< تارىخ-تەزكىرە 2 25 >
ئامازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەھوئاددان بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. | 1 |
Amaziya textke chiqqan chéghida yigirme besh yashta idi, u Yérusalémda yigirme toqquz yil seltenet qildi. Uning anisining ismi Yehoaddan bolup, Yérusalémliq idi.
ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن پۈتۈن كۆڭلى بىلەن قىلمىدى. | 2 |
Amaziya Perwerdigarning neziride toghra bolghan ishlarni qildi, lékin pütün köngli bilen qilmidi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. | 3 |
We shundaq boldiki, u padishahliqini mustehkemliwalghandin kéyin padishah atisini öltürgen xizmetkarlirini tutup öltürdi.
لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «نە ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ نە ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگىچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى. | 4 |
Lékin Musagha chüshürülgen qanun kitabida Perwerdigarning: «Ne atilarni oghulliri üchün ölümge mehkum qilishqa bolmaydu ne oghullirini atiliri üchün ölümge mehkum qilishqa bolmaydu, belki herbiri öz gunahi üchün ölümge mehkum qilinsun» dep pütülgen emri boyiche, u öltürgichilerning balilirini ölümge mehkum qilmidi.
ئامازىيا يەھۇدالارنى يىغىپ، جەمەتلىرىگە قاراپ پۈتۈن يەھۇدالارنى ۋە بىنيامىنلارنى مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلار ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇ ئۇلاردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانىنى ئېلىۋىدى، جەڭگە چىقالايدىغان، قولىغا نەيزە ۋە قالقان ئالالايدىغان خىل لەشكەردىن ئۈچ يۈز مىڭ ئادەم چىقتى. | 5 |
Amaziya Yehudalarni yighip, jemetlirige qarap pütün Yehudalarni we Binyaminlarni mingbéshi we yüzbéshilar astigha békitti; u ulardin yigirme yashtin ashqanlarning sanini éliwidi, jengge chiqalaydighan, qoligha neyze we qalqan alalaydighan xil leshkerdin üch yüz ming adem chiqti.
ئۇ يەنە بىر يۈز تالانت كۈمۈش سەرپ قىلىپ ئىسرائىلدىن يۈز مىڭ باتۇر جەڭچى ياللىۋالدى. | 6 |
U yene bir yüz talant kümüsh serp qilip Israildin yüz ming batur jengchi yalliwaldi.
لېكىن خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى پادىشاھىم، ئىسرائىل قوشۇنىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارغۇزمىغايلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ياكى ئەفرائىمىيلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن بىللە ئەمەس. | 7 |
Lékin Xudaning bir adimi uning aldigha kélip: — I padishahim, Israil qoshunini özliri bilen bille barghuzmighayla; chünki Perwerdigar Israillar yaki Efraimiylarning héchqaysisi bilen bille emes.
ھەتتا سىلى چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، باتۇرانە كۈرەش قىلىمەن دېسىلىمۇ، خۇدا ئۆزلىرىنى دۈشمەن ئالدىدا يىقىتىدۇ، چۈنكى خۇدا ئىنسانغا ياردەم بېرىشكىمۇ قادىردۇر، ئىنساننى يىقىتىشقىمۇ قادىردۇر، دېدى. | 8 |
Hetta sili choqum shundaq qilimen, baturane küresh qilimen désilimu, Xuda özlirini düshmen aldida yiqitidu, chünki Xuda insan’gha yardem bérishkimu qadirdur, insanni yiqitishqimu qadirdur, dédi.
ئامازىيا خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ ئەمىسە مەن ئىسرائىلنىڭ ياللانما قوشۇنىغا بەرگەن يۈز تالانت كۈمۈشنى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ زىيادە كۆپ بېرىشكە قادىردۇر، دەپ جاۋاب بەردى. | 9 |
Amaziya Xudaning adimige: — Emise men Israilning yallanma qoshunigha bergen yüz talant kümüshni qandaq qilsam bolidu? — dep soriwidi, Xudaning adimi uninggha: — Perwerdigar özlirige buningdinmu ziyade köp bérishke qadirdur, dep jawab berdi.
شۇنىڭ بىلەن ئامازىيا ئەفرائىمدىن ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن ياللانما قوشۇننى ئايرىپ چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يەھۇدالارغا بەك غەزەپلىنىپ، قاتتىق قەھر ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. | 10 |
Shuning bilen Amaziya Efraimdin özige keltürülgen yallanma qoshunni ayrip chiqip, öylirige qayturuwetti; shu sewebtin ular Yehudalargha bek ghezeplinip, qattiq qehr ichide öylirige qaytip kétishti.
ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقىنى باشلاپ «شور ۋادىسى»غا بېرىپ سېئىرلاردىن ئون مىڭ ئادەمنى يوقاتتى. | 11 |
Amaziya jasaritini urghutup, özining xelqini bashlap «Shor wadisi»gha bérip Séirlardin on ming ademni yoqatti.
يەھۇدالار يەنە ئون مىڭ ئادەمنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، تىك يارنىڭ لېۋىغا ئاپىرىپ، ياردىن ئىتتىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارە-پارە قىلىنىپ تاشلاندى. | 12 |
Yehudalar yene on ming ademni tirik tutuwélip, tik yarning léwigha apirip, yardin ittiriwidi, ularning hemmisi pare-pare qilinip tashlandi.
ھالبۇكى، ئامازىيا ئۆزى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلماي قايتۇرۇۋەتكەن ياللانما ئەسكەرلەر سامارىيەدىن بەيت-ھورۇنغىچە بولغان يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى بۇلاپ كەتتى. | 13 |
Halbuki, Amaziya özi bilen bille jeng qilishqa ruxset qilmay qayturuwetken yallanma eskerler Samariyedin Beyt-Horun’ghiche bolghan Yehudaning herqaysi sheherlirige hujum qilip kirip üch ming ademni qirip tashlidi hem nurghun mal-mülükni bulap ketti.
لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئامازىيا ئېدومىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۇ سېئىرلارنىڭ بۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مەبۇد قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى. | 14 |
Lékin shundaq boldiki, Amaziya Édomiylarni meghlup qilip qaytip kelgen chaghda u Séirlarning butlirinimu élip kélip, ularni özi üchün mebud qilip, ulargha bash urdi we ulargha xushbuy yaqti.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئامازىياغا قوزغالدى، ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ خەلقنىڭ ئىلاھلىرىنى زادى نېمە دەپ ئىزدەيسەن؟ ــ دېدى. | 15 |
Shu sewebtin Perwerdigarning ghezipi Amaziyagha qozghaldi, U uning aldigha bir peyghemberni ewetti. Peyghember uninggha: — Öz xelqini séning qolungdin qutquzalmighan bu xelqning ilahlirini zadi néme dep izdeysen? — dédi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا تېخى سۆز قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تىكلىگەنمۇ؟ قوي، بۇ گېپىڭنى! ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ نېمە؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر گەپتىن توختىدى-دە، يەنە: ــ بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ھەم نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىغىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنى يوقىتىشنى قارار قىلدى، دەپ بىلىمەن، ــ دېدى. | 16 |
We shundaq boldiki, u padishahqa téxi söz qiliwatqanda, padishah uninggha: — Biz séni padishahning meslihetchisi qilip tikligenmu? Qoy, bu gépingni! Ölgüng keldimu néme? — dédi. Shuning bilen peyghember geptin toxtidi-de, yene: — Bu ishni qilghining hem nesihitimge qulaq salmighining üchün Perwerdigar séni yoqitishni qarar qildi, dep bilimen, — dédi.
شۇنىڭدىن كېيىن ئامازىيا مەسلىھەتلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى. | 17 |
Shuningdin kéyin Amaziya meslihetliship, Israilning padishahi Yehuning newrisi, Yehoahazning oghli Yoashning aldigha elchilerni mangdurup: «Qéni, [jeng meydanida] yüz turane körüsheyli» dédi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: «ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن!» ــ دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. | 18 |
Israilning padishahi Yoash Yehudaning padishahi Amaziyagha elchi ewetip mundaq sözlerni yetküzdi: «Liwandiki tiken Liwandiki kédir derixige söz ewetip: «Öz qizingni oghlumgha xotunluqqa bergin!» — dédi. Lékin Liwandiki bir yawayi haywan ötüp kétiwétip, tikenni dessiwetti.
سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ يايراپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭدە قالغىنىڭ ياخشى؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». | 19 |
Sen derweqe Édomning üstidin ghelibe qilding; könglüngde öz-özüngdin meghrurlinip yayrap ketting. Emdi öyüngde qalghining yaxshi; némishqa béshinggha külpet keltürüp, özüngni we özüng bilen Yehudani balagha yiqitisen?».
ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدادىن كەلدى؛ چۈنكى ئۇلار ئېدومنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىزدىگەنىدى، خۇدا ئۇلارنى [يوئاشنىڭ] قولىغا چۈشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى. | 20 |
Emma Amaziya qulaq salmidi. Bu ish Xudadin keldi; chünki ular Édomning ilahlirini izdigenidi, Xuda ularni [Yoashning] qoligha chüshsun dep ene shundaq orunlashturghanidi.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش جەڭگە ئاتلىنىپ چىقتى؛ ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇ يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيا بىلەن بەيت-شەمەشتە، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە ئۇچراشتى. | 21 |
Shuning bilen Israil padishahi Yoash jengge atlinip chiqti; ikki terep, yeni u Yehuda padishahi Amaziya bilen Beyt-Shemeshte, jeng meydanida yüz turane uchrashti.
يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. | 22 |
Yehudaning ademliri Israilning ademliri teripidin tiripiren qilinip, herbiri öz öyige qéchip ketti.
ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش بەيت-شەمەشتە يەھوئاھازنىڭ نەۋرىسى، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ۋە ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى. | 23 |
Israil padishahi Yoash Beyt-Shemeshte Yehoahazning newrisi, Yoashning oghli Yehuda padishahi Amaziyani esir qilip Yérusalémgha élip bardi; we u Yérusalémning sépilining Efraim derwazisidin tartip burjek derwazisighiche bolghan töt yüz gezlik bir bölikini örüwetti.
ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئوبەد-ئېدوم مەسئۇل بولۇپ ساقلاۋاتقان ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى. | 24 |
U Xudaning öyide, Obed-Édom mes’ul bolup saqlawatqan we padishahning ordisidiki xezinidin tépilghan barliq altun-kümüsh, qacha-quchilarni buliwaldi we képillik süpitide birnechche tutqunni élip Samariyege yénip ketti.
ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. | 25 |
Israil padishahi Yehoahazning oghli Yoash ölgendin kéyin, Yoashning oghli, Yehudaning padishahi Amaziya on besh yil ömür kördi.
ئامازىيانىڭ قالغان ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 26 |
Amaziyaning qalghan emelliri bolsa, mana ularning hemmisi bashtin axirighiche «Yehuda we Israil padishahlirining tarixnamisi»da pütülgen emesmidi?
ئامازىيا پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەندىن باشلاپلا يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. | 27 |
Amaziya Perwerdigardin waz kechkendin bashlapla Yérusalémda beziler uni qestleshke kirishkenidi; shuning bilen u Laqish shehirige qéchip ketti; lékin qestligüchiler keynidin Laqishqa adem ewetip, u yerde uni öltürdi.
ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «يەھۇدانىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. | 28 |
Andin ular uni atlargha artip Yérusalémgha élip bardi. U Yérusalémda ata-bowilirining arisida «Yehudaning shehiri»de depne qilindi.