< تارىخ-تەزكىرە 2 19 >
يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات ئامان-ئېسەن يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى. | 1 |
Kong Josafat af Juda derimod vendte uskadt hjem igen til sit Palads i Jerusalem.
ئالدىن كۆرگۈچى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ سېنىڭ رەزىللەرنىڭ ياردىمىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئۆچ بولغانلارنى سۆيگىنىڭ دۇرۇسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېشىڭغا چۈشىدىغان بولدى. | 2 |
Da trådte Seeren Jehu, Hananis Søn, frem for ham, og han sagde til Kong Josafat: "Skal man hjælpe de ugudelige? Elsker du dem, der hader HERREN? For den Sags Skyld er HERRENs Vrede over dig!
ھالبۇكى، سەن ئاشەراھ بۇتلىرىنى زېمىندىن يوقىتىپ تاشلىغىنىڭ ۋە خۇدانى ئىزدەشكە نىيەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن سەندىمۇ ياخشىلىق تېپىلدى، دېدى. | 3 |
Noget godt er der dog hos dig, thi du har udryddet Asjererne af Landet, og du har vendt dit Hjerte til at søge Gud."
يەھوشافات يېرۇسالېمدا ئولتۇراتتى؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ، بەئەر-شېبادىن تارتىپ ئەفرائىم تاغلىرىغىچە سەپەر قىلىپ، خەلقنى توۋا قىلدۇرۇپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ياندۇردى. | 4 |
Josafat blev nu i Jerusalem, Så drog han atter ud blandt Folket fra Be'ersjeba til Efraims Bjerge og førte dem tilbage til HERREN, deres Fædres Gud.
ئۇ يەنە يەھۇدا تەۋەسىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەردە سوراقچىلارنى تەيىنلىدى؛ | 5 |
Og han indsatte Dommere i Landet i hver enkelt af de befæsfede Byer i Juda.
ئۇ سوراقچىلارغا: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلار ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ئۈچۈندۇر؛ سىلەر ھۆكۈم چىقارغىنىڭلاردا ئۇ چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. | 6 |
Og han sagde til Dommerne: "Se til, hvad I gør, thi det er ikke for Mennesker, men for HERREN, I fælder Dom, og han er hos eder, når I afsiger Hendelser.
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىمىسى كۆز ئالدىڭلاردا بولسۇن؛ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدا ناھەقلىق يوق، يۈز-خاتىر قىلىش يوق، پارا يېيىشمۇ يوقتۇر، دېدى. | 7 |
Derfor være HERRENs Frygt over eder! Vær varsomme med, hvad I foretager eder, thi hos HERREN vor Gud er der hverken Uret eller Personsanseelse, ej heller tager han imod Bestikkelse!"
يەھوشافات لاۋىيلاردىن، كاھىنلاردىن ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ باشلىرىدىن بەزىلەرنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش ۋە خەلقنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەيىنلىدى. | 8 |
Også i Jerusalem indsatte Josafat nogle af Leviterne, Præsterne og Overhovederne for Israels Fædrenehuse til at dømme i HERRENs Sager og i Stridigheder mellem Jerusalems Indbyggere.
يەھوشافات ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىدا بولۇپ ساداقەتلىك بىلەن چىن كۆڭلۈڭلاردىن بېجىرىڭلار. | 9 |
Og han bød dem: "Således skal I gøre i HERRENs Frygt, i Sanddruhed og med redeligt Hjerte:
ھەرقايسى شەھەرلەردە تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئەرز-دەۋاسى، مەيلى ئۇ خۇن دەۋاسى بولسۇن، قانۇن-ئەمر ۋە ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر توغرىسىدىكى ئەرز-دەۋا بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز بېشىڭلارغا ۋە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھامان ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. | 10 |
Hver Gang der forelægges eder en Retssag af eders Brødre, der bor i deres Byer, hvad enten det drejer sig om Blodskyld eller om Love, Anordninger og Lovbud, skal I hjælpe dem til Rette, at de ikke skal pådrage sig Skyld forHERREN, så der kommer Vrede over eder og eders Brødre; gør således for ikke at pådrage eder Skyld.
پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق ئىشلاردا سىلەرنى باش كاھىن ئامارىيا باشقۇرىدۇ؛ پادىشاھقا دائىر ئىشلاردا، سىلەرنى يەھۇدا جەمەتىنىڭ يولباشچىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا باشقۇرىدۇ؛ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا تۇرىدىغان لاۋىيلار بار. جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلىرىڭلارنى قىلىڭلار ۋە پەرۋەردىگار ئىشنى دۇرۇس قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بولىدۇ! ــ دېدى. | 11 |
I alle HERRENs Sager skal Ypperstepræsten Amarja være eders foresatte, i alle Kongens Sager Zebadja, Jisjmaels Søn, Fyrsten i Judas Hus; og Leviterne står eder til Tjeneste som Retsskrivere. Gå nu frimodigt til Værket, HERREN vil være med enhver, der gør sin Pligt."