< تارىخ-تەزكىرە 2 26 >
يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىركەن ئوغلى ئۇززىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى | 1 |
यहूदिया की सारी प्रजा ने सोलह साल के उज्जियाह को उसके पिता अमाज़्याह के स्थान पर राजा होने के लिए चुन लिया.
(پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئۇززىيا ئىدى). | 2 |
उसने अपने पिता की मृत्यु के बाद एलाथ को बनवाकर उसे दोबारा यहूदिया में शामिल कर लिया.
ئۇززىيا تەختكە چىققان چېغىدا ئون ئالتە ياش ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا جەمئىي ئەللىك ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. | 3 |
उस समय उज्जियाह की उम्र सोलह साल थी. येरूशलेम में उसने बावन साल शासन किया. उसकी माता का नाम यकोलियाह था; वह येरूशलेमवासी थी.
ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. | 4 |
उज्जियाह ने अपने पिता अमाज़्याह समान वही किया, जो याहवेह की दृष्टि में सही है.
خۇدا بەرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر بىلەن يورۇتۇلغان زەكەرىيا ئۇززىياغا تەلىم بەرگەچكە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا خۇدانى ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەن كۈنلەردە خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلدى. | 5 |
ज़करयाह के जीवनकाल में परमेश्वर की खोज करता रहा. याहवेह के दर्शन के कारण ज़करयाह में समझ थी. जब तक वह याहवेह की खोज करता रहा, याहवेह उसे और बढ़ाते रहे.
ئۇ چىقىپ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە گاتنىڭ سېپىلىنى، جابنەھنىڭ سېپىلىنى ۋە ئاشدودنىڭ سېپىلىنى چاقتۇرۇۋەتتى. يەنە ئاشدود ئەتراپىدا، شۇنداقلا فىلىستىيلەر ئارىسىدا بىرنەچچە شەھەر بەرپا قىلدى. | 6 |
उज्जियाह ने फिलिस्तीनियों पर हमला किया और गाथ, याबनेह और अशदोद की शहरपनाह गिरा दीं. अशदोद में और फिलिस्तीनियों के बीच उसने इस क्षेत्र में नगरों को बनाया.
خۇدا ئۇنىڭ فىلىستىيلەر ۋە گۇر-بائالدا تۇرۇۋاتقان ئەرەبلەر بىلەن مائونلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەردى. | 7 |
फिलिस्तीनियों और अरबियों के विरुद्ध जो गुर-बाल और मिऊनी में रहते थे, परमेश्वर ने उसकी सहायता की.
ئاممونىيلار ئۇززىياغا ئولپان تۆلىدى؛ ئۇززىيا تولىمۇ قۇدرەتلىك بولۇپ، نام-شۆھرىتى تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغىچە تارقالدى. | 8 |
अम्मोनवासी भी उज्जियाह को कर देते थे. उसका यश मिस्र की सीमा तक पहुंच गया था, क्योंकि वह बलवान हो चुका था.
ئۇززىيا يېرۇسالېمدىكى «بۇرجەك دەرۋازىسى»دا، «جىلغا دەرۋازىسى»دا ۋە سېپىلنىڭ قايرىلىدىغان يېرىدە مۇنارلار سالدى ۋە ئۇلارنى ئاجايىپ مۇستەھكەم قىلدى. | 9 |
इनके अलावा उज्जियाह ने येरूशलेम में कोने के फाटक और घाटी के फाटक पर पहरेदारों के लिए खंभों को बनवाया और किले की दीवारों को मजबूत बनाने के लिए उनमें गुम्मट बनवाए.
ئۇ يەنە چۆللەردە بىرمۇنچە كۆزەت مۇنارلىرىنى سالغۇزدى ۋە كۆپ قۇدۇقلارنى كولاتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدە ۋە ئېگىزلىكتە نۇرغۇن چارۋىسى بار ئىدى؛ ئۇ يەنە تېرىقچىلىققا ئامراق بولغاچقا، تاغلاردا ۋە ئېتىز-باغلاردا [نۇرغۇن] باغۋەنلەرنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ ئىشلەتتى. | 10 |
बंजर भूमि में उसने पहरेदारों के खंभे खड़े किए और अनेक तालाबों को भी बनवाया, क्योंकि मैदानों में बड़ी संख्या में उसके पशु थे. पहाड़ी इलाके में उसके किसान और अंगूर के बगीचों के रखवाले थे. उसके अनेक उपजाऊ खेत भी थे, क्योंकि खेती उसे प्यारी थी.
ئۇززىيانىڭ يەنە ئۇرۇشقا ماھىر قوشۇنى بار ئىدى. قوشۇن كاتىپ جەئىيەل ۋە ئەمەلدار مائاسېياھ ئېنىقلىغان سانغا ئاساسەن قىسىم-قىسىملار بويىچە بۆلۈنۈپ، پادىشاھنىڭ سەردارلىرىدىن بىرى بولغان ھانانىيانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا سەپ بولۇپ جەڭگە چىقاتتى. | 11 |
इसके अलावा उसकी वीर सेना युद्ध के लिए तैयार रहती थी. इसको दलों के रूप में बांटा गया था. इनकी भर्ती और संगठन राजा के अधिकारी हननियाह की आज्ञा में सचिव येइएल और अधिकारी मआसेइयाह द्वारा की गई थी.
بۇ باتۇر جەڭچىلەر ئىچىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. | 12 |
हर एक गोत्र से चुने हुए बलवान वीर योद्धा थे, जिनकी कुल संख्या दो हज़ार छः सौ थी.
ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى قوشۇن جەمئىي ئۈچ يۈز يەتمىش يەتتە مىڭ بەش يۈز بولۇپ، ھەممىسى ئىشتا قابىل، جەڭدە ماھىر ئىدى، ئۇلار پادىشاھقا ياردەملىشىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلالايتتى. | 13 |
इनके अधिकार में थी एक बड़ी सेना, जिसकी गिनती थी तीन लाख साढ़े सात हज़ार. ये राजा के विरुद्ध उठे किसी भी शत्रु पर बहुत बल से वार कर सकते थे.
ئۇززىيا پۈتكۈل قوشۇنىدىكى لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دوبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغىلار بىلەنمۇ قوراللاندۇرغانىدى. | 14 |
इसके अलावा उज्जियाह ने पूरी सेना के लिए ढालें, बर्छियों, टोप झिलम, धनुष और गोफन तैयार कर रखी थी.
ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا ئۇستىلار ئىجاد قىلغان ئوق بېشى ۋە يوغان تاشلارنى ئاتقۇچى ئۈسكۈنىلەرنى ياسىتىپ، ئۇلارنى سېپىل مۇنارلىرىغا ۋە بۇرجەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى يىراق-يىراقلارغا كەتكەنىدى، چۈنكى ئۇ ئالامەت ياردەملەرگە ئېرىشكەچكە، كارامەت قۇدرەت تاپقانىدى. | 15 |
कुशल शिल्पियों द्वारा आविष्कार किए गए यंत्र और उपकरण उसने येरूशलेम में रखवा रखे थे. ये यंत्र पहरेदारों के मीनारों और शहरपनाह के कोनों पर बाण छोड़ने और बड़े-बड़े पत्थर फेंकने के लिए बनाए गए थे. इनके कारण उसकी ख्याति दूर-दूर तक पहुंच चुकी थी. जब तक उसमें शक्ति रही उसे अद्धुत रूप से सहायता मिलती रही.
لېكىن ئۇ كۈچەيگەندىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىش ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. ئۇ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە خۇشبۇي ياقىمەن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. | 16 |
जब वह इस प्रकार मजबूत होता गया, घमण्ड़ ने उसे आ घेरा. वह याहवेह उसके परमेश्वर के लिए सच्चा भी न रह गया. वह याहवेह के मंदिर में चला गया कि वह धूप वेदी पर धूप जलाए.
كاھىن ئازارىيا بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقا كاھىنلىرىدىن سەكسەن ئەزىمەت ئۇنىڭ ئارقىدىن كىردى؛ | 17 |
इस पर पुरोहित अज़रियाह उसके पीछे-पीछे गया और उसके साथ याहवेह के अस्सी बलवान पुरोहित भी थे.
ئۇلار پادىشاھ ئۇززىيانى توسۇپ: ــ ئى ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يېقىش ساڭا تەۋە ئىش ئەمەس، بەلكى خۇشبۇي يېقىشقا مۇقەددەس خىزمەتكە ئاتالغان كاھىنلار بولغان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپتۇر؛ مۇقەددەسخانىدىن چىققىن، چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ قويدۇڭ؛ سەن خۇدا پەرۋەردىگاردىن ئىززەت تاپالمايدىغان بولۇپ قالىسەن، دېدى. | 18 |
उन्होंने राजा उज्जियाह को मना करते हुए कहा, “उज्जियाह, याहवेह के लिए धूप जलाना आपका काम नहीं है, यह केवल पुरोहितों के लिए ही ठहराया गया है, जो अहरोन के वंशज और धूप जलाने के लिए अलग किए हुए हैं. आप पवित्र स्थान से बाहर चले जाइए, क्योंकि आप याहवेह परमेश्वर के प्रति सच्चे नहीं रहे हैं, इसलिये आपको उनकी ओर से कोई आदर न मिलेगा.”
ئۇززىيا قاتتىق غەزەپلەندى؛ ئۇ خۇشبۇي ياققىلى تۇرغان ھالەتتە، قولىدا بىر خۇشبۇيداننى تۇتۇپ تۇراتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خۇشبۇيگاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كاھىنلارغا غەزەپلىنىۋاتقان چاغدا، كاھىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىقتى. | 19 |
उज्जियाह यह सुनकर बहुत गुस्सा हो गया. धूप जलाने के लिए उसके हाथ में धूपदान था. जब वह पुरोहितों पर गुस्सा हो ही रहा था, याहवेह के भवन में धूप वेदी के निकट पुरोहितों के देखते-देखते उसके माथे पर कुष्ठ रोग हो गया.
باش كاھىن ئازارىيا بىلەن باشقا كاھىنلار قارىسا، مانا، بىردىنلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىققانىدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە ئىتتەردى؛ ئۇ ئۆزىمۇ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ئۇرغانىدى. | 20 |
प्रमुख पुरोहित अज़रियाह और दूसरे सभी पुरोहित उसकी ओर देख रहे थे. वह माथे पर कोढ़ी हो चुका था. उन्होंने उसे बिना देर किए बाहर निकाला-वास्तव में वह खुद वहां से निकलने के लिए आतुर था, क्योंकि वह जान गया था कि उस पर याहवेह का प्रहार था.
پادىشاھ ئۇززىيانى تاكى ئۆلگۈچە ماخاۋ كېسىلى چىرمىۋالدى؛ ئۇ ماخاۋ كېسىلى بولغاچقا، ئايرىم بىر ئۆيدە تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، يۇرت سورىدى. | 21 |
मृत्यु तक राजा उज्जियाह कुष्ठरोगी रहा. वह एक अलग घर में रहने लगा, क्योंकि वह कुष्ठरोगी था. याहवेह के भवन में उसका जाना मना हो गया. उसका पुत्र योथाम अब राजमहल पर अधिकारी हो प्रजा का न्याय करने लगा.
ئۇززىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى بولسا باشتىن ئاخىرىغىچە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغاندۇر. | 22 |
शुरू से अंत तक, उज्जियाह द्वारा किए गए बाकी कामों का ब्यौरा आमोज़ के पुत्र भविष्यद्वक्ता यशायाह द्वारा किया गया है.
ئۇززىيا ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ بەزىلەر: ــ «ئۇ ماخاۋ بولغان ئادەم» دېگەچكە، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قاتارىدا ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا تەۋە [چەترەك] بىر يەرلىككە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 23 |
तब उज्जियाह हमेशा के लिए अपने पूर्वजों से जा मिला. उन्होंने उसे राजाओं के लिए ठहराई गई की कब्र में गाड़ दिया, क्योंकि उन्होंने कहा वह तो कुष्ठरोगी है. उसका पुत्र योथाम उसके स्थान पर राजा हो गया.