< تېسالونىكالىقلارغا 1 4 >

ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز رەب ئەيسادا تۇرۇپ سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمىز ھەم جېكىلەيمىزكى، سىلەر بىزدىن خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا قانداق مېڭىشىڭلار كېرەكلىكىنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭلاردەك ھەم ھازىر شۇ بويىچە مېڭىۋاتقىنىڭلاردەك، شۇنداق قىلىشىڭلار تېخىمۇ ئېشىپ تاشقاي. 1
S'uwaatsnowere tí eshuwotso! Ik'o geneúshosh awuk'o beyo itsh b́geyituwok'owo no atse dandek'rte, andoor it beyir mank'owe, doonzo Iyesus shúútson iti nok'onirwonat iti noizirwere haniyere shini it k'aliruwoniyere bogo it finishe.
چۈنكى سىلەر بىزنىڭ رەب ئەيسا ئارقىلىق سىلەرگە نېمە ئەمرلەرنى تاپىلىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. 2
Doonzo Iyesus shúútson eeg arts bínjííshetso itsh no imtsok'o danfte.
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك-مۇقەددەس قىلىنىش، ھەرقانداق بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش، 3
Ik'i shuno it it s'ayinetwok'onat widatse it wokitwok'owe.
يەنى ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان تائىپىلەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر. 4
Ititse ik iketso b́máátsu S'ayinonat mangon korde'er detso dande'e.
5
Ik'o danawu Ik'i ash woteerawwotskok'o gusiyi tewuno b́deshawok'owa.
بۇ جەھەتلەردە ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىپ، ئۆز پايدا-مەنپەئىتىنى قوغلىمىسۇن؛ چۈنكى بىز ئىلگىرى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ تولۇق ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، بارلىق مۇشۇنداق ئىشلاردا رەب ئۆزى ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر. 6
Keewanatse asho konuworu beshk'aye, amants k'oshono daadk'aye, haniyere shin itsh t keewutsok'onat tgawtsok'on keewanotsi k'alituwotsats doonzo boon sezituwe.
چۈنكى خۇدا بىزنى ناپاكلىققا ئەمەس، بەلكى پاك-مۇقەددەسلىكتە ياشاشقا چاقىردى. 7
Ik'o noon b́ s'eeg s'ayinon nobetuwok'owa bako kimon no beyishaliye.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ [ھەقىقەتنى] رەت قىلغان ئادەم، ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئاتا قىلغۇچى خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ. 8
Eshe izets izan gac'ituwo, b́ gac'irwo S'ayin shayiro itsh imts Ik'oni bako ashaaliye.
ئەمدى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتكە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا ئۆزى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتمەكتە. 9
It atsatsewo shuneyi jango it it tookon Ik'oke it dantsotse manjangosh konuwor itsh b́ guut'o geyiratse.
چۈنكى سىلەر پۈتكۈل ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ھەممە قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئى قېرىنداشلار، شۇنداق قىلىشقا بېرىلىپ تېخىمۇ ئېشىپ تېشىشىڭلارنى، 10
Mek'odoniyi s'eenotse fa'a eshú jamwotsi shunfte, b́ woteferoru ti eshuwotso, and itsh no izituwo bogshde'er it shuneetwok'o,
شۇنداقلا بىز سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ يۈرۈشنى، [باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا] [ئارىلاشماي]، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇپ، ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ياشاشنى نىشان قىلىپ ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. 11
s'ker beyosh it kúp'ituwok'onat it took jangosh it gawitwok'o, haniyere shin itsh no azaztsok'o it kishon it finituwok'owe.
مانا شۇنداق قىلساڭلار، سىرتتىكىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ماڭىسىلەر ۋە ھېچكىمنىڭ قولىغا بېقىنىپ قالمايسىلەر. 12
Mank'oon amaneraw ashuwotsoke sheeng beyo beetute, konatsoru te'etswotsi woteratste.
لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، [ئاراڭلاردىكى] [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز. 13
Ti eshúwotso! bo jangts deshaw ashuwotskok'o k'irts ashuwotssh it shiyanerawok'o aro it danetuwok'o shunfone.
چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، [ئەيسا قايتا كەلگىنىدە]، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 14
Iyesus b́ k'irtsok'onat k'irotse b́ tuwtsok'o amanituwone, mansh Iyesusi amanat k'irtswots Ik'o bínton boon de'er weetuwe.
چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛ 15
Doonzoke no dek'ts aap'ok'on itsh no keewitwo haniye, doonzo b́ wafetsosh kashon beyirwots k'irtsuwots shinats besheratsone.
چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛ 16
Azazit k'ááro, melaki náásho k'ááro, Ik'i gááti k'aronuwere shishetuwe, doonzo b́tookonowere hanootsn jisheyar darotse oot'etwe, Krstosn amanat k'irtswotswere shin shino tuwitune.
ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. 17
Maniyere il noo kashon fa'úwots doonzonton jongats gonkewosh bonton daawnon dambaan k'awu'etuwe, dúre dúrosh doonzonton wotitwone.
شۇڭا، بىر-بىرىڭلارغا بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىڭلار. 18
Mansh eshe aap'ets aap'an it atsatseyo iko iko kup'shwere.

< تېسالونىكالىقلارغا 1 4 >