< تارىخ-تەزكىرە 2 10 >

رەھوبوئام شەقەمگە باردى؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى پادىشاھ تىكلىگىلى شەقەمگە كەلگەنىدى. 1
Rehoboam Sheqemge bardi; chünki pütkül Israil uni padishah tikligili Sheqemge kelgenidi.
نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا شۇنداق بولدىكى، مىسىردىن قايتىپ كەلدى (چۈنكى ئۇ سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى). 2
Nibatning oghli Yeroboam shu ishni anglighanda shundaq boldiki, Misirdin qaytip keldi (chünki u Sulayman padishahtin qéchip Misirda turuwatatti).
ئەمدى خالايىق ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەروبوئام ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل كېلىپ رەھوبوئامغا: ــ 3
Emdi xalayiq adem ewetip uni chaqirtip keldi. Shuning bilen Yeroboam we pütkül Israil kélip Rehoboamgha: —
سىلىنىڭ ئاتىلىرى بوينىمىزغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى ئېغىر قىلدى. سىلى ئەمدى ئاتىلىرىنىڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلىرى بىلەن ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى يېنىكلىتىپ بەرسىلە، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، دېيىشتى. 4
Silining atiliri boynimizgha salghan boyunturuqini éghir qildi. Sili emdi atilirining bizge qoyghan qattiq telepliri bilen éghir boyunturuqini yéniklitip bersile, silining xizmetliride bolimiz, déyishti.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ھازىرچە قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى. 5
U ulargha: — Hazirche qaytip üch kündin kéyin andin qéshimgha yene kélinglar, dédi. Shuning bilen xelq tarilip ketti.
رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى. 6
Rehoboam padishah öz atisi Sulayman hayat waqtida uning xizmitide turghan moysipitlardin meslihet sorap: — Bu xelqqe béridighan jawabim toghrisida néme meslihet körsitisiler? — dédi.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنى خۇش قىلىپ ئۇلارغا مېھرىبان مۇئامىلە كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى. 7
Ular uninggha: — Eger sili raziliq bilen bügün bu xelqni xush qilip ulargha méhriban muamile körsitip, ulargha yaxshi sözler bilen jawab qilsila, ular silining barliq künliride xizmetliride bolidu, dédi.
لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ 8
Lékin u moysipitlarning körsetken meslihetini qayrip qoyup, özi bilen chong bolghan, aldida xizmitide boluwatqan yashlardin meslihet sorap
ئۇلارغا: ــ ماڭا «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلەتكەيلا» دەپ تىلىگەن بۇ خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز توغرۇلۇق قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. 9
ulargha: — Manga «Silining atiliri bizge salghan boyunturuqni yénikletkeyla» dep tiligen bu xelqqe jawab bérishimiz toghruluq qandaq meslihet bérisiler? — dédi.
ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر. 10
Uning bilen chong bolghan bu yashlar uninggha: — «Silining atiliri boyunturuqimizni éghir qildi, emdi sili uni bizge yénik qilghayla» dep éytqan bu xelqqe söz qilip: — «Méning chimchilaq barmiqim atamning bélidin tomraqtur.
ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن»، دېگەيلا، ــ دېدى. 11
Atam silerge éghir boyunturuqni salghan, lékin men boyunturuqunglarni téximu éghir qilimen. Atam silerge qamchilar bilen tenbih-terbiye bergen bolsa men silerge «chayanliq qamchilar» bilen tenbih-terbiye bérimen», dégeyla, — dédi.
رەھوبوئام پادىشاھ ئۇلارغا: «ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار» دېگىنىدەك، يەروبوئام ۋە بارلىق خەلق ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. 12
Rehoboam padishah ulargha: «Üch kündin kéyin andin qéshimgha yene kélinglar» déginidek, Yeroboam we barliq xelq üchinchi küni uning qéshigha keldi.
رەھوبوئام پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى تاشلاپ كۆپچىلىككە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى. 13
Rehoboam padishah moysipitlarning meslihetini tashlap köpchilikke qattiqliq bilen jawab berdi.
ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى. 14
U yashlarning mesliheti boyiche ulargha: — Atam silerge éghir boyunturuqni salghan, lékin men uni téximu éghir qilimen. Atam silerge qamchilar bilen tenbih bergen bolsa men silerge «chayanliq qamchilar» bilen tenbih-terbiye bérimen, dédi.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسىدە نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامغا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولدى. 15
Shuning bilen padishah xelqning sözini anglimidi. Bu ish Xuda teripidin bolghan; chünki buning bilen Perwerdigarning Shilohluq Axiyahning wasitiside Nibatning oghli Yeroboamgha éytqan sözi emelge ashurulidighan boldi.
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 16
Pütkül Israil padishahning ularning sözige qulaq salmighinini körgende xelq padishahqa jawab bérip: — Dawuttin bizge néme nésiwe bar? Yessening oghlida bizning héch mirasimiz yoqtur! Herbiringlar öz öy-chédirliringlargha qaytinglar, i Israil! I Dawut, sen öz jemetinggila ige bol — dédi. Shuning bilen Israillar öz öy-chédirlirigha qaytip kétishti.
ئەمما يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارغا بولسا، يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. 17
Emma Yehuda sheherliride olturghan Israillargha bolsa, Yeroboam ularning üstige höküm sürdi.
رەھوبوئام پادىشاھ باج-ئالۋان بېگى ئادورامنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتتى، لېكىن پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇ چاغدا رەھوبوئام پادىشاھ ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا تىكىۋەتتى. 18
Rehoboam padishah baj-alwan bégi Adoramni Israillargha ewetti, lékin pütkül Israil uni chalma-kések qilip öltürdi. U chaghda Rehoboam padishah aldirap, özining jeng harwisigha chiqip, Yérusalémgha tikiwetti.
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى. 19
Shu teriqide Israil Dawutning jemetidin yüz örüp, bügün’ge qeder uninggha qarshi chiqip keldi.

< تارىخ-تەزكىرە 2 10 >