< تىموتىيغا 1 2 >
مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، [ئېتىقادچىلارغا] پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى، | 1 |
그러므로 내가 첫째로 권하노니 모든 사람을 위하여 간구와 기도와 도고와 감사를 하되
بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. | 2 |
임금들과 높은 지위에 있는 모든 사람을 위하여 하라 이는 우리가 모든 경건과 단정한 중에 고요하고 평안한 생활을 하려 함이니라
بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. | 3 |
이것이 우리 구주 하나님 앞에 선하고 받을실 만한 것이니
چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ. | 4 |
하나님은 모든 사람이 구원을 받으며 진리를 아는데 이르기를 원하시느니라
چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر. | 5 |
하나님은 한 분이시요 또 하나님과 사람 사이에 중보도 한 분이시니 곧 사람이신 그리스도 예수라
ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى. | 6 |
그가 모든 사람을 위하여 자기를 속전으로 주셨으니 기약이 이르면 증거할 것이라
مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم. | 7 |
이를 위하여 내가 전파하는 자와 사도로 세움을 입은 것은 참말이요 거짓말이 아니니 믿음과 진리 안에서 내가 이방인의 스승이 되었노라
شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. | 8 |
그러므로 각처에서 남자들이 분노와 다툼이 없이 거룩한 손을 들어 기도하기를 원하노라
ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، | 9 |
또 이와 같이 여자들도 아담한 옷을 입으며 염치와 정절로 자기를 단장하고 땋은 머리와 금이나 진주나 값진 옷으로 하지 말고
بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ. | 10 |
오직 선행으로 하기를 원하라 이것이 하나님을 공경한다 하는 자들에게 마땅한 것이니라
[جامائەت سورۇنلىرىدا]، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. | 11 |
여자는 일절 순종함으로 종용히 배우라
لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن. | 12 |
여자의 가르치는 것과 남자를 주관하는 것을 허락지 아니하노니 오직 종용할지니라
چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. | 13 |
이는 아담이 먼저 지음을 받고 이와가 그 후며
ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى [ھاۋائانا] ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى. | 14 |
아담이 꾀임을 보지 아니하고 여자가 꾀임을 보아 죄에 빠졌음이니라
لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ. | 15 |
그러나 여자들이 만일 정절로써 믿음과 사랑과 거룩함에 거하면 그 해산함으로 구원을 얻으리라