< تارىخ-تەزكىرە 2 29 >
ھەزەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا بولۇپ، زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى. | 1 |
Et Ezéchias fut roi à l'âge de vingt-cinq ans et il régna vingt-neuf ans à Jérusalem. Or le nom de sa mère était Abia, fille de Zacharie.
[ھەزەكىيا] ئاتىسى داۋۇت بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. | 2 |
Et il fit ce qui est bien aux yeux de l'Éternel, en tout à l'exemple de David, son père.
ئۇ تەختكە چىققان بىرىنچى يىلىنىڭ بىرىنچى ئېيىدا پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچتۇرۇپ، يېڭىباشتىن ياساتتى. | 3 |
Quant à lui, dès la première année de son règne, au premier mois, il rouvrit les portes du Temple de l'Éternel et les restaura.
ئۇ كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى [خۇدانىڭ ئۆيىگە] چاقىرىپ كېلىپ، [ئالدىنقى] ھويلىسىنىڭ مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىگە يىغىپ، | 4 |
Et il convoqua les Prêtres et les Lévites et les assembla dans la place orientale,
ئۇلارغا: ــ ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاڭلار ۋە ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا مۇقەددەس قىلىپ پاكىزلاڭلار، مۇقەددەسخانىدىن بارلىق پاسكىنا نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاڭلار. | 5 |
et il leur dit: Écoutez-moi, Lévites! Maintenant mettez-vous en état de sainteté, et mettez en état de sainteté le Temple de l'Éternel, Dieu de vos pères, et ôtez du Sanctuaire la souillure.
چۈنكى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسىيلىق قىلىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇسىدىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئارقىنى قىلدى. | 6 |
Car nos pères ont été infidèles et ont fait ce qui est mal aux yeux de l'Éternel, notre Dieu, et ils l'ont abandonné et ont détourné leurs regards de la résidence de l'Éternel et lui ont tourné le dos;
ئۇلار ئايۋاننىڭ ئىشىكلىرىنى ئېتىۋەتكەن، چىراغلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن، خۇشبۇي ياقمىغانىدى ۋە مۇقەددەسخانىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا ھېچ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى؛ | 7 |
ils ont aussi fermé les portes du vestibule et éteint les lampes, et n'ont pas brûlé d'encens, ni offert d'holocaustes dans le Sanctuaire au Dieu d'Israël.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك، ئۇلارنى دەھشەتكە سېلىپ، ۋەھىمە بولۇشقا ھەم زاڭلىق قىلىپ ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. | 8 |
Aussi la colère de l'Éternel a-t-elle éclaté sur Juda et Jérusalem, dont Il a fait un objet de vexations, d'horreur et de moquerie, comme vous le voyez de vos yeux.
شۇ سەۋەبتىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا قالدى؛ ئوغۇل-قىزلىرىمىز ۋە خوتۇنلىرىمىزمۇ تۇتقۇن قىلىندى. | 9 |
Et voici pour cela, nos pères sont tombés sous le glaive, et nos fils et nos filles et nos femmes sont dans la captivité.
ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنىڭ بىزدىن ياندۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدىلىشىش نىيىتىگە كەلدىم. | 10 |
Maintenant j'ai à cœur de solenniser une alliance avec l'Éternel, Dieu d'Israël, à l'effet de détourner de nous le feu de sa colère.
ئى بالىلىرىم، غاپىل بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز ئالدىدا تۇرۇپ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ خۇشبۇي يېقىشقا تاللىغان، دېدى. | 11 |
Mes fils, à cette heure point de nonchalance! car c'est vous que l'Éternel a élus pour vous tenir devant lui, le servir et être ses ministres et lui brûler l'encens.
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى: ــ كوھاتلاردىن بولغان ئاماساينىڭ ئوغلى ماھات ۋە ئازارىيانىڭ ئوغلى يوئېل، مەرارىلاردىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يەھاللەلەلنىڭ ئوغلى ئازارىيا، گەرشونلاردىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئېدەن، | 12 |
Alors se levèrent les Lévites Mahath, fils d'Amasaï, et Joël, fils d'Azaria, d'entre les fils des Cahathites; et d'entre les fils de Merari, Kis, fils d'Abdi, et Azaria, fils de Jehaléleël; et d'entre les Gersonites, Joah, fils de Zimma, et Eden, fils de Joah;
ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شىمرى بىلەن جەئىيەل، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن ماتتانىيا؛ | 13 |
et d'entre les fils d'Elitsaphan, Simri et Jehiel; et d'entre les fils d'Asaph, Zacharie et Mathania;
ھېماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەل بىلەن شىمەي، يەدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شېمايا بىلەن ئۇززىيەللەر. | 14 |
et d'entre les fils de Heiman, Jehiel et Siméï, et d'entre les fils de Jeduthun, Semaïa et Uzziel.
ئۇلار قېرىنداشلىرىنى يىغىپ، ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلىدى، پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پاكىزلاشقا كىردى. | 15 |
Et ils réunirent leurs frères et se mirent en état de sainteté, et ils vinrent selon l'ordre du roi conforme aux paroles de l'Éternel pour la purification de la Maison de l'Éternel.
كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىگە پاكىزلاشقا كىردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىدىن تاپقان بارلىق ناپاك-نىجىس نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا توشۇپ چىقتى؛ ئاندىن ئۇلارنى لاۋىيلار ئېلىپ چىقىپ، [شەھەر سىرتىدىكى] كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تۆكتى. | 16 |
Et les Prêtres entrèrent dans l'intérieur de la Maison de l'Éternel, et toutes les souillures qu'ils trouvèrent dans le Temple de l'Éternel, ils les tirèrent dans le parvis de la Maison de l'Éternel; et les Lévites les enlevèrent pour les mener dehors au torrent du Cédron.
ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ئۆينى قايتىدىن خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاشقا كىرىشىپ، سەككىزىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ئايۋىنىغا چىقتى؛ ئۇلار [يەنە] سەككىز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنى پاكىزلاپ، بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئىشنى تۈگەتتى. | 17 |
Et ils commencèrent la sanctification le premier jour du premier mois, et le huitième jour du mois ils arrivèrent au vestibule de l'Éternel; et employèrent huit jours à la purification du Temple de l'Éternel; et le seizième jour du premier mois ils avaient terminé.
ئاندىن ئۇلار ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئۆيىنى، جۈملىدىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى، «تەقدىم نان» تىزىلىدىغان شىرەنى ۋە شىرە ئۈستىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى پاكىزلىۋەتتۇق؛ | 18 |
Alors ils entrèrent dans l'intérieur chez le roi Ézéchias et dirent: Nous avons purifié tout le Temple de l'Éternel, et l'autel des holocaustes et tous ses ustensiles, et la table des pains de présentation et tous ses ustensiles,
ئاھاز پادىشاھ تەختتىكى چېغىدا ئاسىيلىق قىلىپ تاشلىۋەتكەن بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى تەييارلاپ تەخ قىلىپ، پاكىزلاپ قويدۇق؛ مانا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا قويۇلدى، دېدى. | 19 |
et toute la vaisselle profanée par le roi Achaz pendant son règne dans sa rébellion, nous l'avons mise en état et sanctifiée: et la voilà devant l'autel de l'Éternel.
ھەزەكىيا پادىشاھ ئەتىگەندە تاڭ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەردىكى ئەمەلدارلارنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى. | 20 |
Alors le roi Ézéchias dès le matin assembla les chefs de la ville et monta au Temple de l'Éternel.
ئۇلار پادىشاھلىق ئۈچۈن، مۇقەددەسخانا ۋە پۈتۈن يەھۇدالار ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىشقا يەتتە بۇقا، يەتتە قوچقار، يەتتە قوزا ۋە يەتتە تېكە ئېلىپ كەلدى؛ [پادىشاھ] ھارۇن ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا سۇنۇشنى بۇيرۇدى. | 21 |
Et ils offrirent sept taureaux et sept béliers et sept agneaux et sept boucs en expiation pour le royaume et pour le Sanctuaire et pour Juda. Et il ordonna aux Prêtres, fils d'Aaron, de sacrifier sur l'autel de l'Éternel.
ئۇلار بۇقىلارنى بوغۇزلىدى، كاھىنلار قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھقا سەپتى؛ ئاندىن ئۇلار قوچقارلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانگاھقا سەپتى؛ قوزىلارنىمۇ بوغۇزلاپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىمۇ قۇربانگاھقا سەپتى. | 22 |
Alors les Prêtres égorgèrent les taureaux dont ils reçurent le sang, et ils en aspergèrent l'autel, et ils égorgèrent les béliers et avec leur sang aspergèrent l'autel, et ils égorgèrent les agneaux et avec leur sang aspergèrent l'autel.
ئاخىرىدا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىلەرنى پادىشاھ ۋە جامائەت ئالدىغا يېتىلەپ كېلىۋىدى، [پادىشاھ ۋە جامائەت] قوللىرىنى تېكىلەر ئۈستىگە قويۇشتى. | 23 |
Et ils amenèrent les boucs expiatoires devant le roi et l'Assemblée, qui imposèrent leurs mains sur eux,
كاھىنلار تېكىلەرنى بوغۇزلاپ، قېنىنى بارلىق ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت سۈپىتىدە قۇربانگاھقا سەپتى؛ چۈنكى پادىشاھ: «كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقى بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن سۇنۇلسۇن» دېگەنىدى. | 24 |
et les Prêtres les égorgèrent, et avec leur sang firent l'expiation sur l'autel, en propitiation pour tout Israël; car c'était pour tout Israël que le roi avait ordonné l'holocauste et l'expiation.
پادىشاھ يەنە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگار ئۆيىدە داۋۇتنىڭ، [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى گادنىڭ ۋە ناتان پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاڭجاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار قاتارلىق سازلارنى تۇتۇپ، سەپ بولۇپ تۇرۇشقا تەيىنلىدى (چۈنكى ئەسلىدە بۇ ئەمر پەرۋەردىگاردىن، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلانغانىدى). | 25 |
Et il fit tenir les Lévites dans le Temple de l'Éternel avec des cymbales et des harpes et des luths selon l'ordre de David et de Gad, Voyant du roi, et de Nathan, le prophète; car l'ordre avait été donné par l'Éternel, par ses prophètes.
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، كاھىنلار كانايلارنى تۇتقان ھالدا تۇرۇشتى. | 26 |
Et les Lévites étaient là avec les instruments de David, et les Prêtres avec les trompettes.
ھەزەكىيا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنۇلسۇن، دەپ بۇيرۇدى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلغان ھامان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەغمە-ناۋا قىلىنىشقا، كانايلار چېلىنىشقا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ سازلىرى تەڭكەش قىلىنىشقا باشلىدى. | 27 |
Et Ézéchias ordonna d'offrir des holocaustes sur l'autel, et quand commençait l'holocauste, commençait le chant de l'Éternel, et les trompettes et l'accompagnement, des instruments de David, roi d'Israël.
پۈتكۈل كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغۇچە، پۈتكۈل جامائەت سەجدىگە ئولتۇرۇشتى، نەغمە-ناۋاچىلار نەغمە-ناۋا قىلىشتى، كانايچىلار كاناي چېلىپ تۇردى. | 28 |
Et toute l'Assemblée se prosterna, et le chant retentit, et les trompettes sonnèrent, le tout jusqu'à la consommation de l'holocauste.
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندا، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھازىر بولغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ سەجدە قىلىشتى. | 29 |
Et quand l'holocauste fut achevé, le roi et tous ceux qui se trouvaient avec lui, s'inclinèrent et adorèrent.
ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار يەنە لاۋىيلارغا داۋۇتنىڭ ۋە ئالدىن كۆرگۈچى ئاسافنىڭ شېئىرلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇشال-خۇراملىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشۇپ، باش ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. | 30 |
Et le roi Ézéchias et les chefs dirent aux Lévites de louer l'Éternel avec les paroles de David et d'Asaph, le Voyant. Et ils louèrent avec allégresse et s'inclinèrent et adorèrent.
ھەزەكىيا: ــ سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىكەنسىلەر، ئالدىغا كېلىڭلار، قۇربانلىقلار، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى رەبنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ سۇنۇڭلار، دېۋىدى، جامائەت قۇربانلىقلار ۋە تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتى؛ خالىغانلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشتى. | 31 |
Et Ézéchias prit la parole et dit: Maintenant vous vous êtes consacrés à l'Éternel, approchez et amenez des victimes et des sacrifices d'actions de grâces au Temple de l'Éternel. Alors l'Assemblée amena des victimes et des sacrifices pacifiques, et tout homme généreux des holocaustes volontaires.
جامائەت ئېلىپ كەلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار تۆۋەندىكىچە: ــ يەتمىش بۇقا، يۈز قوچقار، ئىككى يۈز قوزا؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئەكىلىنگەنىدى. | 32 |
Et voici le nombre des victimes offertes par l'Assemblée: soixante-dix taureaux, cent béliers, deux cents agneaux, tout autant d'holocaustes à l'Éternel,
بۇلاردىن باشقا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئالتە يۈز بۇقا، ئۈچ مىڭ قويمۇ بار ئىدى. | 33 |
et six cents bœufs, et trois mille moutons furent consacrés.
كاھىنلار بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماللىرىنىڭ تېرىسىنى سويۇشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى؛ شۇڭا لاۋىي قېرىنداشلىرى تاكى ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ھەم باشقا كاھىنلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاپ بولغۇچە ياردەملەشتى (چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاش ئىشىدا كاھىنلارغا نىسبەتەن بەكرەك ئىخلاسمەن ئىدى). | 34 |
Seulement les Prêtres étaient trop peu nombreux, et ils ne pouvaient écorcher toutes les victimes; alors ils furent aidés par leurs frères les Lévites jusqu'à ce que l'opération fût terminée, et que les [autres] Prêtres se fussent mis en état de sainteté, car les Lévites avaient été plus scrupuleux que les Prêtres pour se mettre en état de sainteté.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، شۇنداقلا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ مېيى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇلغان شاراب ھەدىيىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. | 35 |
Mais aussi il y avait là une multitude d'holocaustes en même temps que les graisses des victimes pacifiques et les libations des holocaustes. Et ainsi fut restauré le service du Temple de l'Éternel.
خۇدا ئۆز خەلقىگە بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەزەكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق تولىمۇ خۇشال بولۇشتى؛ چۈنكى بۇ ئىشلار بەك تېزلا بېجىرىلىپ بولغانىدى. | 36 |
Et Ézéchias et tout le peuple se réjouirent de ce que Dieu avait donné la disposition au peuple; car la chose s'était faite promptement.