< تارىخ-تەزكىرە 2 27 >
يوتام تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا بولۇپ، زادوكنىڭ قىزى ئىدى. | 1 |
[約堂為王]約堂登極時年二十五歲,在耶路撒冷作王凡十六年;他的母親名叫耶魯沙,是匝克多的女兒。
ئۇ ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى (لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەسخانىسىغا كىرمىدى). لېكىن خەلق يەنىلا بۇزۇق ئىشلارنى قىلىۋەردى. | 2 |
約堂行了上主視為正義的事,完成像他父親所作的一樣,只是沒有進入上主的聖所;但百姓仍然敗壞。
پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى دەرۋازىسىنى ياساتقۇچى يوتام ئىدى؛ ئۇ يەنە ئوفەلدىكى سېپىلدىمۇ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى قىلدى. | 3 |
他建築了上主殿宇的上門,在敖斐耳城牆上,也作了許多工程,
ئۇ يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدا شەھەرلەرنى بىنا قىلدى، ئورمانلىقلاردىمۇ قەلئە-قورغانلار ۋە كۆزەت مۇنارلىرىنى ياساتتى. | 4 |
在猶大山地建築了一些城池,在叢林中也建了一些營寨和堡壘。
ئۇ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ شۇ يىلى ئاممونىيلار ئۇنىڭغا ئۈچ تالانت كۈمۈش، مىڭ توننا بۇغداي، مىڭ توننا ئارپا ئولپان بەردى؛ ئاممونىيلار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىلىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئولپان ئېلىپ كەلدى. | 5 |
約堂與阿孟子民的君王交戰,戰勝了他們,因此阿孟子民那一年給他進貢:銀子一百「塔冷通,」小麥一萬「苛爾,」大麥一萬「苛爾。」以後第二第三年,阿孟子民仍進了這些貢物。
يوتام خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا يوللىرىنى توغرا قىلغىنى ئۈچۈن قۇدرەت تاپتى. | 6 |
約堂因為在上主他的天主前,時常履行正道,所以日漸強盛。
يوتامنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن قىلغان جەڭلىرى ۋە تۇتقان يوللىرىنىڭ ھەممىسى مانا «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. | 7 |
約堂其餘的事蹟,以及他的戰績和作為,都記載在以色列和猶大列王實錄上。
ئۇ تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. | 8 |
他即位時年二十五歲,在耶路撒冷作王十六年。
يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى ئاھاز ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 9 |
約堂與祖先同眠,葬在達味城;他的兒子阿哈次繼位為王。