< تارىخ-تەزكىرە 2 15 >
خۇدانىڭ روھى ئودەدنىڭ ئوغلى ئازارىيانىڭ ئۈستىگە چۈشتى. | 1 |
Och uppå Asaria, Obeds son, kom Guds Ande.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسا بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئاسا، پۈتكۈل يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولغىنىڭلاردا، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر ئۇنى ئىزلىسەڭلار ئۇ سىلەرگە تاپقۇزۇلىدۇ؛ لېكىن سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار ئۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. | 2 |
Han gick ut emot Asa, och sade till honom: Hörer härtill, Asa, och hele Juda och BenJamin; Herren är med eder, efter I ären med honom; och när I söken honom, låter han sig af eder finna; om I ock öfvergifven honom, så öfvergifver han ock eder.
ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەرگىچە ھەقىقىي خۇدا، تەلىم بېرىدىغان كاھىن ۋە قانۇن-ئەھكاملاردىن جۇدا بولۇپ يۈردى؛ | 3 |
Men det skall vara många dagar i Israel, att der skall ingen rätter Gud vara; ingen Prest, som lärer; ingen lag.
لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۇنى ئىزدىدى ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. | 4 |
Och när de omvända sig i sine nöd till Herran Israels Gud, och söka honom, så skall han låta sig finna.
ئۇ ۋاقىتلاردا چىقىپ-كىرىپ تۇرغانلارغا ھېچ ئاراملىق بولمىغان، چۈنكى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلار مالىمانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى. | 5 |
På den tiden varder icke väl gångandes dem som ut och in gå; förty det varder ett stort buller öfver alla de som bo på jordene.
خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىق-مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدۇرغاچقا، مەملىكەت بىلەن مەملىكەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سوقۇشۇپ ۋەيران بولدى. | 6 |
Ty det ena folket skall slå det andra, och en stad den andra; förty Gud skall förskräcka dem med allahanda ångest.
لېكىن سىلەر بولساڭلار، قەيسەر بولۇڭلار، مەزمۇت تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى بوشاتماڭلار، چۈنكى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ئىنئامى باردۇر، دېدى. | 7 |
Men I varer tröste, och drager icke edra händer ifrå; ty edart verk hafver sin lön.
ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا ئۇ دادىللىشىپ، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنلىرىدا، شۇنداقلا ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قولغا چۈشۈرگەن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى يوقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئايۋان ئالدىدا تۇرغان پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن ياساتتى. | 8 |
Då Asa hörde dessa orden, och Obeds den Prophetens Prophetia, vardt han tröst, och kastade bort de styggelser utu hela Juda land och BenJamin, och utu städerna, som han vunnit hade på Ephraims berg, och förnyade Herrans altare, som för Herrans förhus stod;
ئۇ بارلىق يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئەفرائىمىي، ماناسسەھىي، شىمېئونىي مۇساپىرلىرىنى يىغدى (چۈنكى نۇرغۇن ئىسرائىللار ئاسانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىسرائىلدىن چىقىپ ئاسا تەرەپكە ئۆتكەنىدى). | 9 |
Och församlade hela Juda och BenJamin, och främlingarna när dem utaf Ephraim, Manasse och Simeon; förty till honom föllo månge af Israel, som de sågo att Herren hans Gud med honom var.
ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۇلار يېرۇسالېمغا يىغىلدى. | 10 |
Och de församlade sig till Jerusalem i tredje månadenom, i femtonde årena Asa rikes;
شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرىدىن يەتتە يۈز بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. | 11 |
Och offrade på den dagen Herranom utaf rofvet, som de hemtat hade, sjuhundrad nöt, och sjutusend får.
ئۇلار يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛ | 12 |
Och de trädde uti förbundet, att de skulle söka Herran deras fäders Gud, af allt hjerta, och af allo själ;
ئەھدىدە، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىگەن قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، دېيىلدى. | 13 |
Och hvilken som icke sökte Herran Israels Gud, han skulle dö, både liten och stor, både man och qvinna.
ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراش ۋە كاناي ھەم بۇرغا چېلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بېرىشتى. | 14 |
Och de svoro Herranom med höga röst, med rop, med trummeter och basuner.
پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى ئىچكەن قەسىمىدىن شادلاندى؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن قەسەم ئىچكەن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا تۆت ئەتراپىدا ئاراملىق ئاتا قىلدى. | 15 |
Och hele Juda fröjdade sig öfver eden; ty de hade svorit af allt hjerta, och de sökte honom af allom vilja, och han lät sig af dem finna; och Herren gaf dem ro allt omkring.
ئاسا پادىشاھ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشېراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ، ئاياغ ئاستىدا چەيلىدى ۋە كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. | 16 |
Ock satte Konung Asa sina moder Maacha af ämbetet, för det hon stiktat hade uti Miplezeths lund; och Asa utrotade hennes Miplezeth, och sönderslog honom, och uppbrände honom vid Kidrons bäck.
«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى [پەرۋەردىگارغا] پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. | 17 |
Men höjderna vordo icke bortlagda utur Israel; dock var Asa hjerta rättsinnigt, så länge han lefde.
ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى. | 18 |
Och han lät komma in uti Guds hus hvad hans fader helgat hade, och hvad han helgat hade, silfver, guld och käril.
Och intet örlig var allt intill femte och tretionde året Asa rikes.