< تىموتىيغا 1 1 >

قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز مەسىھ ئەيسانىڭ ئەمرى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن مەنكى پاۋلۇستىن 1
우리 구주 하나님과 우리 소망이신 그리스도 예수의 명령을 따라 그리스도 예수의 사도 된 바울은
ئېتىقاد يولىدىكى ئۆزۈمنىڭ سادىق ئوغلۇم بولغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 2
믿음 안에서 참 아들 된 디모데에게 편지하노니 하나님 아버지와 그리스도 예수 우리 주께로부터 은혜와 긍휼과 평강이 네게 있을지어다!
ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا، سەندىن ئۆتۈنگىنىمدەك [شۇنى يەنە ئۆتۈنىمەنكى]، [شۇ يەردىكى] بەزى كىشىلەرگە بىدئەت تەلىملەرنى ئۆگەتمەڭلار دەپ تاپىلىشىڭ ئۈچۈن سەن داۋاملىق ئەفەسۇس شەھىرىدە قالغىن؛ 3
내가 마게도냐로 갈 때에 너를 권하여 에베소에 머물라 한 것은 어떤 사람들을 명하여 다른 교훈을 가르치지 말며
ئۇلارنىڭ ئەپسانىلەر ۋە ئايىغى يوق نەسەبنامىلەرگە بەند بولماسلىقىنى تاپىلىغىن؛ بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ، بەلكى پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس. 4
신화와 끝없는 족보에 착념치 말게 하려 함이라 이런 것은 믿음 안에 있는 하나님의 경륜을 이룸보다 도리어 변론을 내는 것이라
ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر. 5
경계의 목적은 청결한 마음과 선한 양심과 거짓이 없는 믿음으로 나는 사랑이거늘
بۇ ئىشلاردا بەزى كىشىلەر چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتتى. 6
사람들이 이에서 벗어나 헛된 말에 빠져
ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى بولغۇسى بار؛ بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھەدەپ قەيت قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. 7
율법의 선생이 되려 하나 자기의 말하는 것이나 자기의 확증하는 것도 깨닫지 못하는도다
ئەمدى بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر. 8
그러나 사람이 율법을 법있게 쓰면 율법은 선한 것인 줄 우리는 아노라
چۈنكى بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى ھەققانىي ئادەملەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بوينى قاتتىقلار ئۈچۈن، ئىخلاسسىزلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن، ئىپلاسلار ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن، قاتىللار، 9
알 것은 이것이니 법은 옳은 사람을 위하여 세운 것이 아니요 오직 불법한 자와, 복종치 아니하는 자며, 경건치 아니한 자와, 죄인이며, 거룩하지 아니한 자와, 망령된 자며, 아비를 치는 자와, 어미를 치는 자며, 살인하는 자며,
بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، ئادەملەرنى قۇللۇققا بۇلىغۇچىلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ئۈچۈن ۋە ياكى ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن. 10
음행하는 자며, 남색하는 자며, 사람을 탈취하는 자며, 거짓말하는 자며, 거짓 맹세하는 자와, 기타 바른 교훈을 거스리는 자를 위함이니
بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان. 11
이 교훈은 내게 맡기신 바 복되신 하나님의 영광의 복음을 좇음이니라
ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن، مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىگەن رەببىمىز مەسىھ ئەيساغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، 12
나를 능하게 하신 그리스도 예수 우리 주께 내가 감사함은 나를 충성되이 여겨 내게 직분을 맡기심이니
ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ، ماڭا رەھىم كۆرسىتىلدى؛ چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم. 13
내가 전에는 훼방자요 핍박자요 포행자이었으나 도리어 긍휼을 입은 것은 내가 믿지 아니할 때에 알지 못하고 행하였음이라
ھالبۇكى، رەببىمىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى زىيادىلىشىپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋۇجۇدۇمغا ئېلىپ كىرىلىشى بىلەن ئېشىپ تاشتى. 14
우리 주의 은혜가 그리스도 예수 안에 있는 믿음과 사랑과 함께 넘치도록 풍성하였도다
15
미쁘다 모든 사람이 받을 만한 이 말이여 그리스도 예수께서 죄인을 구원하시려고 세상에 임하셨다 하였도다 죄인 중에 내가 괴수니라!
‏ مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر. (aiōnios g166) 16
그러나 내가 긍휼을 입은 까닭은 예수 그리스도께서 내게 먼저 일절 오래 참으심을 보이사 후에 주를 믿어 영생 얻는 자들에게 본이 되게 하려 하심이니라 (aiōnios g166)
ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn g165) 17
만세의 왕 곧 썩지 아니하고 보이지 아니하고 홀로 하나이신 하나님께 존귀와 영광이 세세토록 있어지이다! 아멘 (aiōn g165)
ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەتلىك ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن. بەزىلەر ۋىجدانىدا پاك تۇرۇشتىن چەتنەپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ غەرق بولغان كېمىدەك ۋەيران بولدى. 18
아들 디모데야 내가 네게 이 경계로써 명하노니 전에 너를 지도한 예언을 따라 그것으로 선한 싸움을 싸우며
19
믿음과 착한 양심을 가지라 어떤 이들이 이 양심을 버렸고 그 믿음에 관하여는 파선하였느니라
خۇمېنېئۇس ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم. 20
그 가운데 후메내오와 알렉산더가 있으니 내가 사단에게 내어준 것은 저희로 징계를 받아 훼방하지 말게 함이니라

< تىموتىيغا 1 1 >