< تارىخ-تەزكىرە 2 13 >
پادىشاھ يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئابىيا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولدى. | 1 |
ヤラベアム王の十八年にアビヤ、ユダの王となり
ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىكايا بولۇپ، ئۇ گىبېئاھلىق ئۇرىيەلنىڭ قىزى ئىدى. ئابىيا بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى. | 2 |
ヱルサレムにて三年の間世を治めたり其母はギベアのウリエルの女にして名をミカヤといふ茲にアビヤとヤラベアムの間に戰爭あり
ئابىيا جەڭ قىلىش ئۈچۈن خىللانغان جەڭچىلەردىن تۆت يۈز مىڭنى باشلاپ چىقتى؛ يەروبوئاممۇ خىللانغان باتۇر جەڭچىلەردىن سەككىز يۈز مىڭنى باشلاپ چىقىپ، ئابىياغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى. | 3 |
アビヤは四十萬の軍勢をもて戰闘に備ふ是みな倔強の猛き武夫なり又ヤラベアムは倔強の人八十萬をもて之にむかひて戰爭の行伍を立つ是また大勇士なり
ئابىيا ئەفرائىم تاغلىق رايونىدىكى زەمارايىم تېغىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى يەروبوئام ۋە ئىسرائىل خەلقى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! | 4 |
時にアビヤ、エフライムの山地なるゼマライム山の上に立て言けるはヤラベアムおよびイスラエルの人々皆聽よ
بىلمەمسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار «تۇزلۇق ئەھدە» قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى پادىشاھلىقنى داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈگە تەقدىم قىلغانغۇ؟ | 5 |
汝ら知ずやイスラエルの神ヱホバ鹽の契約をもてイスラエルの國を永くダビデとその子孫に賜へり
لېكىن داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ قۇلى، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام قوزغىلىپ ئۆز غوجىسىدىن يۈز ئۆرىدى. | 6 |
然るにダビデの子ソロモンの臣たるネバテの子ヤラベアム興りてその主君に叛き
شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇتتەھەملەر، «بېلىيالنىڭ بالىلىرى» ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بىلەن قارشىلىشىشقا ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈردى؛ رەھوبوئام ئۇ چاغدا تېخى ياش، سەبىي بالىدەك بولغاچقا، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى. | 7 |
邪曲なる放蕩者これに集り附き自ら強くしてソロモンの子レハベアムに敵せしがレハベアムは少くまた心弱くして之に當る力なかりき
ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان پادىشاھلىقىغا قارشى چىقىپ «ئۆزىمىزنى كۆرسىتىمىز» دەيسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار دەرۋەقە كۆپتۇر؛ سىلەردە يەنە يەروبوئام سىلەرگە ياساپ بەرگەن، ئىلاھلار دەپ قارىلىدىغان ئالتۇن موزايلار بار. | 8 |
今またなんぢらはダビデの子孫の手にあるヱホバの國に敵對せんとす汝らは大軍なり又ヤラベアムが作りて汝らの神と爲たる金の犢なんぢらと偕にあり
سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى قوغلىۋېتىپ، يەر يۈزىدىكى باشقا ئەللەر قىلغىنىدەك ئۆزلىرىڭلارغا [خالىغانچە] كاھىن تىكلىۋالغان ئەمەسمىدىڭلار؟ كىمدەكىم بىر تورپاق ۋە يەتتە قوزىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزۈمنى [كاھىنلىققا] بېغىشلايمەن دېسە، ئۇ خۇدا بولمىغان بۇتلارغا كاھىن بولالايدۇ! | 9 |
汝らはアロンの子孫たるヱホバの祭司とレビ人とを逐放ち國々の民の爲がごとくに祭司を立るにあらずや即ち誰にもあれ少き牡牛一匹牡羊七匹を携へきたりて手に充す者は皆かの神ならぬ者の祭司となることを得るなり
لېكىن بىز بولساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدۇق؛ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولغان كاھىنلار بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر، لاۋىيلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا. | 10 |
然ど我儕に於てはヱホバ我儕の神にましまして我儕は之を棄ずまたヱホバに事ふる祭司はアロンの子孫にして役事をなす者はレビ人なり
ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئېسىل خۇشبۇي ياقىدۇ. پاكىز شىرەگە «تەقدىم نانلار»مۇ تىزىپ قويۇلىدۇ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇلار ئالتۇن چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنى ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىڭلار. | 11 |
彼ら朝ごと夕ごとにヱホバに燔祭を献げ香を焚くことを爲し又供前のパンを純精の案の上に供へまた金の燈臺とその燈盞を整へて夕ごとに點すなり斯われらは我らの神ヱホバの職守を守れども汝らは却て彼を棄たり
قاراڭلار، خۇدا بىزنى باشلىغۇچى بولۇپ بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قوللىرىغا كاناي ئالغان، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا سىگنال چىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئۇنىڭ كاھىنلىرىمۇ بىز بىلەن بىللىدۇر. ئى ئىسرائىل بالىلىرى، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ھەرگىز غەلىبە قازىنالمايسىلەر». | 12 |
視よ神みづから我らとともに在して我らの大將となりたまふまた其祭司等は喇叭を吹ならして汝らを攻むイスラエルの子孫よ汝らの先祖の神ヱホバに敵して戰ふ勿れ汝ら利あらざるべければなりと
لېكىن يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلماق ئۈچۈن بۆكتۈرمە قويغانىدى. شۇنداقكى، ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئىدى ۋە بۆكتۈرمە قوشۇن ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە ساقلاپ تۇراتتى. | 13 |
ヤラベアム伏兵を彼らの後に回らせたればイスラエルはユダの前にあり伏兵は其後にあり
يەھۇدالار بۇرۇلۇپ قارىسا، مانا ئۆزلىرى ئالدى-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتاتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى، كاھىنلارمۇ كانايلارنى چالدى. | 14 |
ユダ後を顧みるに敵前後にありければヱホバにむかひて號呼り祭司等喇叭を吹り
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشتى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشۈۋاتقاندا، خۇدا يەروبوئام بىلەن بارلىق ئىسرائىللارنى ئابىيا بىلەن يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن ئۇرۇپ تېرە-پەرەڭ قىلدى. | 15 |
ユダの人々すなはち吶喊を擧けるがユダの人々吶喊を擧るにあたりて神ヤラベアムとイスラエルの人々をアビヤとユダの前に打敗り給ひしかば
ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ خۇدا ئۇلارنى يەھۇدالارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. | 16 |
イスラエルの子孫はユダの前より逃はしれり神かく彼らを之が手に付したまひければ
ئابىيا بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قاتتىق قىرغىن قىلدى؛ ئىسرائىللاردىن خىللانغان بەش يۈز مىڭ ئەسكەر قەتل قىلىندى. | 17 |
アビヤとその民彼らを夥多く撃殺せりイスラエルの殺されて倒れし者は五十萬人みな倔強の人なりき
بۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەن قىلىندى؛ يەھۇدادىكىلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قازاندى. | 18 |
是時にはイスラエルの子孫打負されユダの子孫勝を得たり是は彼らその先祖の神ヱホバを賴みしが故なり
ئابىيا يەروبوئامنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىلكىدىن بىرقانچە شەھىرىنى، يەنى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، يېشاناھ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، ئەفرون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى تارتىۋالدى. | 19 |
アビヤすなはちヤラベアムを追撃て邑數箇を彼より取れり即ちベテルとその郷里ヱシヤナとその郷里エフロンとその郷里是なり
يەروبوئام ئابىيانىڭ كۈنلىرىدە قايتىدىن كۈچلىنەلمىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى ئۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆلدى. | 20 |
ヤラベアムはアビヤの世に再び權勢を奮ふことを得ずヱホバに撃れて死り
ئابىيا بولسا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزدى؛ ئۇ ئون تۆت خوتۇن ئېلىپ، يىگىرمە ئىككى ئوغۇل، ئون ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. | 21 |
然どアビヤは權勢を得妻十四人を娶り男子二十二人女子十六人を擧けたり
ئابىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ ماڭغان يوللىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى «ئىددو پەيغەمبەرنىڭ تەھلىلى»دە پۈتۈلگەندۇر. | 22 |
アビヤのその餘の作爲とその行爲とその言は預言者イドの註釋に記さる