< سامۇئىل 1 7 >

شۇنىڭ بىلەن كىرىئات-يېئارىمدىكى ئادەملەر كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپ، دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە قويدى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارنى ئەھدە ساندۇقىغا قاراشقا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېكىتتى. 1
مردم قریهٔ یعاریم آمده، صندوق عهد خداوند را به خانهٔ کوهستانی ابیناداب بردند و پسرش العازار را برای نگهداری آن تعیین کردند.
ئەھدە ساندۇقى كىرىئات-يېئارىمدا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇزۇن ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل ئۆتتى. ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى پەرۋەردىگارنى سېغىندى. 2
صندوق عهد، مدت بیست سال در آنجا باقی ماند. طی آن مدت، بنی‌اسرائیل در ماتم بودند، زیرا خداوند ایشان را ترک گفته بود.
ۋە سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە: ــ ئەگەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ياتلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن ئاشتاروتلارنى ئۆز ئاراڭلاردىن يوقىتىپ، كۆڭلۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا باغلاپ، خاس ئۇنىڭ ئىبادىتىدىلا بولساڭلار ئۇ سىلەرنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. 3
سموئیل به بنی‌اسرائیل گفت: «اگر با تمام دل به سوی خداوند بازگشت نمایید و خدایان بیگانه و عشتاروت را از میان خود دور کنید و تصمیم بگیرید که فقط خداوند را اطاعت و عبادت نمایید، آنگاه خدا هم شما را از دست فلسطینی‌ها نجات خواهد داد.»
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بائاللار بىلەن ئاشتاروتلارنى تاشلاپ خاس پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدىلا بولدى. 4
پس آنها بتهای بعل و عشتاروت را نابود کردند و فقط خداوند را پرستش نمودند.
ئاندىن سامۇئىل: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلنى مىزپاھ شەھىرىگە جەم قىلساڭلار، مەن سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلاي، دېدى. 5
سپس، سموئیل به ایشان گفت: «همهٔ شما به مصفه بیایید و من برای شما در حضور خداوند دعا خواهم کرد.»
ئەمدى ئۇلار مىزپاھقا جەم بولۇپ، ئۇ يەردە سۇ تارتىپ ئۇنى پەرۋەردىگار ئالدىغا قۇيدى ۋە ئۇ كۈنى روزا تۇتۇپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل مىزپاھتا ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 6
بنابراین همهٔ آنها در مصفه جمع شدند. سپس از چاه آب کشیدند و به حضور خداوند ریختند و تمام روز را روزه گرفته، اعتراف کردند که به خداوند گناه کرده‌اند. و سموئیل در مصفه به رهبری بنی‌اسرائیل تعیین شد.
فىلىستىيلەر ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىنى ئاڭلىدى؛ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى. ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلاپ فىلىستىيلەردىن قورقتى. 7
وقتی رهبران فلسطینی شنیدند که بنی‌اسرائیل در مصفه گرد آمده‌اند، سپاه خود را آمادهٔ جنگ کرده، عازم مصفه شدند. هنگامی که قوم اسرائیل متوجه شدند که فلسطینی‌ها نزدیک می‌شوند، بسیار ترسیدند.
ئىسرائىللار سامۇئىلغا: ــ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىدا قىلىشتىن توختىمىغىن، دېدى. 8
آنها از سموئیل خواهش نموده، گفتند: «از دعا کردن به درگاه خداوند دست نکش تا او ما را از دست فلسطینی‌ها نجات دهد.»
سامۇئىل ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئېلىپ تولۇق بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار دۇئاسىنى ئاڭلىدى. 9
سموئیل برهٔ شیرخواره‌ای را به عنوان قربانی سوختنی به خداوند تقدیم کرد و از او درخواست نمود تا اسرائیلی‌ها را برهاند. خداوند دعای او را اجابت فرمود.
سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى يېقىنلاپ كەلدى. لېكىن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل ئالدىدا تارمار بولدى. 10
درست در همان لحظه‌ای که سموئیل مشغول قربانی کردن بود، فلسطینی‌ها وارد جنگ شدند. اما خداوند از آسمان مانند رعد بانگ برآورد و فلسطینی‌ها پریشان شده، از اسرائیلی‌ها شکست خوردند.
ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ ئۇلارنى بەيت-كارنىڭ تۈۋىگىچە قوغلاپ قىردى. 11
اسرائیلی‌ها آنها را از مصفه تا آن سوی بیت‌کار تعقیب نموده، در طول راه همه را هلاک کردند.
ئۇ ۋاقىتتا سامۇئىل بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى مىزپاھ بىلەن شەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەپ: ــ «پەرۋەردىگار بىزگە ھازىرغىچە ياردەم بېرىۋاتىدۇ» ــ دەپ ئۇنى ئەبەن-ئەزەر دەپ ئاتىدى. 12
آنگاه سموئیل سنگی گرفته، آن را بین مصفه و شن بر پا داشت و گفت: «تا به حال خداوند ما را کمک کرده است.» و آن سنگ را ابن‌عزر (یعنی «سنگ کمک») نامید.
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر بېسىقىپ ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا يەنە تاجاۋۇز قىلمىدى؛ سامۇئىل [ھاكىم] بولغان بارلىق كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قارشى بولدى؛ 13
پس فلسطینی‌ها مغلوب شدند و تا زمانی که سموئیل زنده بود دیگر به اسرائیلی‌ها حمله نکردند، زیرا خداوند بر ضد فلسطینی‌ها عمل می‌کرد.
شۇنداق قىلىپ ئەكروندىن تارتىپ گاتقىچە فىلىستىيلەر ئىسرائىلدىن ئېلىۋالغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلغا ياندۇرۇلدى؛ شەھەرلەرگە تەۋە زېمىنلارنىمۇ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن ياندۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل بىلەن ئامورىيلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى. 14
شهرهای اسرائیلی، واقع در بین عقرون و جت که به دست فلسطینی‌ها افتاده بودند، دوباره به تصرف اسرائیل درآمدند. در میان اسرائیلی‌ها و اموری‌ها نیز در آن روزها صلح برقرار بود.
سامۇئىل بولسا پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى سورىدى. 15
سموئیل تا پایان عمرش داور بنی‌اسرائیل باقی ماند.
ھەر يىلى ئۇ بەيت-ئەل، گىلگال ۋە مىزپاھلارنى ئايلىنىپ، مۇشۇ يەرلەردە ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. 16
او هر سال به بیت‌ئیل، جلجال، و مصفه می‌رفت و در آنجا به شکایات مردم رسیدگی می‌کرد.
ئاندىن ئۇ راماھقا يېنىپ باراتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى ھەم ئۇ ئۇ يەردىمۇ ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. ئۇ ئۇ يەردىمۇ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغانىدى. 17
بعد به خانهٔ خود در رامه برمی‌گشت و در آنجا نیز به حل مشکلات بنی‌اسرائیل می‌پرداخت. سموئیل در رامه یک مذبح برای خداوند بنا کرد.

< سامۇئىل 1 7 >