< تىموتىيغا 1 5 >
ياشانغان ئەرلەرنى ئەيىبلىگەندە قاتتىق سۆزلىمىگىن، بەلكى ئۇلارغا ئاتاڭ سۈپىتىدە نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، يىگىتلەرگە قېرىنداشلىرىڭ سۈپىتىدە سۆزلىگىن. | 1 |
Staršího zuřivě netresci, ale napomínej jako otce, mladších jako bratří,
ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭ سۈپىتىدە، ياش ئاياللارغا ئاچا-سىڭىللىرىڭ سۈپىتىدە ھەر ئىشتا پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. | 2 |
Starých žen jako matek, mladic jako sestr, ve vší čistotě.
ھەقىقىي تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. | 3 |
Vdovy měj v uctivosti, kteréž pravé vdovy jsou.
لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئىخلاسمەنلىكنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. | 4 |
Pakli která vdova syny nebo vnuky má, nechažť se oni učí předně k svému domu pobožnosti dokazovati, a zase rodičům se odplacovati; neboť jest to chvalitebné a vzácné před obličejem Božím.
ئەمدى ھەقىقىي تۇل ئۆتۈۋاتقان، يالغۇز قالغان ئاياللار بولسا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ. | 5 |
Kterážť pak právě vdova jest a osaměla, máť naději v Bohu, a trváť na modlitbách a svatých žádostech dnem i nocí.
لېكىن ھۇزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن تۇل خوتۇن ھايات بولسىمۇ، ئۆلگەنگە باراۋەردۇر. | 6 |
Ale rozkošná, ta živa jsuci, již umřela.
ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى جېكىلەپ تاپىلىغىن. | 7 |
Protož jim to přikaž, ať jsou bez úhony.
لېكىن بىرسى ئۆز تۇغقانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالمىسا، ئۇ ئېتىقادتىن تانغان دەپ قارىلىپ، كاپىرلاردىن بەتتەر بولىدۇ. | 8 |
Jestliže pak kdo o své, a zvláště o domácí péče nemá, zapřelť jest víry, a jest horší nežli nevěřící.
تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا، يېشى ئاتمىشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك، | 9 |
Vdova buď vyvolená, kteráž by neměla méně šedesáti let, kteráž byla jednoho muže manželka,
يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مۇساپىرلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتقان، ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك. | 10 |
O níž by svědectví bylo, že dobré skutky činila; a jestliže dítky své zbožně vychovala, do domu pocestné přijímala, jestliže svatým nohy umývala, jestliže bídným posluhovala, jestliže každého skutku dobrého pilná byla.
لېكىن ياش تۇل ئاياللارنى [تىزىملىككە] كىرگۈزمە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشق ھەۋەسلىرى قوزغىلىپ مەسىھدىن تېنىپ، قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ | 11 |
Ale mladých vdov nepřijímej; nebo když, nedbajíce na Krista, v chlipnost se vydadí, teprv se vdávati chtějí,
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىك بولىدۇ. | 12 |
Jsouce již hodné odsouzení, protože první víru zrušily.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ؛ شۇنداقلا ھۇرۇن بولۇپلا قالماي، ئۇلار غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چېپىلغاق بولۇپ نالايىق ئىشلارغا ۋالاقلايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. | 13 |
Nýbrž také i zahálejíce, učí se choditi po domích; a netoliko nedělné, ale jsou i klevetné a všetečné, mluvíce, což nesluší.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالايمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ. | 14 |
Protož chci, aby se mladší vdávaly, děti rodily, hospodyně byly, a tak žádné příčiny protivníku nedávaly ku pomlouvání.
چۈنكى شۇنداق بەزى تۇل ئاياللار ئاللىقاچان ئېتىقادتىن تېنىپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. | 15 |
Nebo již se některé uchýlily zpět po satanovi.
ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۆزى ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكى جامائەتكە چۈشمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەت ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ. | 16 |
Protož má-liť kdo věřící neb která věřící vdovy, opatrujž je, a nebuď obtěžována církev, aby těm, kteréž právě vdovy jsou, postačilo.
جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن. | 17 |
Předložení, kteříž dobře spravují, dvojí cti hodni jmíni buďte, zvláště ti, kteříž pracují v slovu Božím a v učení.
چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ۋە: «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن. | 18 |
Nebo praví Písmo: Volu mlátícímu nezavížeš úst. A hodenť jest dělník své mzdy.
ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، ئاقساقال ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما. | 19 |
Proti staršímu žaloby nepřijímej, leč pode dvěma nebo třmi svědky.
ئەگەر [ئاقساقاللاردىن] بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن. | 20 |
Ty pak, kteříž hřeší, přede všemi tresci, aby i jiní bázeň měli.
خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن. | 21 |
Osvědčujiť před obličejem Božím a Pána Jezukrista, i vyvolených andělů jeho, abys těchto věcí ostříhal bez přijímání osob, nic nečině podle náchylnosti.
بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە؛ باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن | 22 |
Nevzkládej rukou rychle na nižádného, a nepřiúčastňuj se hříchům cizím. Sebe samého ostříhej v čistotě.
(ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا سەن دائىم ئاغرىيدىغان بولغاچقا، سۇلا ئىچىۋەرمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن). | 23 |
Nepij již více vody, ale vína skrovně užívej, pro svůj žaludek a časté nemoci své.
بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بۇرۇنلا ئېنىق، شۇنداقلا سوراق كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن بەزىلەرنىڭكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارىدۇ، كېيىن ئاشكارە بولىدۇ. | 24 |
Některých lidí hříchové prve zjevní jsou, předcházející soud, některých pak i následují.
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ ھازىر ئاشكارا بولمىسا كېيىن ئاشكارىلانماي قالمايدۇ. | 25 |
A takž také i skutkové dobří prve zjevní jsou. Což pak jest jinak, ukrýti se nemůže.