< سامۇئىل 1 8 >
شۇنداق بولدىكى، سامۇئىل قېرىغاندا ئوغۇللىرىنى ئىسرائىلغا ھاكىم قىلىپ قويدى. | 1 |
Quand Samuel fut devenu vieux, il confia à ses fils le gouvernement d’Israël.
ئۇنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل بولۇپ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىياھ ئىدى. بۇلار بەئەر-شېبادا ھاكىملىق قىلدى. | 2 |
Son fils aîné s’appelait Joël, et son puîné Abya; ils exerçaient le gouvernement à Bersabée.
لېكىن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يوللىرىدا يۈرمەيتتى، بەلكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئېزىپ، پارىلارنى يەپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى. | 3 |
Mais ses fils ne marchaient pas sur ses traces, ils recherchaient le lucre, acceptaient des dons corrupteurs et faussaient la justice.
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى راماھدا جەم بولۇپ سامۇئىلنىڭ قېشىغا كېلىپ | 4 |
Aussi, tous les anciens d’Israël se réunirent, allèrent chez Samuel à Rama,
ئۇنىڭغا: ــ مانا سەن قېرىدىڭ، ئوغۇللىرىڭ بولسا سېنىڭ يوللىرىڭدا يۈرمەيدۇ. بارلىق ئەللەردە بولغاندەك ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. | 5 |
et lui dirent: "Vois, tu es âgé, et tes fils ne suivent pas tes voies; donne-nous donc un roi pour nous gouverner, comme en ont tous les peuples."
ئۇلارنىڭ «ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن» دېگىنى سامۇئىلنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر كەلدى. سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىۋىدى، | 6 |
Cela déplut à Samuel de les entendre dire: "Donne-nous un roi pour nous gouverner"; et il adressa une prière au Seigneur.
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا جاۋابەن: ــ خەلق ساڭا ھەرنېمە ئېيتسا ئۇلارغا قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى «ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولمىسۇن» دەپ مېنى تاشلىدى. | 7 |
Mais le Seigneur dit à Samuel: "Cède à la voix de ce peuple, fais ce qu’ils te disent; ce n’est pas toi qu’ils rejettent, c’est moi-même, dont ils ne veulent plus pour leur roi.
مەن ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مېنى تاشلاپ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن. ئەمدى ئۇلار ساڭا ھەم شۇنداق قىلىدۇ. | 8 |
Comme ils ont constamment agi depuis que je les ai tirés d’Egypte jusqu’à ce jour, me délaissant pour servir des dieux étrangers, ainsi agissent-ils encore sous tes yeux.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئۇنىغىن. لېكىن ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ ئۇلارنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن، دېدى. | 9 |
Cède donc à leur voix, non toutefois sans les avertir, et leur exposer les procédés du roi qui les gouvernera."
سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ سورىغان خەلققە، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. | 10 |
Samuel rapporta toutes les paroles de l’Eternel au peuple qui lui avait demandé un roi;
ئۇ: ــ ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ تۇتىدىغان يولى مۇنداق بولىدۇ: ــ ئۇ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا قويۇپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەشكە، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بولۇشقا سالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرىدۇ؛ | 11 |
et il dit: "Voici comment procédera le roi que vous voulez avoir: vos fils, il les prendra pour les employer à ses chars, à sa cavalerie, les fera courir devant son char,
ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مىڭ بېشى ۋە ئەللىك بېشى بولۇشقا، يېرىنى ھەيدەشكە، ھوسۇلىنى ئورۇشقا، جەڭ قوراللىرى بىلەن ھارۋا ئەسۋابلىرىنى ياساشقا سالىدۇ. | 12 |
en fera des officiers de mille, des officiers de cinquante; les forcera de labourer, de moissonner pour lui, de fabriquer ses armes et l’attirail de ses voitures.
قىزلىرىڭلارنى ئەتىر ياساشقا، تاماق ئېتىشكە ۋە نان يېقىشقا سالىدۇ. | 13 |
Vos filles, il les exploitera pour la préparation des parfums, pour sa cuisine et pour son pain.
ئەڭ ئېسىل زېمىنلىرىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا بېرىدۇ. | 14 |
Les meilleurs de vos champs, de vos vignobles et de vos plants d’oliviers, il les prendra pour les donner à ses serviteurs.
ئۇ ئۇرۇقۇڭلاردىن، ئۈزۈمزارلىرىڭلارنىڭ ھوسۇلىدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆزىنىڭ غوجىدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. | 15 |
Il lèvera la dîme de vos grains et de vos vignes, pour la donner à ses courtisans et à ses esclaves.
ئۇ قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، ئەڭ كېلىشكەن يىگىتلىرىڭلارنى ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا سالىدۇ. | 16 |
Vos esclaves à vous et vos servantes, et l’élite de vos jeunes gens, et vos ânes, il les prendra pour les employer à ses travaux.
ئۇ قويلىرىڭلاردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئالىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى بولىسىلەر. | 17 |
Il prélèvera la dîme de votre menu bétail, et vous-mêmes deviendrez ses esclaves.
سىلەر ئۇ كۈندە ئۆزۈڭلارغا تاللىغان پادىشاھ تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنىدە سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، دېدى. | 18 |
Vous vous lamenterez alors à cause de ce roi que vous avez désiré; mais l’Eternel ne vous exaucera point ce jour-là."
خەلق بولسا سامۇئىلنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي: ــ ياق، بەلكى ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلىدىغان بىر پادىشاھ بولسۇن، دېدى. | 19 |
Le peuple refusa d’accéder à la voix de Samuel, et il répondit: "Non, il nous faut un roi!
ــ شۇنداق قىلىپ بىز باشقا ھەربىر ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز؛ بىزنىڭ پادىشاھىمىز ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، بىزنى باشلايدۇ ۋە بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، دېدى. | 20 |
Nous voulons être comme les autres peuples, nous aussi; et notre roi nous jugera, et il marchera à notre tête, et il combattra avec nous!"
سامۇئىل خەلقنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. | 21 |
Samuel, ayant ouï toutes les paroles du peuple, en rendit compte au Seigneur.
پەرۋەردىگار ئەمدى سامۇئىلغا: ــ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز شەھىرىڭلارغا قايتىڭلار، دېدى. | 22 |
Le Seigneur dit à Samuel: "Défère à leur demande, et donne-leur un roi." Et Samuel dit aux délégués d’Israël: "Que chacun de vous s’en retourne dans sa ville!"