يېرۇسالېمدا تۇرۇۋتقانلار يەھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاھازىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى؛ چۈنكى ئەرەبلەر بىلەن بىللە بارگاھقا بېسىپ كىرگەن قاراقچىلار ئاھازىيانىڭ ئاكىلىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا سەلتەنەت قىلدى. | 1 |
دانیشتووانی ئۆرشەلیم ئەحەزیای بچووکترین کوڕی یەهۆرامیان لە جێی ئەو کردە پاشا، چونکە هەموو ئەوانی پێش ئەم بە دەستی چەتەکان کوژران، ئەوانەی لەگەڵ عەرەبەکاندا هاتنە ناو ئۆردوگاکەوە. لەبەر ئەوە ئەحەزیای کوڕی یەهۆرامی پاشای یەهودا بوو بە پاشا. |
ئاھازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا بولۇپ، ئومرىنىڭ [نەۋرە] قىزى ئىدى. | 2 |
ئەحەزیا گەنجێکی بیست و دوو ساڵان بوو کە بوو بە پاشا، یەک ساڵ لە ئۆرشەلیم پاشایەتی کرد، دایکی ناوی عەتەلیای کچەزای عۆمری بوو. |
ئاھازىيامۇ ئاھاب جەمەتىنىڭ يوللىرىغا ماڭدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى رەزىللىككە ئۈندەيتتى. | 3 |
ئەحەزیا ڕێچکەی بنەماڵەی ئەحاڤی گرتەبەر، چونکە دایکی هانی دەدا کاری خراپە بکات. |
ئۇ ئاھاب جەمەتى قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاھاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان رەزىل نەسىھەتلەرنى بېرەتتى. | 4 |
ئەویش هەروەک بنەماڵەی ئەحاڤ لەبەرچاوی یەزدان خراپەکاری کرد، چونکە لەدوای مردنی باوکی ئەوان ڕاوێژکاری بوون و بوونە هۆی لەناوبردنی. |
ئۇ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىل پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام بىلەن بىرلىكتە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىپ سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشتى؛ شۇ چاغدا سۇرىيلەر يەھورامنى زەخىملەندۈردى. | 5 |
هەروەها بە ڕاوێژی ئەوانی کرد و لەگەڵ یۆرامی کوڕی ئەحاڤی پاشای ئیسرائیلدا چووە جەنگ لە دژی حەزائێلی پاشای ئارام لە ڕامۆتی گلعاد. ئارامییەکان یۆرامیان پێکا، |
ئاندىن يەھورام راماھدا سۇرىيە پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان چاغدىكى جاراھەتلىرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە قايتتى. ئاندىن يەھورامنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورامنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگە باردى. | 6 |
لەبەر ئەوە گەڕایەوە یەزرەعیل تاکو لەوێ لەو برینانەی چاک بێتەوە کە لە ڕامۆت لە کاتی شەڕکردنی لە دژی حەزائێلی پاشای ئارام پێکرابوو. لەدوای ئەوە ئەحەزیای کوڕی یەهۆرامی پاشای یەهوداش چوو بۆ یەزرەعیل هەتا چاوی بە یۆرامی کوڕی ئەحاڤ بکەوێت، چونکە نەخۆش بوو. |
ھالبۇكى، ئاھازىيانىڭ يەھورامنى يوقلىغىلى بارغىنى دەل ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان، خۇدا بېكىتكەن ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇ بارغاندىن كېيىن يەھورام بىلەن بىرلىكتە نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇغا قارشى سوقۇشۇشقا چىقتى. مۇشۇ يەھۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغانىدى. | 7 |
جا لەناوچوونی ئەحەزیا لەلای خوداوە بوو بە هاتنی بۆ لای یۆرام. کاتێک کە هات لەگەڵ یۆرامدا چوون بۆ لای یێهوی کوڕی نیمشی، ئەوەی یەزدان بۆ بنبڕکردنی ماڵی ئەحاڤ دەستنیشانی کرد. |
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇ خۇدا بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئاھاب جەمەتىنىڭ ئۈستىگە يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا، ئۇ يەھۇدادىكى ئەمەلدارلارنى ۋە ئاھازىيانىڭ خىزمىتىدە بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتتى. | 8 |
ئەوە بوو کاتێک یێهو سزای دادوەرانەی بەسەر ماڵی ئەحاڤدا دەدا، تووشی بوو بە تووش سەرکردەکانی یەهودا و برازاکانی ئەحەزیاوە ئەوانەی خزمەتی ئەحەزیایان دەکرد و کوشتنی. |
يەھۇ ئاھازىيانىمۇ ئىزدىدى؛ كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋالدى (ئۇ سامارىيەگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى). ئۇلار ئۇنى يەھۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر: «بۇ دېگەن پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزدىگەن يەھوشافاتنىڭ نەۋرىسىدۇر» دېگەنىدى. ئاھازىيانىڭ جەمەتىدە پادىشاھلىقنى قولىغا ئالغۇدەك بىرەر ئادەم قالمىدى. | 9 |
ئینجا بەدوای ئەحەزیادا گەڕا و لە سامیرە پیاوەکانی دەستگیریان کرد، کە خۆی شاردبووەوە، هێنایان بۆ لای یێهو و کوشتیان و ناشتیان، چونکە گوتیان: «ئەو لە نەوەی یەهۆشافاتە ئەوەی بە هەموو دڵییەوە ڕووی لە یەزدان کرد.» ئیتر کەس لە ماڵی ئەحەزیادا نەبوو توانای پاشایەتییەکەی هەبێت. |
ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، يەھۇدا جەمەتىدىكى بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى. | 10 |
کاتێک عەتەلیای دایکی ئەحەزیاش کە بینی کوڕەکەی مردووە، هەستا و هەموو ڕەچەڵەکی شاهانەی بنەماڵەی یەهودای لەناوبرد. |
لېكىن پادىشاھنىڭ قىزى يەھوشېبىيات ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ يەھورامنىڭ قىزى، (يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى)، [باش] كاھىن يەھۇيادانىڭ خوتۇنى يەھوشېبىيات يوئاشنى ئاتالىيا ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قويدى. | 11 |
بەڵام یەهۆشەڤەعی کچی یەهۆرام پاشا، پێش کوشتنی شازادەکان یۆئاشی کوڕی ئەحەزیای برد و ڕفاندی و لەگەڵ دایەنەکەی لە ژووری نوستن داینا. یەهۆشەڤەعی کچی یەهۆرامی پاشا ژنی یەهۆیاداعی کاهین بوو، هەروەها خوشکی ئەحەزیا بوو، ئیتر برازاکەی لە عەتەلیا شاردەوە تاکو نەتوانێ بیکوژێت. |
ئاندىن كېيىن يوئاش ئۇلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى؛ ئۇ چاغدا ئاتالىيا يەھۇدا زېمىنىدا سەلتەنەت قىلاتتى. | 12 |
ماوەی شەش ساڵ لەگەڵیاندا بە نهێنی لە پەرستگای خودا مایەوە، عەتەلیاش فەرمانڕەوای خاکەکە بوو. |