< تارىخ-تەزكىرە 2 2 >

سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي ھەم پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سېلىش نىيىتىگە كەلدى. 1
Salomo fik i Sinde at bygge et Hus for HERRENS Navn og et kongeligt Palads.
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان يەتمىش مىڭ ئادەمنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ ئادەمنى تاغدا تاش كېسىشكە، ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. 2
Salomo lod derfor udskrive 70 000 Mand til Lastdragere og 80 000 Mand til Stenhuggere i Bjergene og 3600 til at føre Tilsyn med dem.
سۇلايمان تۇر پادىشاھى ھۇرامغا ئادەم ئەۋەتىپ: «ئۆزلىرى ئاتام داۋۇتنىڭ تۇرالغۇسى بولسۇن دەپ ئوردا سېلىشىغا كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدىلىغۇ، ماڭىمۇ شۇنداق قىلغايلا. 3
Og Salomo sendte Kong Huram af Tyrus følgende Bud: »Vær mod mig som mod min Fader David, hvem du sendte Cedertræ, for at han kunde bygge sig et Palads at bo i.
مانا، مەن ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سالماقچىمەن؛ ئۆي ئۇنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي يېقىش، «تەقدىم نانلار»نىڭ ئۈزۈلمەي قويۇلۇشى، ھەركۈنى ئەتە-ئاخشاملىرىدا، شابات كۈنلىرىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بېكىتىپ بەرگەن ھېيت-ئايەملەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىسرائىل خەلقىگە مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 4
Se, jeg er ved at bygge HERREN min Guds Navn et Hus; det skal helliges ham, for at man kan brænde vellugtende Røgelse for hans Aasyn, altid have Skuebrødene fremme og ofre Brændofre hver Morgen og Aften, paa Sabbaterne, Nymaanedagene og HERREN vor Guds Højtider, som det til evig Tid paahviler Israel.
مەن سالماقچى بولغان ئۆي ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. 5
Huset, jeg vil bygge, skal være stort; thi vor Gud er større end alle Guder.
لېكىن ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانمۇ ئۇنى سىغدۇرالمايدىغان تۇرسا، كىم ئۇنىڭغا ئۆي سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئۆي سالدۇرغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولاي؟ مەن پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرگۈدەكلا ئادەممەن، خالاس! 6
Hvem magter at bygge ham et Hus, naar dog Himmelen og Himlenes Himle ikke kan rumme ham? Og hvem er jeg, at jeg skulde bygge ham et Hus, naar det ikke var for at tænde Offerild for hans Aasyn!
ئەمدى ئۆزلىرى ماڭا ئاتام داۋۇت يەھۇدادا ۋە يېرۇسالېمدا تەييارلاپ قويغان ئۇستىلار بىلەن بىللە ئىشلەش ئۈچۈن، ئالتۇن-كۈمۈشتە، مىس ۋە تۆمۈردە ئىشلەشكە پىششىق، سۆسۈن، توق قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا ھەم نەققاشلىقنى بىلىدىغان بىر ئۇستامنى ئەۋەتكەيلا. 7
Saa send mig da en Mand, der har Forstand paa at arbejde i Guld. Sølv, Kobber, Jern, rødt Purpur, Karmoisin og violet Purpur og forstaar sig paa Billedskærerarbejde, til at arbejde sammen med mine egne Mestre her i Juda og Jerusalem, dem, som min Fader antog;
ھەم ماڭا لىۋاندىن كېدىر، ئارچا-قارىغاي ۋە سەندەل دەرەخلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىلا؛ چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋاندا ياغاچنى كېسىشكە ئۇستىلىقىنى بىلىمەن؛ مانا، ماڭا كۆپلەپ ياغاچلارنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن؛ چۈنكى مەن سالىدىغان ئۆي ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىب كارامەت بولىدۇ. 8
og send mig Ceder-, Cypres— og Algummimtræ fra Libanon, thi jeg ved at dine Folk forstaar at fælde Libanons Træer; og mine Folk skal hjælpe dine;
9
men Træ maa jeg have i Mængde, thi Huset, jeg vil bygge, skal være stort, det skal være et Underværk.
مانا، مەن ئۆزلىرىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي، يىگىرمە مىڭ كور ئارپا، يىگىرمە مىڭ بات شاراب، يىگىرمە مىڭ بات زەيتۇن مېيى بېرىمەن» ــ دېدى. 10
For Tømrerne, som fælder Træerne, vil jeg til Underhold for dine Folk give 20 000 Kor Hvede, 20 000 Kor Byg, 20 000 Bat Vin og 20 000 Bat Olie.«
تۇرنىڭ پادىشاھى ھۇرام سۇلايمانغا جاۋابەن مەكتۇپ يوللاپ: «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيگەچكە ئۇ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دېدى. 11
Kong Huram af Tyrus svarede i et Brev, som han sendte Salomo: »Fordi HERREN elsker sit Folk, har han gjort dig til Konge over dem!«
ھۇرام يەنە: «ئاسمان-پەلەك بىلەن يەر-زېمىننى ياراتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھ داۋۇتقا يورۇتۇلغان، پەم-پاراسەتلىك، پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئۆي، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سالالايدىغان بىر دانىشمەن ئوغۇل بەردى. 12
Og Huram føjede til: »Lovet være HERREN, Israels Gud, som har skabt Himmelen og Jorden, at han har givet Kong David en viis Søn, der har Forstand og Indsigt til at bygge et Hus for HERREN og et kongeligt Palads.
مانا مەن ھازىر ئۆزلىرىگە ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن، ئەقىل-پاراسەت بىلەن يورۇتۇلغان، ھۇرام-ئابى دېگەن بىر ئادەمنى ئەۋەتەي. 13
Her sender jeg dig en kyndig og indsigtsfuld Mand, Huram-Abi;
ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىلىك بىر ئايال، ئاتىسى تۇرلۇق ئىكەن. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، تاشلار، ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر، سۆسۈن، توق قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا، ھەرخىل نەققاشلىق ئىشلىرىغىمۇ ئۇستا، تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق لايىھىگە ئامالىنى قىلالايدۇ. بۇ كىشى ئۆزلىرىنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن ۋە ئاتىلىرى بولغان خوجام داۋۇتنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن. 14
han er Søn af en Kvinde fra Dan, men hans Fader er en Tyrier; han forstaar at arbejde i Guld. Sølv, Kobber, Jern, Stem, Træ, rødt og violet Purpur, fint Linned og karmoisinfarvet Stof, forstaar sig paa al Slags Billedskærerarbejde og kan udtænke alle de Kunstværker, han sættes til; han skal arbejde sammen med dine og med min Herres, din Fader Davids, Mestre.
ئەمدى خوجام تىلغا ئالغان بۇغداي، ئارپا، ماي ۋە شاراب بولسا، بۇلارنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەيلا. 15
Min Herre skal derfor sende sine Trælle Hveden, Byggen, Vinen og Olien, han talte om;
بىز بولساق سىلىگە قانچە كېرەك بولسا لىۋاندا شۇنچە ياغاچ كېسىپ، سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز؛ ئاندىن سىلى ئۇ يەردىن يېرۇسالېمغا توشۇپ كەتسىلە بولىدۇ» دېدى. 16
saa vil vi fælde saa mange Træer paa Libanon, som du har Brug for, og sende dig dem i Tømmerflaader paa Havet til Jafo; men du maa selv faa dem op til Jerusalem.«
ئاتىسى داۋۇت ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇشلۇق ياقا يۇرتلۇقلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەندەك، سۇلايمانمۇ ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. 17
Salomo lod da alle fremmede Mænd, der boede i Israels Land, tælle — allerede tidligere havde hans Fader David ladet dem tælle — og de fandtes at udgøre 153 600.
ئۇ ئۇلاردىن يەتمىش مىڭ كىشىنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ كىشىنى تاغدا تاش كېسىشكە ۋە ئىش قىلىۋاتقانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى تەيىنلىدى. 18
Af dem gjorde han 70 000 til Lastdragere, 80 000 til Stenhuggere i Bjergene og 3600 til Opsynsmænd til at lede Folkenes Arbejde.

< تارىخ-تەزكىرە 2 2 >