< تېسالونىكالىقلارغا 1 3 >
شۇنىڭ بىلەن بىز [سىلەردىن خەۋەرسىز] تاقىتىمىز تاق بولۇپ، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، | 1 |
Nĩ ũndũ ũcio, rĩrĩa twaremirwo nĩgũkirĩrĩria-rĩ, nĩtuonire arĩ wega tũtigwo tũrĩ ithuiki kũu Athene.
ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىدە بولۇۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى سىلەرنى ئېتىقادتا مۇستەھكەملەش-كۈچەيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق؛ | 2 |
Tũgĩgĩtũma Timotheo ũrĩa mũrũ wa Ithe witũ, na ndungata ya Ngai hamwe na ithuĩ ya kũhunjia Ũhoro-ũrĩa-Mwega wa Kristũ, nĩguo amwĩkĩre hinya, na amũũmĩrĩrie wĩtĩkio-inĩ wanyu,
[بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى] مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن [ئېتىقادتا] تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر. | 3 |
nĩguo gũtikagĩe mũndũ ũngĩagagio nĩ magerio macio. Inyuĩ nĩmũũĩ wega atĩ nĩmo twathĩrĩirio.
چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، سىلەرگە ھەممىمىز ئازاب-قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايمىز دەپ ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىر دېگىنىمىزدەك بولدى، دەپ بىلىسىلەر. | 4 |
Ti-itherũ o na hĩndĩ ĩrĩa twarĩ na inyuĩ nĩtwamwĩraga kaingĩ atĩ no nginya tũnyariirwo. O ta ũrĩa mũũĩ atĩ ũguo noguo gwacookire gũgĩtuĩka.
شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. | 5 |
Nĩ ũndũ ũcio, rĩrĩa ndaremirwo nĩgũkirĩrĩria rĩngĩ-rĩ, ngĩtũmana nĩguo menye ũhoro wa wĩtĩkio wanyu. Nĩgũkorwo nĩndetigagĩra gũtigakorwo atĩ hihi mũgerania nĩamũgeretie, naguo wĩra witũ ũtuĩke wa tũhũ.
لېكىن تىموتىي بايا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەندە، ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىپ، سىلەرنىڭ بىزنى ھەردائىم سېغىنىپ تۇرغانلىقىڭلارنى ۋە خۇددى بىز سىلەر بىلەن دىدارلىشىشقا تەلپۈنگىنىمىزدەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. | 6 |
No rĩrĩ, rĩu Timotheo nĩ okĩte kũrĩ ithuĩ oimĩte kũrĩ inyuĩ, na agatũrehere ũhoro mwega ũkoniĩ wĩtĩkio na wendani wanyu. Nĩatwĩrĩte atĩ nĩmũtũririkanaga hĩndĩ ciothe mũkenete, na atĩ nĩmwĩriragĩria gũtuona, o ta ũrĩa o na ithuĩ twĩriragĩria kũmuona.
شۇنىڭدەك، ئەي قېرىنداشلار، بېشىمىزغا چۈشكەن مۇشۇنداق بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئېغىرچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقىنىمىزدا سىلەردىن، يەنى چىڭ ئېتىقادىڭلاردىن رىغبەت-تەسەللى تاپتۇق؛ | 7 |
Nĩ ũndũ ũcio, ariũ na aarĩ a Ithe witũ-rĩ, o na tũrĩ na mĩnyamaro na mathĩĩna nĩtuomĩrĩirio twaigua ũhoro wanyu nĩ tondũ wa gwĩtĩkia kũu kwanyu.
چۈنكى رەبدە چىڭ تۇرغان بولساڭلار، بىز [ئۆلمەي]، ھايات قالىمىز! | 8 |
Nĩgũkorwo rĩu tũgũtũũra muoyo kũna, kuona atĩ nĩmwĩhaandĩte wega thĩinĩ wa Mwathani.
ئەمدى سىلەر ئۈچۈن، خۇدايىمىز ئالدىدا سىلەرنىڭ ۋەجىڭلاردىن تولىمۇ شادلاندۇق، بۇ زور شادلىقىمىزدىن سىلەر ئۈچۈن خۇداغا قانچىلىك دەرىجىدە تەشەككۈر ئېيتساق بولار؟! | 9 |
Tũngĩhota atĩa gũcookeria Ngai ngaatho cia kũigana nĩ ũndũ wanyu, tondũ wa gĩkeno kĩrĩa gĩothe tũrĩ nakĩo mbere ya Ngai witũ nĩ ũndũ wanyu?
سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى مۇكەممەل قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇش ئىمكانىيىتى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز خۇداغا زور تەلمۈرۈپ يېلىنماقتىمىز. | 10 |
Nĩtũhooyaga ũtukũ na mũthenya na kĩyo kĩingĩ nĩgeetha tũkoonana na inyuĩ rĩngĩ na tũmũrehere kĩrĩa mũtarĩ nakĩo ũhoro-inĩ wa gwĩtĩkia kwanyu.
ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي؛ | 11 |
Rĩu-rĩ, Ngai mwene, o Ithe witũ, na Mwathani witũ Jesũ, marotũhingũrĩra njĩra tũhote gũũka kũrĩ inyuĩ.
ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛ | 12 |
Mwathani arotũma wendani wanyu wongerereke na ũiyũrĩrĩre harĩ o mũndũ na ũrĩa ũngĩ, na harĩ andũ arĩa angĩ othe, o ta ũrĩa o na ithuĩ tũmwendete.
ھەم شۇنداق بولغاندا، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەندە قەلبىڭلار بىزنىڭ خۇدائاتىمىز ئالدىدا پاك-مۇقەددەسلىكتە نۇقسانسىز بولۇشقا مۇستەھكەملىنىدۇ! | 13 |
Ningĩ aroĩkĩra ngoro cianyu hinya nĩgeetha mũgaakorwo mũtarĩ na ũcuuke, na mũrĩ atheru mbere ya Ngai, o we Ithe witũ, hĩndĩ ĩrĩa Mwathani witũ Jesũ agooka hamwe na andũ ake arĩa atheru othe.