< تېسالونىكالىقلارغا 1 1 >
مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! | 1 |
Paulus og Silvanus og Timotheus til Thessalonikernes Menighed i Gud Fader og den Herre Jesus Kristus. Nåde være med eder og Fred!
بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇپ، خۇداغا سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمىز؛ | 2 |
Vi takke Gud altid for eder alle, når vi komme eder i Hu i vore Bønner,
خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببەتتىن چىققان جاپالىق ئەجرىڭلارنى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدتە بولغان چىداملىقىڭلارنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز. | 3 |
idet vi uafladelig mindes eders Gerning i Troen og eders Arbejde i Kærligheden og eders Udholdenhed i Håbet på vor Herre Jesus Kristus for vor Guds og Faders Åsyn,
چۈنكى ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سۆيگەنلەر، ئۇنىڭ سىلەرنى تاللىغانلىقى بىزگە ئايان. | 4 |
efterdi vi kende eders Udvælgelse, I af Gud elskede Brødre,
چۈنكى خۇش خەۋىرىمىز سىلەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەت بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، مۇتلەق جەزملەشتۈرۈلگەن ھالدا سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرنى دەپ ئۆزىمىزنى قانداق تۇتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر. | 5 |
at vort Evangelium ikke kom til eder i Ord alene, men også i Kraft og i den Helligånd og i fuld Overbevisning, som I jo vide, hvorledes vi færdedes iblandt eder for eders Skyld.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز-كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار، | 6 |
Og I ere blevne vore Efterfølgere, ja, Herrens, idet I modtoge Ordet under megen Trængsel med Glæde i den Helligånd,
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولۇپ چىقتىڭلار؛ | 7 |
så at I ere blevne et Forbillede for alle de troende i Makedonien og Akaja;
چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ [شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق] ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. | 8 |
thi fra eder har Herrens Ord lydt ud, ikke alene i Makedonien og Akaja, men alle Vegne er eders Tro på Gud kommen ud, så at vi ikke have nødig at tale derom.
چۈنكى [بىز بارغانلىكى جايدىكى] كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى، سىلەرنىڭ بۇتلاردىن قانداق ۋاز كېچىپ تىرىك ۋە ھەقىقىي خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن، كەلگۈسىدە كېلىدىغان غەزەپتىن بىزنى قۇتقۇزغۇچى ئەيسانىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى كۈتۈشكە خۇداغا باققانلىقىڭلارنى بايان قىلىشىدۇ. | 9 |
Thi de forkynde selv om os, hvordan en Indgang vi vandt hos eder, og hvorledes I vendte om til Gud fra Afguderne for at tjene den levende og sande Gud
og vente på hans Søn fra Himlene, hvem han oprejste fra de døde, Jesus, som frier os fra den kommende Vrede.