< سامۇئىل 1 7 >
شۇنىڭ بىلەن كىرىئات-يېئارىمدىكى ئادەملەر كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپ، دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە قويدى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارنى ئەھدە ساندۇقىغا قاراشقا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېكىتتى. | 1 |
Tada dođoše ljudi iz Kirjat Jearima i odnesoše Kovčeg Jahvin sebi. Unesoše ga u kuću Abinadabovu, na uzvišici, i posvetiše njegova sina Eleazara da čuva Kovčeg Jahvin.
ئەھدە ساندۇقى كىرىئات-يېئارىمدا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇزۇن ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل ئۆتتى. ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى پەرۋەردىگارنى سېغىندى. | 2 |
Od dana kad je Kovčeg bio postavljen u Kirjat Jearimu, prođe mnogo vremena - dvadeset godina - i sav je dom Izraelov uzdisao za Jahvom.
ۋە سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە: ــ ئەگەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ياتلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن ئاشتاروتلارنى ئۆز ئاراڭلاردىن يوقىتىپ، كۆڭلۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا باغلاپ، خاس ئۇنىڭ ئىبادىتىدىلا بولساڭلار ئۇ سىلەرنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. | 3 |
Tada Samuel progovori svemu domu Izraelovu ovako: “Ako se od svega srca svoga vraćate Jahvi, uklonite iz svoje sredine tuđe bogove, baale i aštarte, i upravite srce svoje Jahvi i njemu jedinome služite. Tada će vas on izbaviti iz ruke Filistejaca.”
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بائاللار بىلەن ئاشتاروتلارنى تاشلاپ خاس پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدىلا بولدى. | 4 |
Sinovi Izraelovi ukloniše nato baale i aštarte i služahu jedinome Jahvi.
ئاندىن سامۇئىل: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلنى مىزپاھ شەھىرىگە جەم قىلساڭلار، مەن سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلاي، دېدى. | 5 |
Samuel tada zapovjedi: “Skupite sve sinove Izraelove u Mispu da se pomolim Jahvi za vas.”
ئەمدى ئۇلار مىزپاھقا جەم بولۇپ، ئۇ يەردە سۇ تارتىپ ئۇنى پەرۋەردىگار ئالدىغا قۇيدى ۋە ئۇ كۈنى روزا تۇتۇپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل مىزپاھتا ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. | 6 |
Oni se dakle skupiše u Mispi; ondje su grabili vodu i izlijevali je pred Jahvom. I postili su onaj dan i priznavali: “Sagriješili smo Jahvi!” I Samuel je sudio sinovima Izraelovim u Mispi.
فىلىستىيلەر ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىنى ئاڭلىدى؛ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى. ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلاپ فىلىستىيلەردىن قورقتى. | 7 |
Kad su Filistejci čuli da su se sinovi Izraelovi skupili u Mispi, krenu filistejski knezovi da napadnu na Izraela. Kad to vidješe sinovi Izraelovi, uplašiše se Filistejaca.
ئىسرائىللار سامۇئىلغا: ــ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىدا قىلىشتىن توختىمىغىن، دېدى. | 8 |
I zamoliše sinovi Izraelovi Samuela: “Ne prestaj vapiti za nas Jahvi, Bogu našemu, da nas izbavi iz ruke Filistejaca.”
سامۇئىل ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئېلىپ تولۇق بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار دۇئاسىنى ئاڭلىدى. | 9 |
Samuel uze jedno janje sisanče i prinese ga Jahvi kao žrtvu paljenicu i glasno se pomoli Jahvi za Izraela, i Jahve ga usliša.
سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى يېقىنلاپ كەلدى. لېكىن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل ئالدىدا تارمار بولدى. | 10 |
Dok je Samuel prinosio žrtvu paljenicu, Filistejci su došli da udare na Izraela, ali Jahve toga dana zagrmi silnom grmljavinom na Filistejce i tako ih prestraši i smete da su podlegli Izraelu.
ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ ئۇلارنى بەيت-كارنىڭ تۈۋىگىچە قوغلاپ قىردى. | 11 |
Ratnici izraelski iziđoše iz Mispe i potjeraše Filistejce, tukući ih sve do ispod Bet Kara.
ئۇ ۋاقىتتا سامۇئىل بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى مىزپاھ بىلەن شەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەپ: ــ «پەرۋەردىگار بىزگە ھازىرغىچە ياردەم بېرىۋاتىدۇ» ــ دەپ ئۇنى ئەبەن-ئەزەر دەپ ئاتىدى. | 12 |
A Samuel uze jedan kamen i postavi ga između Mispe i Ješane i nazva ga imenom Eben Haezer govoreći: “Dovde nam je Jahve pomogao.”
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر بېسىقىپ ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا يەنە تاجاۋۇز قىلمىدى؛ سامۇئىل [ھاكىم] بولغان بارلىق كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قارشى بولدى؛ | 13 |
Tako su Filistejci bili poniženi i nikada više ne navališe na zemlju Izraelovu, a ruka je Jahvina pritiskivala Filistejce svega vijeka Samuelova.
شۇنداق قىلىپ ئەكروندىن تارتىپ گاتقىچە فىلىستىيلەر ئىسرائىلدىن ئېلىۋالغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلغا ياندۇرۇلدى؛ شەھەرلەرگە تەۋە زېمىنلارنىمۇ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن ياندۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل بىلەن ئامورىيلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى. | 14 |
I gradove koje Filistejci bijahu zauzeli od Izraela vratiše se njemu, od Ekrona do Gata, i Izrael oslobodi njihovo područje iz ruke filistejske. I bio je mir između Izraela i Amorejaca.
سامۇئىل بولسا پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى سورىدى. | 15 |
Samuel je bio sudac u Izraelu svega svoga vijeka.
ھەر يىلى ئۇ بەيت-ئەل، گىلگال ۋە مىزپاھلارنى ئايلىنىپ، مۇشۇ يەرلەردە ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. | 16 |
Svake je godine obilazio Betel, Gilgal i Mispu i u svim je tim mjestima sudio Izraelu.
ئاندىن ئۇ راماھقا يېنىپ باراتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى ھەم ئۇ ئۇ يەردىمۇ ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. ئۇ ئۇ يەردىمۇ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغانىدى. | 17 |
Zatim se vraćao u Ramu, jer je ondje imao svoju kuću i ondje je sudio Izraelu. Ondje je podigao i žrtvenik Jahvi.