< سامۇئىل 1 9 >
بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئاتلىق بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئابىئەلنىڭ ئوغلى، ئابىئەل زېرورنىڭ ئوغلى، زېرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات ئافىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئافىيا بولسا بىنيامىنلىق ئىدى. ئۇ ئۆزى باتۇر ۋە دۆلەتمەن كىشى ئىدى. | 1 |
本雅明支派有個人名叫克士,他是阿彼耳的兒子,阿彼耳是責洛爾的兒子,責洛爾是貝苛辣特的兒子,貝苛辣特是阿非亞的兒子;這本雅明人是個英勇的戰士。
كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك، ئېسىل ۋە خۇشخۇي بىر ئوغلى بار ئىدى. ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۇنىڭدىن چىرايلىق ئادەم يوق ئىدى؛ ئۇ شۇنداق ئېگىز بويلۇق ئەر ئىدىكى، خەلقنىڭ ھەرقاندىقى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمەيتتى. | 2 |
他有個兒子名叫撒烏耳,魁梧英俊,在以色列人中沒有比他更俊美的,比所有的人高出一肩。
سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ ئېشەكلىرى يىتىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن كىش ئوغلى سائۇلغا: ــ سەن خىزمەتكارلاردىن بىرىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ، ئېشەكلەرنى تېپىپ كەلگىن، دېدى. | 3 |
撒烏耳的父親克士有幾匹母驢,走迷了路,克士遂對兒子撒烏耳說:「你帶一個僕人,起身去尋找那些驢。」
ئۇلار بېرىپ ئەفرائىم ئېدىرلىقىدىن ئۆتۈپ، شالىشاھ زېمىنىنى كېزىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ ئۇلار شائالىم زېمىنىدىنمۇ ئۆتتى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ ئۆتتى، ئۇلارنى يەنە تاپالمىدى. | 4 |
他們走過了厄弗辣因山地和沙里地方,卻沒有找著;又過了沙阿林地方,也沒有找到;最後經過耶米尼地方,也不見蹤影。
ئۇلار زۇف زېمىنىغا يەتكەندە سائۇل ئۆزى بىلەن كەلگەن خىزمەتكارىغا: ــ بولە، ئۆيگە يانايلى؛ بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەنسىرمەي، ئەكسىچە بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ كېتەرمىكى، دېدى. | 5 |
當他們來到族弗地方時,撒烏耳對跟隨自己的僕人說:「我們回去罷! 免得我父親不掛念驢,反而掛慮我們。」
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا، بۇ شەھەردە خۇدانىڭ بىر ئادىمى بار. ئۇ مۆھتەرەم بىر ئادەم، ھەر نېمە دېسە ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. ئەمدى ئۇ يەرگە بارايلى؛ ئۇ بىزگە بارىدىغان يولىمىزنى كۆرسىتىپ قويارمىكىن، دېدى. | 6 |
僕人回答他說:「請看,這城裏有一位天主的人,很受敬重;凡他說的,必定應驗;現在我們往那裏去,或許他會告訴我們應走的路。」
شۇڭا سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بارساق ئۇ كىشىگە نېمە بېرىمىز؟ چۈنكى خۇرجۇنلىرىمىزدا نان تۈگەپ قالدى، قولىمىزدا خۇدانىڭ ئادىمىگە بەرگۈدەك سوۋغىتىمىز يوق. يېنىمىزدا يەنە نېمە بار؟ ــ دېدى. | 7 |
撒烏耳回答僕人說:「好! 我們可以去,但是給那人送什麼呢﹖我們袋裏的乾糧已經用盡,沒有禮物可送給天主的人了。我們還有什麼呢﹖」
خىزمەتكار سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا قولۇمدا چارەك شەكەل كۈمۈش بار. ماڭىدىغان يولىمىزنى دەپ بەرسۇن، خۇدانىڭ ئادىمىگە شۇنى بېرەي، دېدى | 8 |
僕人回答撒烏耳說:「看,我手裏還有四分之一「協刻耳」銀子,你可把它送給天主的人,請他把我們當走的路告訴我們。」
(بۇرۇن ئىسرائىلدا بىر ئادەم خۇدادىن يول سورىماقچى بولسا: ــ كېلىڭلار، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى، دەيتتى. ھازىر «پەيغەمبەر» دېگەننى ئۆتكەن زاماندا «ئالدىن كۆرگۈچى» دەيتتى). | 9 |
撒烏耳對他的僕人說:「你說的對,來,我們去罷! 」他們就往天主的人所住的城裏去了。
سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ مەسلىھەتىڭ ياخشى بولدى. بىز ماڭايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى تۇرغان شەھەرگە باردى. | 10 |
當他們上那城的山坡時,遇見一些少女出來打水,就問她們說:「先見者在這裏嗎﹖」──
ئۇلار شەھەرگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، سۇ تارتقىلى چىققان بىرنەچچە قىزغا ئۇچرىدى ۋە ئۇلاردىن: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مۇشۇ يەردىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 11 |
過去在以色列,如果有人去求問天主,常說:「來,我們到先見者那裏去! 」現今所稱的「先知,」就是從前稱的「先見者。」──
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق. مانا ئۇ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ تېز بېرىڭلار، چۈنكى خالايىق بۈگۈن [شەھەرنىڭ] يۇقىرى جايىدا قۇربانلىق قىلماقچى، شۇڭا ئۇ بۈگۈن شەھەرگە كىردى. | 12 |
她們回答說:「是。看,先見者就在你們前面,剛剛進了城,因為今天百姓要在高丘上舉行祭獻。
ئۇ [قۇربانلىقتىن] يېيىشكە تېخى يۇقىرى جايغا چىقماي تۇرۇپلا، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن شەھەردە ئۇچرىشىسىلەر. خەلق ئۇ كەلمىگۈچە تائام يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاۋۋال قۇربانلىقنى بەرىكەتلەيدۇ؛ ئاندىن چاقىرىلغان مېھمانلار تائامغا ئېغىز تېگىدۇ. ھازىر چىقىڭلار، چۈنكى بۇ دەل ئۇنى تاپقىلى بولىدىغان ۋاقىت، دېدى. | 13 |
你們進了城,在他上到高丘進食以前,一定會遇見他,因為人民在他來以前,不先吃什麼,因他要祝福犧牲,然後賓客纔進食。你們現在上去,立刻會遇見他。」
ئۇلار شەھەرگە چىقىپ شەھەر مەركىزىگە كەلگەندە، مانا سامۇئىل يۇقىرى جايغا چىقىشقا ئۇلارغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. | 14 |
他們於是上到那城,剛進城門,看,撒慕爾就朝著他們出來,要上高丘去。
پەرۋەردىگار سائۇل كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى سامۇئىلغا: | 15 |
在撒烏耳來的前一日,上主曾啟示給撒慕爾說:「
ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەن يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەمنى ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنى مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. ئۇ مېنىڭ خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى مېنىڭ خەلقىمنىڭ پەريادى ماڭا يەتكىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلتىپات بىلەن قارىدىم، ــ دېدى. | 16 |
明日大約這時,我打發一個本雅明地方的人到你這裏來,你要給他傅油,立他當我民以色列的首領,他要從培肋舍特人手中拯救我的百姓,因我已看到我百姓的痛苦,他們的哀號已上達於我。」
سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغان ئادەم مۇشۇدۇر. بۇ ئادەم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدۇ، دەپ ئىزھار قىلدى. | 17 |
撒慕爾一看見撒烏耳,上主就提醒他說:「看,這就是我曾對你提及的那人,他要統治我的百姓。」
سائۇل دەرۋازىدا تۇرغان سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ: سىلىدىن سوراي، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ ئۆيى نەدە، دەپ سورىدى. | 18 |
撒烏耳走到撒慕爾跟前,在城門洞中問他說:「請你告訴我,先見者的家在那裏﹖」
سامۇئىل سائۇلغا: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مەن ئۆزۈم شۇ. مەندىن ئاۋۋال يۇقىرى جايغا چىققىن. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن تائام يەيسىلەر؛ ئەتە سېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا، كۆڭلۈڭدىكى ھەربىر ئىشلارنى ساڭا دەپ بېرەي، ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 19 |
撒慕爾回答撒烏耳說:「我就是先見者;請你在我以前上高丘去;你們今天要同我一起吃飯,明天早晨我打發你去,你心中所懷念的事,我會全告訴你。
ئەمما ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلەردىن بولسا، ئەندىشە قىلمىغىن؛ ئۇلار تېپىلدى. ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئارزۇسى كىمگە مايىل؟ ساڭا ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. | 20 |
至於三天以前你所失的母驢,不必擔心,都已找著了。此外,以色列所有的至寶是誰的呢﹖豈不是你和你父親全家的嗎! 」
سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك قەبىلە بولغان بىنيامىندىن، جەمەتىممۇ بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى تۇرسا؟ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ماڭا دەيلا؟ ــ دېدى. | 21 |
撒烏耳回答說:「我豈不是一個本雅明人,屬於以色列最小的一支派嗎﹖我的家族在本雅明家族中,不也是最小的嗎﹖你怎能向我說出這樣的話﹖」
سامۇئىل بولسا سائۇلنى ۋە خىزمەتكارىنى باشلاپ، مېھمانخانا ئۆيىگە كىردى ۋە ئۇلارنى چاقىرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا تۆردە ئولتۇرغۇزدى. ئۇلار ئوتتۇزچە ئادەم ئىدى. | 22 |
以後撒慕爾將撒烏耳和他的僕人領到餐廳內,叫他們坐在賓客的首位上,賓客約有三十人。
سامۇئىل ئاشپەزگە: ــ مەن ساقلاپ قويغىن دەپ، ساڭا تاپشۇرغان ھېلىقى تائامنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. | 23 |
撒慕爾對廚師說:「將我交給你的那份,即對你說:暫且留下的那一份,給我拿來。」
شۇنىڭ بىلەن ئاشپەز ساقلاپ قويغان چوڭ ئاجرىتىلغان قولنى ئېلىپ سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. سامۇئىل: ــ مانا، [ساڭا] ساقلاپ قويۇلغىنى شۇدۇر! ئۇنى ئالدىڭغا ئېلىپ يېگىن؛ چۈنكى ئۇ مەن خەلقنى چاقىرغان چېغىمدا ئاتايىن ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويغاندىن تارتىپ بۇ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ساقلاندى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى سائۇل بىلەن سامۇئىل تاماقتا بىللە بولدى. | 24 |
廚師遂把後腿和肥尾端上來,放在撒烏耳面前。撒慕爾對他說:「看,擺在你面前的,是預先特意保留的一份,請吃罷! 因為特意為你保留下的,叫你好同賓客一起吃。」撒烏耳那天就同撒慕爾一起吃了飯。
ئۇلار يۇقىرى جايدىن چۈشۈپ شەھەرگە كىردى، [سامۇئىل] ئۆگزىدە سائۇل بىلەن سۆزلەشتى. | 25 |
他們從高丘下到城裏,有人在露台上給撒烏耳舖好了臥榻,
ئەتىسى تاڭ شەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندا سامۇئىل سائۇلنى ئۆگزىدىن چاقىرىپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى ئۇزۇتۇپ قوياي، دېدى. سائۇل ئورۇندىن تۇردى ۋە ئىككىسى بىللە چىقتى، ــ ھەم ئۇ سامۇئىل بىلەن بىللە كوچىغا چىقتى. | 26 |
撒烏耳就睡在那裏。天一亮,撒慕爾就叫醒在露台上的撒烏耳,對他說:「起來,讓我送你走。」撒烏耳起來,他們二人,即他和撒慕爾,就往城外走;
ئۇلار شەھەرنىڭ ئايىغىغا كېتىۋاتقاندا، سامۇئىل سائۇلغا: خىزمەتكارغا ئالدىمىزدا ماڭغاچ تۇرغىن، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى. ئاندىن سامۇئىل: ــ سەن تۇرۇپ تۇر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ساڭا يەتكۈزەي، دېدى. | 27 |
當他們下到城邊時,撒慕爾對撒烏耳說:「你吩咐僕人,叫他在我們前面先走,你暫且停留一會,我要把天主話告訴你。」