< سامۇئىل 1 6 >
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە ئاي تۇردى. | 1 |
Awurade Apam Adaka no dii Filistifoɔ asase so abosome nson.
فىلىستىيلەر كاھىنلار بىلەن پالچىلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى قانداق قىلىپ ئۆز جايىغا ئەۋەتەلەيمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، دېدى. | 2 |
Na Filistifoɔ no frɛɛ wɔn asɔfoɔ ne wɔn nsamanfrɛfoɔ bisaa wɔn sɛ, “Ɛdeɛn na yɛnyɛ Awurade Apam Adaka yi? Monkyerɛ yɛn ɛkwan a yɛmfa so nsane mfa nkɔ asase a ɛfiri soɔ no so.”
ئۇلار: ــ ئەگەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ ئەۋەتسەڭلار، قۇرۇق ئەۋەتمەڭلار، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىر «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى بىرگە ئەۋەتىشىڭلار زۆرۈردۇر، دېدى. شۇنداق قىلغاندا شىپا تاپىسىلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ قولىنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلمىغانلىقىنى بىلىسىلەر، دېدى. | 3 |
Wɔka kyerɛɛ wɔn sɛ, “Monsane mfa Israel Onyankopɔn Apam Adaka no nkɔ baabi a mokɔfaa no, na momfa akyɛdeɛ nka ho. Momfa afɔdie afɔdeɛ nka ho, na ama ɔyaredɔm no agyae. Na sɛ ɔyaredɔm no annyae a, ɛbɛma moahunu sɛ ɛnyɛ Onyankopɔn na ɔde baeɛ.”
ئۇلار: ــ بىز نېمىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ ئەۋەتىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنىڭ سانى بەش؛ شۇڭا بەش ئالتۇن ھۈررەك ۋە بەش ئالتۇن چاشقان ياساپ ئەۋەتىڭلار؛ چۈنكى سىلەرگە ۋە غوجاڭلارغا ئوخشاشلا بالا-قازا چۈشتى. | 4 |
Wɔbisaa sɛ, “Ɛnneɛ, na afɔdie afɔdeɛ bɛn na yɛmfa nkɔ?” Na wɔka kyerɛɛ wɔn sɛ, “Esiane sɛ ɔyaredɔm no abɔ mo ne mo sodifoɔ baanum enti, monyɛ sikakɔkɔɔ te sɛ mpɔmpɔ sɛso enum ne sikakɔkɔɔ akusie sɛso enum te sɛ deɛ sodifoɔ no dodoɔ teɛ.
ھۈررەكلىرىڭلارنىڭ شەكلىنى ۋە زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلىدىغان چاشقانلارنىڭ شەكلىنى نەقىش قىلىپ ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم سىلەرنىڭ، ئىلاھلىرىمىزنىڭ ۋە زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىنى باسقان قولىنى يېنىكلىتەرمىكىن: ــ | 5 |
Monyɛ saa nneɛma yi nyinaa fa nkyerɛ anidie a mowɔ ma Israel Onyankopɔn. Na ebia, ɔbɛgyae mo, mo anyame ne mo asase amanehunu no.
مىسىرلىقلار بىلەن پىرەۋن ئۆز كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلغاندەك سىلەرمۇ نېمىشقا ئۆز كۆڭلۈڭلارنى قاتتىق قىلىسىلەر؟ ئۇ مىسىرلىقلارغا زور قاتتىق قوللۇق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدىمۇ، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلمىدىمۇ؟ | 6 |
Monnyɛ asoɔden, nnyɛ adɔnyɛfoɔ, sɛdeɛ Farao ne Misraimfoɔ yɛeɛ no. Wɔamma Israelfoɔ ankɔ kɔsii sɛ Onyankopɔn maa ɔyaredɔm te guu wɔn so.
ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ياساپ، تېخى بويۇنتۇرۇققا كۆندۈرۈلمىگەن موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇڭلار؛ ئۇلاردىن موزايلىرىنى ئايرىپ، ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار؛ | 7 |
“Afei, monyɛ teaseɛnam foforɔ, na monhwehwɛ anantwibereɛ mmienu a afei na wɔawo mma foforɔ. Monhwɛ sɛ wɔntwee teaseɛnam da. Momfa anantwie no nsesa teaseɛnam no na montete wɔn mma no mfiri wɔn ho, mfa wɔn nkɔgu wɔn buo mu.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ھارۋىغا سېلىڭلار؛ ۋە ئۇنىڭغا ئەۋەتىدىغان ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىدىغان ئالتۇن بۇيۇملارنى بىر قاپقا سېلىپ ساندۇققا يانداپ قويۇڭلار ۋە ساندۇقنى شۇ پېتى ماڭدۇرۇڭلار؛ | 8 |
Momfa Awurade Apam Adaka no nsi teaseɛnam no mu, na momfa adakawa a sikakɔkɔɔ akusie sɛso ne sikakɔkɔɔ mpɔmpɔ sɛso wɔ mu no nsi nkyɛn. Afei, momma anantwie no nkɔ baabiara a wɔpɛ.
ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ھارۋا ئىسرائىل چېگرىسىدىكى يول بىلەن بەيت-شەمەشكە ماڭسا، بىزگە كەلگەن شۇ چوڭ بالا-قازانى چۈشۈرگۈچىنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بىزنى ئۇرغان ئۇنىڭ قولى ئەمەس، بەلكى بىزگە چۈشكەن تاسادىپىلىق بولىدۇ، خالاس، دېيىشتى. | 9 |
Na sɛ wɔtra yɛn asase hyeɛ, na wɔkɔduru Bet-Semes a, ɛbɛma yɛahunu sɛ, ɛyɛ Awurade na ɔde saa amanehunu kɛseɛ yi baa yɛn so. Na sɛ amma no saa a, yɛbɛhunu sɛ saa ɔyaredɔm a ɛbaa yɛn so no yɛ akwanhyia bi, na mmom, ɛmfiri Awurade, ɛkwan biara so.”
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر شۇنداق قىلدى. ئۇلار موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇپ، موزايلىرىنى ئۆيدە سولاپ قويۇپ، | 10 |
Wɔyɛɛ saa. Wɔfaa anantwie mmienu a wɔawo foforɔ de wɔn saa teaseɛnam no so, na wɔde wɔn mma no guu buo mu.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئالتۇن چاشقان ۋە قۇيما ھۈررەكلەر قاچىلانغان قاپنى ئۇنىڭغا يانداپ قويدى. | 11 |
Wɔde Awurade Apam Adaka no sii teaseɛnam no mu. Wɔde adakawa a sikakɔkɔɔ akusie sɛso ne sikakɔkɔɔ mpɔmpɔ sɛso wɔ mu no sii ho.
ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يول بىلەن ئۇدۇل يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار كۆتۈرۈلگەن يول بىلەن ماڭغاچ مۆرەيتتى، يا ئوڭ تەرەپكە يا سول تەرەپكە قېيىپ كەتمىدى. فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بەيت-شەمەشنىڭ چېگرىسىغىچە باردى. | 12 |
Afei, anantwie no de su faa tempɔn a ɛkɔ Bet-Semes no so tee. Filistifoɔ sodifoɔ dii wɔn akyi ara kɔsii Bet-Semes hyeɛ so.
بەيت-شەمەشتىكىلەر جىلغىدا بۇغداي ئورۇۋاتاتتى، ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇشتى. | 13 |
Saa ɛberɛ no, na Bet-Semesfoɔ retwa wɔn atokoɔ wɔ bɔnhwa no mu. Enti, wɔpagyaa wɔn ani hunuu Adaka no, wɔdii ahurisie.
ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى. ئۇلار ھارۋىنى چېقىپ، ئىككى ئىنەكنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. | 14 |
Teaseɛnam no kɔduruu ɔbarima bi a wɔfrɛ no Yosua a ɔfiri Bet-Semes afuo mu no, ɛgyinaa ɔbotan kɛseɛ bi ho. Nnipa no twitwaa nnua a wɔde yɛɛ teaseɛnam no mu. Na wɔde anantwie no bɔɔ ɔhyeɛ afɔdeɛ maa Awurade.
لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن بۇيۇملار بار قاپنى چۈشۈرۈپ چوڭ تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەشتىكىلەر پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلدى. | 15 |
Lewifoɔ no mu bebree faa adaka no ne adakawa a sika agudeɛ wɔ mu no, na wɔde guu ɔbotan kɛseɛ no so. Saa ɛda no, Bet-Semesfoɔ bɔɔ ɔhyeɛ afɔdeɛ ne aduane afɔdeɛ bebree maa Awurade.
فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسى بۇلارنى كۆرۈپ شۇ كۈنى ئەكرونغا قايتىپ كەتتى. | 16 |
Filistifoɔ sodifoɔ baanum no hwɛɛ yeinom nyinaa, na ɛda no ara, wɔsane kɔɔ Ekron.
فىلىستىيلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ بەرگەن ئالتۇن ھۈررىكى: ــ ئاشدود ئۈچۈن بىر، گازا ئۈچۈن بىر، ئاشكېلون ئۈچۈن بىر، گات ئۈچۈن بىر ۋە ئەكرون ئۈچۈن بىر ئىدى. | 17 |
Sikakɔkɔɔ mpɔmpɔ sɛso a Filistifoɔ no de kɔɔ sɛ asodie afɔdeɛ, de maa Awurade no yɛ akyɛdeɛ a ɛfiri Asdod, Gasa, Askelon, Gat ne Ekron sodifoɔ nkyɛn.
ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى بولسا فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسىغا تەۋە بارلىق شەھەرنىڭ سانى بىلەن باراۋەر ئىدى. بۇ شەھەرلەر سېپىللىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق سەھرا-كەنتلەرنى، شۇنداقلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويغان چوڭ چىمەنزارغىچە ھەممە جاينى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ چىمەنزار ھازىرمۇ بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىدا بار. | 18 |
Sikakɔkɔɔ akusie sɛso enum no nso gyina hɔ ma Filistifoɔ nkuropɔn enum no ne nkurotoɔ a atwa ho ahyia no a na sodifoɔ baanum no hwɛ so no. Ɔbotan kɛseɛ a na ɛwɔ Bet-Semes a wɔde Awurade Apam Adaka no siiɛ no nso da so tim Yosua afuom bɛsi ɛnnɛ sɛ nkaedeɛ a ɛkyerɛ asɛm a ɛsii hɔ no.
ئەمما بەيت-شەمەشتىكىلەر ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلاردىن يەتمىش ئادەمنى، جۈملىدىن چوڭلاردىن ئەللىكنى ئۇردى. پەرۋەردىگار خەلقنى مۇنداق قاتتىق ئۇرغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ماتەم تۇتتى. | 19 |
Na Awurade kunkumm Bet-Semesfoɔ no mmarima aduɔson sɛ wɔahwɛ Awurade Apam Adaka no mu. Na deɛ Awurade yɛeɛ no enti, nnipa no twaa agyaadwoɔ pa ara.
بەيت-شەمەشتىكىلەر: ــ بۇ مۇقەددەس خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كىم ئۆرە تۇرالايدۇ؟ ئەھدە ساندۇقى بىزنىڭ بۇ يەردىن كىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىلىشى كېرەك؟ ــ دېدى. | 20 |
Wɔsu bisaa sɛ, “Hwan na ɔbɛtumi agyina Awurade, Ɔkronkronni Onyankopɔn anim? Ɛhe na yɛbɛtumi de adaka yi afiri ha akɔ?”
ئاندىن ئۇلار كىرىئات-يېئارىمدىكىلەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋىتىپ: ــ فىلىستىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى. | 21 |
Enti, wɔsomaa abɔfoɔ kɔɔ Kiriat-Yearimfoɔ nkyɛn kɔka kyerɛɛ wɔn sɛ, “Filistifoɔ no asane de Awurade Apam Adaka no aba. Yɛsrɛ mo, mommra ha mmɛgye!”