< تارىخ-تەزكىرە 2 14 >
ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، كىشىلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئاسا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە ئون يىل تىنچ ئۆتتى. | 1 |
Y durmió Abías con sus padres, y fue sepultado en la ciudad de David: y reinó en su lugar Asa su hijo. En sus días reposó la tierra diez años.
ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە توغرا بولغاننى قىلدى. | 2 |
E hizo Asa lo bueno y recto en los ojos de Jehová su Dios:
ئۇ يات ئەللەردىن كەلگەن بۇت قۇربانگاھلىرىنى ۋە «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ئۆرۈپ چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كىسىپ تاشلىدى، | 3 |
Porque quitó los altares del ajeno, y los altos: quebró las imágenes, y taló los bosques,
يەھۇدالارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى، مۇقەددەس قانۇن-ئەمرلەرنى تۇتۇشنى ئەمر قىلدى. | 4 |
Y mandó a Judá que buscasen a Jehová el Dios de sus padres, e hiciesen la ley y los mandamientos.
ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدىكى ھەربىر شەھەرلەردىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى يوقاتتى. ئۇ چاغدا پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تىنچ-ئاسايىشلىقتا ئۆتتى. | 5 |
Y quitó de todas las ciudades de Judá los altos y las imágenes: y estuvo el reino quieto delante de él.
ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدا بىرنەچچە قورغانلىق شەھەرلەرنى سالدۇردى، چۈنكى يۇرت-زېمىن ئاراملىقتا بولدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرگەچكە، شۇ يىللاردا ھېچ ئۇرۇش بولمىدى. | 6 |
Y edificó ciudades fuertes en Judá, por cuanto había paz en la tierra, y no había guerra contra él en aquellos tiempos; porque Jehová le había dado reposo.
ئۇ يەھۇدالارغا: ــ زېمىن ئالدىمىزدا تىنچ تۇرغاندا، بۇ شەھەرلەرنى سېپىل بىلەن قورشالغان، مۇنارلىق، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان شەھەرلەر قىلىپ قۇرايلى؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىنىمىز ئۈچۈن ئۇ تىنچلىك بەردى؛ بىز ئۇنى ئىزدەپ كەلدۇق ۋە ئۇ بىزنىڭ تۆت ئەتراپىمىزدا بىزگە ئاراملىق بەردى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرۇلۇشنى باشلىدى ۋە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى. | 7 |
Dijo pues a Judá: Edifiquemos estas ciudades, y cerquémoslas de muros, torres, puertas, y barras, pues que la tierra es nuestra, por cuanto hemos buscado a Jehová nuestro Dios: nosotros le hemos buscado, y él nos ha dado reposo de todas partes. Y edificaron, y fueron prosperados.
ئاسانىڭ قوشۇنى بار ئىدى؛ يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان ئۈچ يۈز مىڭ ئەسكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن سىپار ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ كىشىلىك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى. | 8 |
Tuvo también Asa ejército que traía escudos y lanzas, trescientos mil de Judá; y doscientos y ochenta mil de Ben-jamín, que traían escudos, y flechaban arcos: todos hombres diestros.
ئۇ چاغدا زەراھ ئىسىملىك بىر ئېفىئوپىي مىليون كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۈچ يۈز جەڭ ھارۋىسىنى باشلاپ، [ئاساغا] ھۇجۇم قوزغاپ مارەشاھغا كەلدى. | 9 |
Y salió contra ellos Zara Etiope con ejército de mil millares, y trescientos carros; y vino hasta Maresa.
ئاسا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا ئاتلاندى؛ ئۇلار مارەشاھقا يېقىن زەفاتاھ جىلغىسىغا كېلىپ، بىر-بىرىگە قارشى سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. | 10 |
Mas Asa salió contra él, y ordenaron la batalla en el valle de Sefata junto a Maresa.
ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز بەندەڭگە ياردەم بەرسەڭ، ئۇ كۈچلۈك بولسۇن، ئاجىز بولسۇن سەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىزگە ياردەم قىلغايسەن؛ چۈنكى بىز ساڭا تايىنىمىز ۋە سېنىڭ نامىڭدا بۇ زور قوشۇنغا قارشى ئاتلىنىپ چىقتۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن، ئىنسانلار سېنىڭدىن غالىپ كەلمىسۇن! ــ دېدى. | 11 |
Y clamó Asa a Jehová su Dios, y dijo: Jehová, no tienes tú más con el grande, que con el que ninguna fuerza tiene, para dar ayuda. Ayúdanos, oh Jehová Dios nuestro, porque en ti estribamos, y en tu nombre venimos contra este ejército. Oh Jehová, tú eres nuestro Dios: no prevalezca contra ti el hombre.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاسا ۋە يەھۇدالار ئالدىدا ئېفىئوپىيلەرنى ئۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى، ئېفىئوپىيلەر قاچتى. | 12 |
Y Jehová deshizo los Etiopes delante de Asa, y delante de Judá; y huyeron los Etiopes.
ئاسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى تاكى گەرارغىچە قوغلىدى؛ ئېفىئوپىيلەر شۇنداق يىقىتىلدىكى، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ تىرىك قالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئالدىدا كۇكۇم-تالقان قىلىندى. يەھۇدالار غايەت زور جەڭ غەنىمەتلىرىنى قولىغا ئېلىپ كەتتى. | 13 |
Y Asa, y el pueblo que con él estaba, los siguió hasta Gerara: y cayeron los Etiopes hasta no quedar en ellos hombre a vida; porque fueron deshechos delante de Jehová y de su ejército: y tomaron un muy grande despojo.
ئۇلار يەنە گەرار ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردىن زور بىر قورقۇنچ مۇشۇ شەھەرلەردىكىلەرنى باسقانىدى. يەھۇدالار يەنە ھەممە شەھەرنى بىرنىمۇ قويماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، چۈنكى ئۇلاردا تولىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك بار ئىدى. | 14 |
E hirieron todas las ciudades al derredor de Gerara; porque el terror de Jehová era sobre ellos: y saquearon todas las ciudades; porque había en ellas gran despojo.
ئۇلار يەنە مال باققان چارۋىچىلارنىڭ چېدىر-قوتانلىرىغىمۇ زەرب قىلىپ، ناھايىتى كۆپ قوي ۋە تۆگىلەرنى ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. | 15 |
Asimismo dieron sobre las cabañas de los ganados, y trajeron muchas ovejas y camellos; y volviéronse a Jerusalem.