< تارىخ-تەزكىرە 2 2 >
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي ھەم پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سېلىش نىيىتىگە كەلدى. | 1 |
さてソロモンは主の名のために一つの宮を建て、また自分のために一つの王宮を建てようと思った。
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان يەتمىش مىڭ ئادەمنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ ئادەمنى تاغدا تاش كېسىشكە، ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. | 2 |
そしてソロモンは荷を負う者七万人、山で石を切り出す者八万人、これらを監督する者三千六百人を数え出した。
سۇلايمان تۇر پادىشاھى ھۇرامغا ئادەم ئەۋەتىپ: «ئۆزلىرى ئاتام داۋۇتنىڭ تۇرالغۇسى بولسۇن دەپ ئوردا سېلىشىغا كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدىلىغۇ، ماڭىمۇ شۇنداق قىلغايلا. | 3 |
ソロモンはまずツロのヒラムに人をつかわして言わせた、「あなたはわたしの父ダビデに、その住むべき家を建てるために香柏を送られました。どうぞ彼にされたように、わたしにもして下さい。
مانا، مەن ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سالماقچىمەن؛ ئۆي ئۇنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي يېقىش، «تەقدىم نانلار»نىڭ ئۈزۈلمەي قويۇلۇشى، ھەركۈنى ئەتە-ئاخشاملىرىدا، شابات كۈنلىرىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بېكىتىپ بەرگەن ھېيت-ئايەملەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىسرائىل خەلقىگە مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. | 4 |
見よ、わたしはわが神、主の名のために一つの家を建て、これを聖別して彼にささげ、彼の前にこうばしい香をたき、常供のパンを供え、また燔祭を安息日、新月、およびわれらの神、主の定めの祭に朝夕ささげ、これをイスラエルのながく守るべき定めにしようとしています。
مەن سالماقچى بولغان ئۆي ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. | 5 |
またわたしの建てる家は大きな家です。われらの神はすべての神よりも大いなる神だからです。
لېكىن ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانمۇ ئۇنى سىغدۇرالمايدىغان تۇرسا، كىم ئۇنىڭغا ئۆي سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئۆي سالدۇرغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولاي؟ مەن پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرگۈدەكلا ئادەممەن، خالاس! | 6 |
しかし、天も、諸天の天も彼を入れることができないのに、だれが彼のために家を建てることができましょうか。わたしは何者ですか、彼のために家を建てるというのも、ただ彼の前に香をたく所に、ほかならないのです。
ئەمدى ئۆزلىرى ماڭا ئاتام داۋۇت يەھۇدادا ۋە يېرۇسالېمدا تەييارلاپ قويغان ئۇستىلار بىلەن بىللە ئىشلەش ئۈچۈن، ئالتۇن-كۈمۈشتە، مىس ۋە تۆمۈردە ئىشلەشكە پىششىق، سۆسۈن، توق قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا ھەم نەققاشلىقنى بىلىدىغان بىر ئۇستامنى ئەۋەتكەيلا. | 7 |
それで、どうぞ金、銀、青銅、鉄の細工および紫糸、緋糸、青糸の織物にくわしく、また彫刻の術に巧みな工人ひとりをわたしに送って、父ダビデが備えておいたユダとエルサレムのわたしの工人たちと一緒に働かせてください。
ھەم ماڭا لىۋاندىن كېدىر، ئارچا-قارىغاي ۋە سەندەل دەرەخلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىلا؛ چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋاندا ياغاچنى كېسىشكە ئۇستىلىقىنى بىلىمەن؛ مانا، ماڭا كۆپلەپ ياغاچلارنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن؛ چۈنكى مەن سالىدىغان ئۆي ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىب كارامەت بولىدۇ. | 8 |
またどうぞレバノンから香柏、いとすぎ、びゃくだんを送ってください。わたしはあなたのしもべたちがレバノンで木を切ることをよくわきまえているのを知っています。わたしのしもべたちも、あなたのしもべたちと一緒に働かせ、
わたしのためにたくさんの材木を備えさせてください。わたしの建てる家は非常に広大なものですから。
مانا، مەن ئۆزلىرىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي، يىگىرمە مىڭ كور ئارپا، يىگىرمە مىڭ بات شاراب، يىگىرمە مىڭ بات زەيتۇن مېيى بېرىمەن» ــ دېدى. | 10 |
わたしは木を切るあなたのしもべたちに砕いた小麦二万コル、大麦二万コル、ぶどう酒二万バテ、油二万バテを与えます」。
تۇرنىڭ پادىشاھى ھۇرام سۇلايمانغا جاۋابەن مەكتۇپ يوللاپ: «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيگەچكە ئۇ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دېدى. | 11 |
そこでツロの王ヒラムは手紙をソロモンに送って答えた、「主はその民を愛するゆえに、あなたを彼らの王とされました」。
ھۇرام يەنە: «ئاسمان-پەلەك بىلەن يەر-زېمىننى ياراتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھ داۋۇتقا يورۇتۇلغان، پەم-پاراسەتلىك، پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئۆي، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سالالايدىغان بىر دانىشمەن ئوغۇل بەردى. | 12 |
ヒラムはまた言った、「天地を造られたイスラエルの神、主はほむべきかな。彼はダビデ王に賢い子を与え、これに分別と知恵を授けて、主のために宮を建て、また自分のために、王宮を建てることをさせられた。
مانا مەن ھازىر ئۆزلىرىگە ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن، ئەقىل-پاراسەت بىلەن يورۇتۇلغان، ھۇرام-ئابى دېگەن بىر ئادەمنى ئەۋەتەي. | 13 |
いまわたしは達人ヒラムという知恵のある工人をつかわします。
ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىلىك بىر ئايال، ئاتىسى تۇرلۇق ئىكەن. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، تاشلار، ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر، سۆسۈن، توق قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا، ھەرخىل نەققاشلىق ئىشلىرىغىمۇ ئۇستا، تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق لايىھىگە ئامالىنى قىلالايدۇ. بۇ كىشى ئۆزلىرىنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن ۋە ئاتىلىرى بولغان خوجام داۋۇتنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن. | 14 |
彼はダンの子孫である女を母とし、ツロの人を父とし、金銀、青銅、鉄、石、木の細工および紫糸、青糸、亜麻糸、緋糸の織物にくわしく、またよくもろもろの彫刻をし、意匠を凝らしてもろもろの工作をします。彼を用いてあなたの工人およびあなたの父、わが主ダビデの工人と一緒に働かせなさい。
ئەمدى خوجام تىلغا ئالغان بۇغداي، ئارپا، ماي ۋە شاراب بولسا، بۇلارنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەيلا. | 15 |
それでいまわが主の言われた小麦、大麦、油およびぶどう酒をそのしもべどもに送ってください。
بىز بولساق سىلىگە قانچە كېرەك بولسا لىۋاندا شۇنچە ياغاچ كېسىپ، سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز؛ ئاندىن سىلى ئۇ يەردىن يېرۇسالېمغا توشۇپ كەتسىلە بولىدۇ» دېدى. | 16 |
あなたの求められる材木はレバノンから切りだし、いかだに組んで、海からヨッパに送ります。あなたはそれをエルサレムに運び上げなさい」。
ئاتىسى داۋۇت ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇشلۇق ياقا يۇرتلۇقلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەندەك، سۇلايمانمۇ ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. | 17 |
そこでソロモンはその父ダビデが数えたようにイスラエルの国にいるすべての他国人を数えたが、合わせて十五万三千六百人あった。
ئۇ ئۇلاردىن يەتمىش مىڭ كىشىنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ كىشىنى تاغدا تاش كېسىشكە ۋە ئىش قىلىۋاتقانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى تەيىنلىدى. | 18 |
彼はその七万人を荷を負う者とし、八万人を山で木や石を切る者とし、三千六百人を民を働かせる監督者とした。