< تارىخ-تەزكىرە 2 12 >

رەھوبوئامنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەم بولغاندا، شۇنداقلا كۈچەيگەندە، شۇنداق بولدىكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-ئەھكاملىرىنى تەرك قىلدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتتى. 1
Rǝⱨoboamning padixaⱨliⱪi mustǝⱨkǝm bolƣanda, xundaⱪla küqǝygǝndǝ, xundaⱪ boldiki, u Pǝrwǝrdigarning ⱪanun-ǝⱨkamlirini tǝrk ⱪildi wǝ pütkül Israillarmu uningƣa ǝgixip kǝtti.
ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنى تۈپەيلىدىن، رەھوبوئام سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قوزغىدى. 2
Wǝ ularning Pǝrwǝrdigarƣa wapasizliⱪ ⱪilƣini tüpǝylidin, Rǝⱨoboam sǝltǝnitining bǝxinqi yilida xundaⱪ boldiki, Misirning padixaⱨi Xixak Yerusalemƣa ⱨujum ⱪozƣidi.
شىشاك بىر مىڭ ئىككى يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئاتمىش مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى؛ ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە مىسىردىن ئېلىپ چىققان لەشكەرلەر، جۈملىدىن لىۋىيەلىكلەر، سۇككىيلەر ۋە ئېفىئوپىيلەر سان-ساناقسىز ئىدى. 3
Xixak bir ming ikki yüz jǝng ⱨarwisi, atmix ming atliⱪ ǝskǝrni baxlap kǝldi; u ɵzi bilǝn billǝ Misirdin elip qiⱪⱪan lǝxkǝrlǝr, jümlidin Liwiyǝliklǝr, Sukkiylǝr wǝ Efiopiylǝr san-sanaⱪsiz idi.
ئۇ يەھۇداغا تەۋە بولغان قورغانلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى. 4
U Yǝⱨudaƣa tǝwǝ bolƣan ⱪorƣanliⱪ xǝⱨǝrlǝrni ixƣal ⱪildi, andin Yerusalemƣa ⱨujum ⱪilixⱪa kǝldi.
بۇ چاغدا شىشاك سەۋەبىدىن يەھۇدا ئەمەلدارلىرى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقانىدى؛ شىمايا پەيغەمبەر رەھوبوئام ۋە ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭلار ئۈچۈن، مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ شىشاكنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم» دەيدۇ، دېدى. 5
Bu qaƣda Xixak sǝwǝbidin Yǝⱨuda ǝmǝldarliri Yerusalemƣa yiƣilixⱪanidi; Ximaya pǝyƣǝmbǝr Rǝⱨoboam wǝ ǝmǝldarlarning yeniƣa kelip ularƣa: — Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Silǝr meningdin waz kǝqkininglar üqün, Mǝnmu silǝrdin waz keqip Xixakning ⱪoliƣa tapxurdum» dǝydu, dedi.
شۇنى ئاڭلاپ، ئىسرائىل ئەمەلدارلىرى بىلەن پادىشاھ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، دېيىشتى. 6
Xuni anglap, Israil ǝmǝldarliri bilǝn padixaⱨ ɵzlirini tɵwǝn ⱪilip: — Pǝrwǝrdigar adildur, deyixti.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شىماياغا يېتىپ كېلىپ: ــ«ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانىكەن، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلماي، بەلكى ئۇلارغا ئازغىنە نىجات كۆرسىتىمەن ۋە مېنىڭ قايناپ تۇرغان غەزىپىم شىشاكنىڭ قولى بىلەن يېرۇسالېمغا تۆكۈلمەيدۇ. 7
Pǝrwǝrdigar ularning ɵzlirini tɵwǝn ⱪilƣanliⱪini kɵrüp Pǝrwǝrdigarning sɵzi Ximayaƣa yetip kelip: —«Ular ɵzlirini tɵwǝn ⱪilƣanikǝn, Mǝn ularni ⱨalak ⱪilmay, bǝlki ularƣa azƣinǝ nijat kɵrsitimǝn wǝ Mening ⱪaynap turƣan ƣǝzipim Xixakning ⱪoli bilǝn Yerusalemƣa tɵkülmǝydu.
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ماڭا بېقىنىش بىلەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا بېقىنىشنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار شىشاكقا بېقىندى بولىدۇ» ــ دېيىلدى. 8
Ⱨalbuki, ularning Manga beⱪinix bilǝn dunyadiki padixaⱨliⱪlarƣa beⱪinixning ⱪandaⱪ pǝrⱪi barliⱪini bilip yetixi üqün, ular Xixakⱪa beⱪindi bolidu» — deyildi.
شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنە-بايلىقلار بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنە-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپار-قالقانلارنى قويماي ئېلىپ كەتتى. 9
Xuning bilǝn Misir padixaⱨi Xixak Yerusalemƣa ⱨujum ⱪilip, Pǝrwǝrdigarning ɵyidiki hǝzinǝ-bayliⱪlar bilǝn padixaⱨning ordisidiki hǝzinǝ-bayliⱪlarni elip kǝtti. U ⱨǝmmisini, jümlidin Sulayman yasatⱪan altun sipar-ⱪalⱪanlarni ⱪoymay elip kǝtti.
ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 10
Ularning ornida Rǝⱨoboam padixaⱨ mistin birmunqǝ sipar-ⱪalⱪanlar yasitip, ularni padixaⱨ ordisining kirix yolini saⱪlaydiƣan pasiban bǝglirining ⱪoliƣa tapxurdi.
پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ قالقانلارنى ئېلىپ تۇتۇپ تۇراتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكېلىپ قويۇشاتتى. 11
Padixaⱨ ⱨǝr ⱪetim Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kiridiƣan qaƣda, pasibanlar u ⱪalⱪanlarni elip tutup turatti, andin ularni yǝnǝ pasibanhaniƣa ǝkelip ⱪoyuxatti.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنى تۆۋەن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇنىڭدىن يېنىپ، ئۇنى تامامەن يوقىتىۋەتمىدى؛ يەھۇدادىكىلەر ئىچىدىمۇ ئاز-تولا ياخشى ئىشلار تېپىلدى. 12
Xuning bilǝn padixaⱨ ɵzini tɵwǝn ⱪilƣandin keyin, Pǝrwǝrdigarning ƣǝzipi uningdin yenip, uni tamamǝn yoⱪitiwǝtmidi; Yǝⱨudadikilǝr iqidimu az-tola yahxi ixlar tepildi.
پادىشاھ رەھوبوئام يېرۇسالېمدا ئاستا-ئاستا قۇدرەت تېپىپ، ئۆز سەلتەنىتىنى سۈرەتتى. رەھوبوئام تەختكە چىققان چېغىدا قىرىق بىر ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەردە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. رەھوبوئامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئۇ ئاممونىي ئىدى. 13
Padixaⱨ Rǝⱨoboam Yerusalemda asta-asta ⱪudrǝt tepip, ɵz sǝltǝnitini sürǝtti. Rǝⱨoboam tǝhtkǝ qiⱪⱪan qeƣida ⱪiriⱪ bir yaxta idi; u Yerusalemda, yǝni Pǝrwǝrdigar Ɵz namini tiklǝx üqün pütkül Israil ⱪǝbililiri iqidin talliƣan xǝⱨǝrdǝ on yǝttǝ yil sǝltǝnǝt ⱪildi; Rǝⱨoboamning anisining ismi Naamaⱨ bolup, u Ammoniy idi.
رەھوبوئام كۆڭلىدە پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى نىيەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن رەزىللىك قىلدى. 14
Rǝⱨoboam kɵnglidǝ Pǝrwǝrdigarni izdǝxni niyǝt ⱪilmiƣanliⱪi tüpǝylidin rǝzillik ⱪildi.
رەھوبوئامنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە نەسەب خاتىرىلىرىدىكى «شىمايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى» ۋە «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددونىڭ سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشلار توختىماي بولۇپ تۇراتتى. 15
Rǝⱨoboamning barliⱪ ⱪilƣan ixliri baxtin-ahiriƣiqǝ nǝsǝb hatiriliridiki «Ximaya pǝyƣǝmbǝrning sɵzliri» wǝ «Aldin kɵrgüqi Iddoning sɵzliri»dǝ pütülgǝn ǝmǝsmidi? Rǝⱨoboam bilǝn Yǝroboam otturisida uruxlar tohtimay bolup turatti.
رەھوبوئام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 16
Rǝⱨoboam ata-bowiliri arisida uhlidi, «Dawutning xǝⱨiri»gǝ dǝpnǝ ⱪilindi. Oƣli Abiya uning orniƣa padixaⱨ boldi.

< تارىخ-تەزكىرە 2 12 >