< تارىخ-تەزكىرە 2 12 >
رەھوبوئامنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەم بولغاندا، شۇنداقلا كۈچەيگەندە، شۇنداق بولدىكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-ئەھكاملىرىنى تەرك قىلدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتتى. | 1 |
Now when Rehoboam's position as king had been made certain, and he was strong, he gave up the law of the Lord, and all Israel with him.
ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنى تۈپەيلىدىن، رەھوبوئام سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قوزغىدى. | 2 |
Now in the fifth year of King Rehoboam, Shishak, king of Egypt, came up against Jerusalem, because of their sin against the Lord,
شىشاك بىر مىڭ ئىككى يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئاتمىش مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى؛ ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە مىسىردىن ئېلىپ چىققان لەشكەرلەر، جۈملىدىن لىۋىيەلىكلەر، سۇككىيلەر ۋە ئېفىئوپىيلەر سان-ساناقسىز ئىدى. | 3 |
With twelve hundred war-carriages and sixty thousand horsemen: and the people who came with him out of Egypt were more than might be numbered: Lubim and Sukkiim and Ethiopians.
ئۇ يەھۇداغا تەۋە بولغان قورغانلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى. | 4 |
And he took the walled towns of Judah, and came as far as Jerusalem.
بۇ چاغدا شىشاك سەۋەبىدىن يەھۇدا ئەمەلدارلىرى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقانىدى؛ شىمايا پەيغەمبەر رەھوبوئام ۋە ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭلار ئۈچۈن، مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ شىشاكنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم» دەيدۇ، دېدى. | 5 |
Now Shemaiah the prophet came to Rehoboam and the chiefs of Judah, who had come together in Jerusalem because of Shishak, and said to them, The Lord has said, Because you have given me up, I have given you up into the hands of Shishak.
شۇنى ئاڭلاپ، ئىسرائىل ئەمەلدارلىرى بىلەن پادىشاھ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، دېيىشتى. | 6 |
Then the chiefs of Israel and the king made themselves low and said, The Lord is upright.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شىماياغا يېتىپ كېلىپ: ــ«ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانىكەن، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلماي، بەلكى ئۇلارغا ئازغىنە نىجات كۆرسىتىمەن ۋە مېنىڭ قايناپ تۇرغان غەزىپىم شىشاكنىڭ قولى بىلەن يېرۇسالېمغا تۆكۈلمەيدۇ. | 7 |
And the Lord, seeing that they had made themselves low, said to Shemaiah, They have made themselves low: I will not send destruction on them, but in a short time I will give them salvation, and will not let loose my wrath on Jerusalem by the hand of Shishak.
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ماڭا بېقىنىش بىلەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا بېقىنىشنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار شىشاكقا بېقىندى بولىدۇ» ــ دېيىلدى. | 8 |
But still they will become his servants, so that they may see how different my yoke is from the yoke of the kingdoms of the lands.
شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنە-بايلىقلار بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنە-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپار-قالقانلارنى قويماي ئېلىپ كەتتى. | 9 |
So Shishak, king of Egypt, came up against Jerusalem and took away all the stored wealth of the house of the Lord and the king's house: he took everything away, and with the rest the gold body-covers which Solomon had made.
ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. | 10 |
And in their place King Rehoboam had other body-covers made of brass and gave them into the care of the captains of the armed men who were stationed at the door of the king's house.
پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ قالقانلارنى ئېلىپ تۇتۇپ تۇراتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكېلىپ قويۇشاتتى. | 11 |
And whenever the king went into the house of the Lord, the armed men went with him taking the body-covers, and then took them back to their room.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنى تۆۋەن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇنىڭدىن يېنىپ، ئۇنى تامامەن يوقىتىۋەتمىدى؛ يەھۇدادىكىلەر ئىچىدىمۇ ئاز-تولا ياخشى ئىشلار تېپىلدى. | 12 |
And when he made himself low, the wrath of the Lord was turned back from him, and complete destruction did not come on him, for there was still some good in Judah.
پادىشاھ رەھوبوئام يېرۇسالېمدا ئاستا-ئاستا قۇدرەت تېپىپ، ئۆز سەلتەنىتىنى سۈرەتتى. رەھوبوئام تەختكە چىققان چېغىدا قىرىق بىر ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەردە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. رەھوبوئامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئۇ ئاممونىي ئىدى. | 13 |
So King Rehoboam made himself strong in Jerusalem and was ruling there. Rehoboam was forty-one years old when he became king, and he was ruling for seventeen years in Jerusalem, the town which the Lord had made his out of all the tribes of Israel, to put his name there; and his mother's name was Naamah, an Ammonite woman.
رەھوبوئام كۆڭلىدە پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى نىيەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن رەزىللىك قىلدى. | 14 |
And he did evil because his heart was not true to the Lord.
رەھوبوئامنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە نەسەب خاتىرىلىرىدىكى «شىمايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى» ۋە «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددونىڭ سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشلار توختىماي بولۇپ تۇراتتى. | 15 |
Now the acts of Rehoboam, first and last, are they not recorded in the words of Shemaiah the prophet and Iddo the seer? And there were wars between Rehoboam and Jeroboam all their days.
رەھوبوئام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 16 |
And Rehoboam went to rest with his fathers, and was put into the earth in the town of David; and Abijah his son became king in his place.