چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاراڭلارغا كىرگىنىمىز توغرۇلۇق بىلىسىلەركى، ئۇ بىكارغا كەتمىدى. | 1 |
زیراای برادران، خود میدانید که ورود مادر میان شما باطل نبود. | ۱ |
سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، گەرچە ئىلگىرى فىلىپپى شەھىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە خارلىققا ئۇچرىغان بولساقمۇ، زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە خۇدايىمىزنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يۈرەكلىك بولدۇق. | 2 |
بلکه هرچند قبل از آن در فیلپی زحمت کشیده و بیاحترامی دیده بودیم، چنانکه اطلاع دارید، لیکن در خدای خوددلیری کردیم تا انجیل خدا را با جد و جهد شدیدبه شما اعلام نماییم. | ۲ |
چۈنكى بىزنىڭ ئۆتۈنۈش-جېكىلەشلىرىمىزدە ھېچقانداق ئالدامچىلىق، ناپاك نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك يوقتۇر. | 3 |
زیرا که نصیحت ما ازگمراهی و خباثت و ریا نیست، | ۳ |
ئەكسىچە، بىز خۇدا تەرىپىدىن خۇش خەۋەرنىڭ ئامانەت قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلگەن ئادەملەر سۈپىتىدە بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنى سىنىغۇچى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن [خۇش خەۋەرنى] جاكارلايمىز. | 4 |
بلکه چنانکه مقبول خدا گشتیم که وکلای انجیل بشویم، همچنین سخن میگوییم و طالب رضامندی مردم نیستیم، بلکه رضامندی خدایی که دلهای ما رامی آزماید. | ۴ |
چۈنكى سىلەر بىلگەندەك بىز ھېچقايسى ۋاقىتتا ئاراڭلارغا خۇشامەتچىلىك بىلەن ۋە ياكى تاماخورلۇققا نىقاب تاقاپ كەلمىدۇق ــ (بۇ ئىشتا خۇدا بىزگە گۇۋاھچىدۇر ــ | 5 |
زیرا هرگز سخن تملقآمیز نگفتیم، چنانکه میدانید، و نه بهانه طمع کردیم، خداشاهد است؛ | ۵ |
گەرچە بىز مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە تەلەپ يۈكلىيەلەيدىغان بولساقمۇ، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچبىر ئىنساندىن بىرەر ئىززەت-شۆھرەت ئىزدىگەن ئەمەس ئىدۇق. | 6 |
و نه بزرگی از خلق جستیم، نه ازشما و نه از دیگران، هرچند چون رسولان مسیح بودیم، میتوانستیم سنگین باشیم. | ۶ |
ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق. | 7 |
بلکه در میان شما به ملایمت بسر میبردیم، مثل دایهای که اطفال خود را میپرورد. | ۷ |
شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق تەلپۈنگەنىدۇق، سىلەرگە پەقەت خۇدانىڭ خۇش خەۋەرىنى تاپشۇرۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز جېنىمىزنى تاپشۇرۇشقىمۇ رازىمىز؛ چۈنكى سىلەر بىزگە ئىنتايىن قەدىرلىك ئىدىڭلار. | 8 |
بدین طرز شایق شماشده، راضی میبودیم که نه همان انجیل خدا را به شما دهیم، بلکه جانهای خود را نیز از بس که عزیز ما بودید. | ۸ |
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق جاپالىق ئەمگەك قىلغىنىمىز ئېسىڭلاردا باردۇر؛ ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ مېھنەت قىلدۇق، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. | 9 |
زانرو کهای برادران محنت ومشقت ما را یاد میدارید زیرا که شبانهروز درکار مشغول شده، به انجیل خدا شما راموعظه میکردیم که مبادا بر کسی از شما بارنهیم. | ۹ |
ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىيەتلىرىمىزنىڭ قانداق ئىخلاسمەن، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ۋە خۇدانىڭ ئۆزىمۇ گۇۋاھچىدۇر. | 10 |
شما شاهد هستید و خدا نیز که به چه نوع باقدوسیت و عدالت و بیعیبی نزد شما که ایماندارهستید رفتار نمودیم. | ۱۰ |
ۋە يەنە سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بەرگىنىدەك بىز ھەربىرىڭلارغا شۇنداق جېكىلەپ، رىغبەت-تەسەللى بېرىپ، سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرىۋاتقان خۇداغا لايىق ھالدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدۇق. | 11 |
چنانکه میدانید که هریکی از شما را چون پدر، فرزندان خود رانصیحت و دلداری مینمودیم، | ۱۱ |
12 |
و وصیت میکردیم که رفتار بکنید بطور شایسته خدایی که شما را به ملکوت و جلال خود میخواند. | ۱۲ |
خۇداغا يەنە شۇ سەۋەبتىن توختاۋسىز تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزدىن ئاڭلىغان خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قۇلاق سالغىنىڭلاردا، ئۇنى ئىنسانلاردىن كەلگەن سۆز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىدە، يەنى خۇدادىن كەلگەن سۆز-كالام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار؛ ئۇ [سۆز-كالام] ھازىر ئىشەنگۈچى سىلەردە ئىشلىمەكتە. | 13 |
و ازاینجهت ما نیز دائم خدا را شکر میکنیم که چون کلام خدا را که از ما شنیده بودید یافتید، آن راکلام انسانی نپذیرفتید، بلکه چنانکه فی الحقیقه است، کلام خدا که در شما که ایماندار هستیدعمل میکند. | ۱۳ |
چۈنكى سىلەر، ئى قېرىنداشلار، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى مەسىھ ئەيسادا بولغان جامائەتلەردىن ئۈلگە ئالدىڭلار؛ ئۇلار [شۇ يەردە] يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قانداق خارلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن ئوخشاش خارلىقلارغا ئۇچرىدىڭلار. | 14 |
زیرا کهای برادران، شما اقتدانمودید به کلیساهای خدا که در یهودیه در مسیح عیسی میباشند، زیرا که شما از قوم خود همان زحمات را کشیدید که ایشان نیز از یهود دیدند، | ۱۴ |
ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ، | 15 |
که عیسی خداوند و انبیای خود را کشتند و برما جفا کردند؛ و ایشان ناپسند خدا هستند ومخالف جمیع مردم، | ۱۵ |
«يات ئەللىكلەر»نىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىگە يەتكۈزمەكتە؛ لېكىن غەزەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا تولۇقى بىلەن چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. | 16 |
و ما را منع میکنند که به امتها سخن بگوییم تا نجات یابند و همیشه گناهان خود را لبریز میکنند، اما منتهای غضب ایشان را فروگرفته است. | ۱۶ |
لېكىن بىز، ئى قېرىنداشلار، ئامالسىز سىلەردىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت جۇدالاشقان بولساقمۇ (تەندە بولسىمۇ، قەلبدە ئەمەس)، سىلەر بىلەن يەنە دىدار كۆرۈشۈشكە قەۋەتلا ئىنتىزارلىقىمىزدىن يېنىڭلارغا بېرىشقا تېخىمۇ بەك ئىنتىلدۇق! | 17 |
لیکن ماای برادران، چون بقدر ساعتی درظاهر نه در دل از شما مهجور شدیم، به اشتیاق بسیار زیادتر کوشیدیم تا روی شما را ببینیم. | ۱۷ |
شۇنىڭدەك يېنىڭلارغا بارغۇمىز بار ئىدى ــ ئەمەلىيەتتە مەنكى پاۋلۇس قايتا-قايتا تىرىشىپ باقتىم؛ بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسقۇنلۇق قىلدى. | 18 |
وبدین جهت یک دو دفعه خواستیم نزد شما بیاییم یعنی من، پولس، لیکن شیطان ما را نگذاشت. | ۱۸ |
چۈنكى بىزنىڭ ئىستەك-ئارزۇيىمىز، شادلىقىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەندە پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز نېمە بولىدۇ؟ بۇ دەل سىلەر ئۆزۈڭلار ئەمەسمۇ؟ | 19 |
زیرا که چیست امید و سرور و تاج فخر ما؟ مگر شما نیستید در حضور خداوند ما عیسی درهنگام ظهور او؟ | ۱۹ |
چۈنكى سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز، بىزنىڭ شادلىقىمىز! | 20 |
زیرا که شما جلال و خوشی ما هستید. | ۲۰ |