrede Brøds Højtid i den anden Maaned, en saare stor Forsamling.
ئۇلار قوزغىلىپ يېرۇسالېم شەھىرىدىكى قۇربانگاھلارنى بۇزۇپ يوقىتىپ، ئىسرىقگاھلارنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. | 14 |
Og de gjorde sig rede og borttoge Altrene, som vare i Jerusalem, og de borttoge alle Røgelsekar og kastede dem i Kedrons Bæk.
ئۇلار ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان [قوزىلارنى] سويدى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار بۇنىڭغا قاراپ خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى [خۇداغا] مۇقەددەس بولۇشقا پاكلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. | 15 |
Og de slagtede Paaskelammet den fjortende Dag i den anden Maaned; og Præsterne og Leviterne bleve skamfulde, og de helligede sig og førte Brændofre til Herrens Hus.
ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ تۇرۇشتى. كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ [قۇربانگاھقا] سەپتى. | 16 |
Og de stode paa deres Sted, efter deres Skik, efter Moses, den Guds Mands Lov; Præsterne stænkede Blodet, hvilket de modtoge af Leviternes Haand.
جامائەت ئىچىدە پاكلىنىپ بولمىغانلار خېلى بولغاچقا، لاۋىيلار پاكلانمىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قوزىلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن سويۇشقا مەسئۇل ئىدى. | 17 |
Thi der var mange i Forsamlingen, som ikke havde helliget sig, derfor slagtede Leviterne Paaskelammene for alle dem, som ikke vare rene, for at hellige dem for Herren.
چۈنكى ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇندىن كەلگەن كۆپىنچىسى، خېلى كۆپ بىر تۈركۈم كىشىلەر پاكلانماي تۇرۇپلا، تەۋرات بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ سويۇلغان قوزا گۆشلىرىنى يېيىشكە كىرىشتى؛ بىراق ھەزەكىيا ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىپ: ــ كىمكى ئۆز ئاتا-بوۋىسىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزلەش نىيىتىگە كەلگەن بولسا، گەرچە ئۇلار مۇقەددەسخانىغا ئائىت پاكلىنىش بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق پاك قىلىنمىسىمۇ، مېھرىبان پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەپۇ قىلغاي، دېدى. | 18 |
Thi der var meget Folk, meget af Efraim og Manasse, Isaskar og Sebulon, som ikke vare rensede, men dog aade Paaskelam, ikke som det var foreskrevet; men Ezekias bad for dem og sagde: Herren, som er god, gøre Forligelse
for hver den, som har beredet sit Hjerte til at søge Gud Herren, sine Fædres Gud, om det end ikke er efter Helligdommens Renhed!
پەرۋەردىگار ھەزەكىيانىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ خەلقنى ئەپۇ قىلدى. | 20 |
Og Herren bønhørte Ezekias og lægede Folket.
يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى؛ لاۋىيلار بىلەن كاھىنلار ھەر كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە سازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. | 21 |
Saa holdt Israels Børn, som fandtes i Jerusalem, de usyrede Brøds Højtid syv Dage med stor Glæde; og Præsterne og Leviterne lovede Herren Dag for Dag med stærkt lydende Instrumenter for Herren.
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ماھىر لاۋىيلارغا ئىلھام بېرىپ تۇردى؛ خەلق يەتتە كۈن ھېيت قۇربانلىقلىرىنى يېدى؛ ئۇلار ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىدى. | 22 |
Og Ezekias talte kærligt til alle de Leviter, som viste god Forstand paa, hvad der vedkom Herren; og de aade Højtidsofre syv Dage og ofrede Takofre og takkede Herren, deres Fædres Gud.
بارلىق جامائەت يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىپ، يەنە خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. | 23 |
Da den ganske Forsamling havde holdt Raad om at holde andre syv Dage, saa holdt de endnu syv Dage med Glæde.
چۈنكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا جامائەتكە مىڭ بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى؛ ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە مىڭ بۇقا، ئون مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى. نۇرغۇن كاھىنلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلىدى. | 24 |
Thi Ezekias, Judas Konge, gav til Forsamlingen tusinde Okser og syv Tusinde Faar, og de Øverste gave til Forsamlingen tusinde Okser og ti Tusinde Faar; saa helligede mange Præster sig.
پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلدىن چىققان بارلىق جامائەت، جۈملىدىن ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ھەمدە يەھۇدادا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى ئالامەت خۇشال بولۇشتى. | 25 |
Og hele Forsamlingen af Juda glædede sig og Præsterne og Leviterne og den hele Forsamling, som var kommen fra Israel, og de fremmede, som vare komne fra Israels Land, og de som boede i Juda.
يېرۇسالېمنى غايەت زور خۇشاللىق كەيپىيات قاپلىدى؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ زامانىدىن بۇيان، يېرۇسالېمدا مۇنداق تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى. | 26 |
Og der var en stor Glæde i Jerusalem; thi fra Salomos, Davids Søns, Israels Konges, Dage af var ikke sket noget saadant i Jerusalem.
ئاخىرىدا لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ئورنىدىن قوپۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىدى؛ ئۇلارنىڭ ساداسى خۇداغا ئاڭلاندى، دۇئاسى ئاسمانلارغا، ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇرالغۇسىغا يەتتى. | 27 |
Da stode Præsterne, Leviterne, op og velsignede Folket, og deres Røst blev hørt; thi deres Bøn kom til hans hellige Bolig i Himmelen.