ئوغلى يەھوشافات ئاسانىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈچەيتتى. | 1 |
וַיִּמְלֹךְ יְהוֹשָׁפָט בְּנוֹ תַּחְתָּיו וַיִּתְחַזֵּק עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ |
ئۇ ھەربىي كۈچلىرىنى يەھۇدانىڭ ھەممە قورغانلىق شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە ئاتىسى ئاسا ئىشغال قىلغان ئەفرائىمدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە مۇداپىئە كۈچلىرىنى تۇرغۇزدى. | 2 |
וַיִּתֶּן־חַיִל בְּכָל־עָרֵי יְהוּדָה הַבְּצֻרוֹת וַיִּתֵּן נְצִיבִים בְּאֶרֶץ יְהוּדָה וּבְעָרֵי אֶפְרַיִם אֲשֶׁר לָכַד אָסָא אָבִֽיו׃ |
پەرۋەردىگار يەھوشافات بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ئاتىسى داۋۇتنىڭ باشتا يۈرگۈزگەن يوللىرىدا مېڭىپ بائال بۇتلىرىنى ئىزدىمىدى، | 3 |
וַיְהִי יְהוָה עִם־יְהוֹשָׁפָט כִּי הָלַךְ בְּדַרְכֵי דָּוִיד אָבִיו הָרִאשֹׁנִים וְלֹא דָרַשׁ לַבְּעָלִֽים׃ |
بەلكى ئاتىسىنىڭ خۇداسىنىلا ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە مېڭىپ، ئىسرائىللارنىڭ قىلمىشلىرىنى دورىمىدى. | 4 |
כִּי לֽ͏ֵאלֹהֵי אָבִיו דָּרָשׁ וּבְמִצְוֺתָיו הָלָךְ וְלֹא כְּמַעֲשֵׂה יִשְׂרָאֵֽל׃ |
شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى؛ پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۇنىڭغا سالام-سوۋغىلارنى سۇنۇپ تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. | 5 |
וַיָּכֶן יְהוָה אֶת־הַמַּמְלָכָה בְּיָדוֹ וַיִּתְּנוּ כָל־יְהוּדָה מִנְחָה לִיהוֹשָׁפָט וַֽיְהִי־לוֹ עֹֽשֶׁר־וְכָבוֹד לָרֹֽב׃ |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا ماڭغاچقا، غەيرەتلىك بولدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە ئاشەراھ بۇتلىرىنى يوقاتتى. | 6 |
וַיִּגְבַּהּ לִבּוֹ בְּדַרְכֵי יְהוָה וְעוֹד הֵסִיר אֶת־הַבָּמוֹת וְאֶת־הָאֲשֵׁרִים מִיהוּדָֽה׃ |
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بەن-ھايىل، ئوبادىيا، زەكەرىيا، نەتانەل، مىكايالارنى يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشكە ئەۋەتتى. | 7 |
וּבִשְׁנַת שָׁלוֹשׁ לְמָלְכוֹ שָׁלַח לְשָׂרָיו לְבֶן־חַיִל וּלְעֹבַדְיָה וְלִזְכַרְיָה וְלִנְתַנְאֵל וּלְמִיכָיָהוּ לְלַמֵּד בְּעָרֵי יְהוּדָֽה׃ |
ئۇلار بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە شېمايا، نەتانىيا، زەبادىيا، ئاساھەل، شەمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا قاتارلىق بىرقانچە لاۋىيلار، شۇنداقلا يەنە ئەلىشاما بىلەن يەھورام دېگەن ئىككى كاھىنمۇ بار ئىدى. | 8 |
וְעִמָּהֶם הַלְוִיִּם שְֽׁמַֽעְיָהוּ וּנְתַנְיָהוּ וּזְבַדְיָהוּ וַעֲשָׂהאֵל ושמרימות וּשְׁמִֽירָמוֹת וִֽיהוֹנָתָן וַאֲדֹנִיָּהוּ וְטֽוֹבִיָּהוּ וְטוֹב אֲדוֹנִיָּה הַלְוִיִּם וְעִמָּהֶם אֱלִישָׁמָע וִֽיהוֹרָם הַכֹּהֲנִֽים׃ |
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنى كىتابىنى ئالغاچ بېرىپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ خەلق ئارىسىدا تەلىم بېرەتتى. | 9 |
וַֽיְלַמְּדוּ בִּֽיהוּדָה וְעִמָּהֶם סֵפֶר תּוֹרַת יְהוָה וַיָּסֹבּוּ בְּכָל־עָרֵי יְהוּדָה וַֽיְלַמְּדוּ בָּעָֽם׃ |
يەھۇدانىڭ ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى باستى ۋە ئۇلار يەھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمايتتى. | 10 |
וַיְהִי ׀ פַּחַד יְהוָה עַל כָּל־מַמְלְכוֹת הֽ͏ָאֲרָצוֹת אֲשֶׁר סְבִיבוֹת יְהוּדָה וְלֹא נִלְחֲמוּ עִם־יְהוֹשָׁפָֽט׃ |
فىلىستىيلەردىن بەزىلىرى يەھوشافاتقا سوۋغا-سالاملار ۋە كۈمۈش ئولپانلىرىنى تاپشۇردى؛ ئەرەبلەرمۇ پادىلىرىدىن ئۇنىڭغا يەتتە مىڭ يەتتە يۈز قوچقار، يەتتە مىڭ يەتتە يۈز تېكە سوۋغا قىلدى. | 11 |
וּמִן־פְּלִשְׁתִּים מְבִיאִים לִֽיהוֹשָׁפָט מִנְחָה וְכֶסֶף מַשָּׂא גַּם הָֽעַרְבִיאִים מְבִיאִים לוֹ צֹאן אֵילִים שִׁבְעַת אֲלָפִים וּשְׁבַע מֵאוֹת וּתְיָשִׁים שִׁבְעַת אֲלָפִים וּשְׁבַע מֵאֽוֹת׃ |
يەھوشافات بارغانسېرى كارامەت قۇدرەت تېپىپ، يەھۇدادا بىرنەچچە قورغان ۋە ئامبار شەھىرى بىنا قىلدى. | 12 |
וַיְהִי יְהוֹשָׁפָט הֹלֵךְ וְגָדֵל עַד־לְמָעְלָה וַיִּבֶן בִּֽיהוּדָה בִּירָנִיּוֹת וְעָרֵי מִסְכְּנֽוֹת׃ |
ئۇ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نۇرغۇن ماددىي ئەشيا زاپىسى تەييارلىدى؛ يېرۇسالېمدىمۇ ئۇنىڭ زەبەردەس باتۇر جەڭچىلىرى بار ئىدى. | 13 |
וּמְלָאכָה רַבָּה הָיָה לוֹ בְּעָרֵי יְהוּדָה וְאַנְשֵׁי מִלְחָמָה גִּבּוֹרֵי חַיִל בִּירוּשָׁלָֽ͏ִם׃ |
جەمەتلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەھۇدا قەبىلىسىدىكى مىڭباشلىرى ئىچىدە ئادناھ سەردار بولۇپ، باتۇر جەڭچىلەردىن ئۈچ يۈز مىڭغا باشلامچىلىق قىلاتتى؛ | 14 |
וְאֵלֶּה פְקֻדָּתָם לְבֵית אֲבוֹתֵיהֶם לִֽיהוּדָה שָׂרֵי אֲלָפִים עַדְנָה הַשָּׂר וְעִמּוֹ גִּבּוֹרֵי חַיִל שְׁלֹשׁ מֵאוֹת אָֽלֶף׃ |
ئادناھنىڭ قول ئاستىدا يەھوھانان سەردار بولۇپ، ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ | 15 |
וְעַל־יָדוֹ יְהוֹחָנָן הַשָּׂר וְעִמּוֹ מָאתַיִם וּשְׁמוֹנִים אָֽלֶף׃ |
يەھوھاناننىڭ قول ئاستىدا زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسىيا بار ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەم بولۇپ، ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى. | 16 |
וְעַל־יָדוֹ עֲמַסְיָה בֶן־זִכְרִי הַמִּתְנַדֵּב לַיהוָה וְעִמּוֹ מָאתַיִם אֶלֶף גִּבּוֹר חָֽיִל׃ |
بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدە ئېلىيادا دېگەن باتۇر بىر جەڭچى بولۇپ، ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ | 17 |
וּמִן־בִּנְיָמִן גִּבּוֹר חַיִל אֶלְיָדָע וְעִמּוֹ נֹֽשְׁקֵי־קֶשֶׁת וּמָגֵן מָאתַיִם אָֽלֶף׃ |
ئېلىيادانىڭ قول ئاستىدا يەھوزاباد بولۇپ، جەڭگە تەييار قوشۇندىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى. | 18 |
וְעַל־יָדוֹ יְהוֹזָבָד וְעִמּוֹ מֵאָֽה־וּשְׁמוֹנִים אֶלֶף חֲלוּצֵי צָבָֽא׃ |
بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھازىر تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يەنە پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدىكى قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەملىرى بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدا ئىدى. | 19 |
אֵלֶּה הַמְשָׁרְתִים אֶת־הַמֶּלֶךְ מִלְּבַד אֲשֶׁר־נָתַן הַמֶּלֶךְ בְּעָרֵי הַמִּבְצָר בְּכָל־יְהוּדָֽה׃ |