< تارىخ-تەزكىرە 2 22 >

يېرۇسالېمدا تۇرۇۋتقانلار يەھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاھازىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى؛ چۈنكى ئەرەبلەر بىلەن بىللە بارگاھقا بېسىپ كىرگەن قاراقچىلار ئاھازىيانىڭ ئاكىلىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا سەلتەنەت قىلدى. 1
constituerunt autem habitatores Hierusalem Ochoziam filium eius minimum regem pro eo omnes enim maiores natu qui ante eum fuerant interfecerant latrones Arabum qui inruerant in castra regnavitque Ochozias filius Ioram regis Iuda
ئاھازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا بولۇپ، ئومرىنىڭ [نەۋرە] قىزى ئىدى. 2
filius quadraginta duo annorum erat Ochozias cum regnare coepisset et uno anno regnavit in Hierusalem nomen matris eius Otholia filia Amri
ئاھازىيامۇ ئاھاب جەمەتىنىڭ يوللىرىغا ماڭدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى رەزىللىككە ئۈندەيتتى. 3
sed et ipse ingressus est per vias domus Ahab mater enim eius inpulit eum ut impie ageret
ئۇ ئاھاب جەمەتى قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاھاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان رەزىل نەسىھەتلەرنى بېرەتتى. 4
fecit igitur malum in conspectu Domini sicut domus Ahab ipsi enim fuerunt ei consiliarii post mortem patris sui in interitum eius
ئۇ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىل پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام بىلەن بىرلىكتە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىپ سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشتى؛ شۇ چاغدا سۇرىيلەر يەھورامنى زەخىملەندۈردى. 5
ambulavitque in consiliis eorum et perrexit cum Ioram filio Ahab rege Israhel in bellum contra Azahel regem Syriae in Ramoth Galaad vulneraveruntque Syri Ioram
ئاندىن يەھورام راماھدا سۇرىيە پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان چاغدىكى جاراھەتلىرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە قايتتى. ئاندىن يەھورامنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورامنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگە باردى. 6
qui reversus est ut curaretur in Hiezrahel multas enim plagas acceperat in supradicto certamine igitur Azarias filius Ioram rex Iuda descendit ut inviseret Ioram filium Ahab in Hiezrahel aegrotantem
ھالبۇكى، ئاھازىيانىڭ يەھورامنى يوقلىغىلى بارغىنى دەل ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان، خۇدا بېكىتكەن ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇ بارغاندىن كېيىن يەھورام بىلەن بىرلىكتە نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇغا قارشى سوقۇشۇشقا چىقتى. مۇشۇ يەھۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغانىدى. 7
voluntatis quippe fuit Dei adversum Ochoziam ut veniret ad Ioram et cum venisset egrederetur cum eo adversum Hieu filium Namsi quem unxit Dominus ut deleret domum Ahab
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇ خۇدا بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئاھاب جەمەتىنىڭ ئۈستىگە يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا، ئۇ يەھۇدادىكى ئەمەلدارلارنى ۋە ئاھازىيانىڭ خىزمىتىدە بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتتى. 8
cum ergo subverteret Hieu domum Ahab invenit principes Iuda et filios fratrum Ochoziae qui ministrabant ei et interfecit illos
يەھۇ ئاھازىيانىمۇ ئىزدىدى؛ كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋالدى (ئۇ سامارىيەگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى). ئۇلار ئۇنى يەھۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر: «بۇ دېگەن پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزدىگەن يەھوشافاتنىڭ نەۋرىسىدۇر» دېگەنىدى. ئاھازىيانىڭ جەمەتىدە پادىشاھلىقنى قولىغا ئالغۇدەك بىرەر ئادەم قالمىدى. 9
ipsumque perquirens Ochoziam conprehendit latentem in Samaria adductumque ad se occidit et sepelierunt eum eo quod esset filius Iosaphat qui quaesierat Dominum in toto corde suo nec erat ultra spes aliqua ut de stirpe regnaret Ochoziae
ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، يەھۇدا جەمەتىدىكى بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى. 10
siquidem Otholia mater eius videns quod mortuus esset filius suus surrexit et interfecit omnem stirpem regiam domus Ioram
لېكىن پادىشاھنىڭ قىزى يەھوشېبىيات ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ يەھورامنىڭ قىزى، (يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى)، [باش] كاھىن يەھۇيادانىڭ خوتۇنى يەھوشېبىيات يوئاشنى ئاتالىيا ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قويدى. 11
porro Iosabeth filia regis tulit Ioas filium Ochoziae et furata est eum de medio filiorum regis cum interficerentur absconditque cum nutrice sua in cubiculo lectulorum Iosabeth autem quae absconderat eum erat filia regis Ioram uxor Ioiadae pontificis soror Ochoziae et idcirco Otholia non interfecit eum
ئاندىن كېيىن يوئاش ئۇلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى؛ ئۇ چاغدا ئاتالىيا يەھۇدا زېمىنىدا سەلتەنەت قىلاتتى. 12
fuit ergo cum eis in domo Dei absconditus sex annis quibus regnavit Otholia super terram

< تارىخ-تەزكىرە 2 22 >