< سامۇئىل 1 5 >

فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئولجا ئېلىپ، ئۇنى ئەبەن-ئەزەردىن ئېلىپ ئاشدودقا باردى. 1
Filistiylǝr Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini olja elip, uni Əbǝn-Əzǝrdin elip Axdodⱪa bardi.
ئۇ يەردە فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ داگون بۇتخانىسىغا ئەكىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى. 2
U yǝrdǝ Filistiylǝr Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini elip Dagon buthanisiƣa ǝkirip, Dagon degǝn butning yeniƣa ⱪoydi.
ئاشدوددىكىلەر ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا داگون بۇتى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى. شۇڭا ئۇلار داگون بۇتنى ئېلىپ يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. 3
Axdoddikilǝr ǝtisi sǝⱨǝr ⱪopup kǝlsǝ, mana Dagon buti Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪining aldida yiⱪilƣiniqǝ düm yatatti. Xunga ular Dagon butni elip yǝnǝ ɵz ornida turƣuzup ⱪoydi.
لېكىن ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا، داگون پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى؛ داگوننىڭ بېشى ھەم قوللىرى بوسۇغىدا چېقىلغانىدى؛ داگوننىڭ پەقەت بېلىقسىمان تېنى قالغانىدى. 4
Lekin ǝtisi sǝⱨǝr ⱪopup kǝlsǝ, mana, Dagon Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪining aldida yiⱪilƣiniqǝ düm yatatti; Dagonning bexi ⱨǝm ⱪolliri bosuƣida qeⱪilƣanidi; Dagonning pǝⱪǝt beliⱪsiman teni ⱪalƣanidi.
شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئاشدودتا يا داگوننىڭ كاھىنلىرى بولسۇن يا داگوننىڭ بۇتخانىسىغا كىرگۈچىلەر بولسۇن، داگوننىڭ بوسۇغىسىغا دەسسىمەيدۇ. 5
Xunga bügüngǝ ⱪǝdǝr Axdodta ya Dagonning kaⱨinliri bolsun ya Dagonning buthanisiƣa kirgüqilǝr bolsun, Dagonning bosuƣisiƣa dǝssimǝydu.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاشدوددىكىلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق چۈشۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاشدود بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇردى. 6
Andin Pǝrwǝrdigarning ⱪoli Axdoddikilǝrning üstigǝ ⱪattiⱪ qüxüp, ularni wǝyran ⱪilip, Axdod bilǝn ǝtrapidikilǝrni ⱨürrǝk kesili bilǝn urdi.
ئاشدوددىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزلەردە تۇرمىسۇن! چۈنكى ئۇنىڭ قولى بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق بېسىۋالدى، دېيىشتى. 7
Axdoddikilǝr bularni kɵrüp: — Israilning Hudasining ǝⱨdǝ sanduⱪi bizlǝrdǝ turmisun! Qünki uning ⱪoli bizni wǝ ilaⱨimiz Dagonni ⱪattiⱪ besiwaldi, deyixti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ ھەممە غوجىلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ ئۇلاردىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتقا چەت يول بىلەن يۆتكەلسۇن، دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەرگە چەت يول بىلەن يۆتكىدى. 8
Xuning bilǝn ular adǝm mangdurup Filistiylǝrning ⱨǝmmǝ ƣojilirini qaⱪirtip jǝm ⱪilip ulardin: — Israilning Hudasining ǝⱨdǝ sanduⱪini ⱪandaⱪ bir tǝrǝp ⱪilimiz? dǝp soridi. Ular: — Israilning Hudasining ǝⱨdǝ sanduⱪi Gatⱪa qǝt yol bilǝn yɵtkǝlsun, dǝp jawab berixti. Xuning bilǝn ular Israilning Hudasining ǝⱨdǝ sanduⱪini u yǝrgǝ qǝt yol bilǝn yɵtkidi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇنى چەت يول بىلەن يۆتكىگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇ شەھەرگە چۈشۈپ كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈردى. ئۇ كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە شەھەردىكىلەرنى ئۇردى، ئۇلار ھۈررەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. 9
Wǝ xundaⱪ boldiki, ular uni qǝt yol bilǝn yɵtkigǝndin keyin Pǝrwǝrdigarning ⱪoli u xǝⱨǝrgǝ qüxüp kixilǝrni ⱪattiⱪ sarasimigǝ qüxürdi. U kiqiklǝrdin tartip qonglarƣiqǝ xǝⱨǝrdikilǝrni urdi, ular ⱨürrǝk kesiligǝ giriptar boldi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكرونغا ئەۋەتتى. لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئەكرونغا يېتىپ كەلگەندە، ئەكروندىكىلەر پەرياد قىلىپ: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بىزگە يۆتكىدى! ــ دېدى. 10
Xuning bilǝn ular Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini Əkronƣa ǝwǝtti. Lekin Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪi Əkronƣa yetip kǝlgǝndǝ, Əkrondikilǝr pǝryad ⱪilip: — Biz bilǝn hǝlⱪimizni ɵltürüx üqün ular Israilning Hudasining ǝⱨdǝ sanduⱪini bizgǝ yɵtkidi! — dedi.
ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنى قىچقارتىپ جەم قىلىپ ئۇلارغا: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز جايىغا كەتكۈزۈڭلار، دېدى؛ چۈنكى قاتتىق ۋەھىمە شەھەرنى باسقانىدى؛ خۇدانىڭ قولى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ ئېغىر چۈشكەنىدى. 11
Ular adǝm mangdurup Filistiylǝrning ƣojilirini ⱪiqⱪartip jǝm ⱪilip ularƣa: — Biz bilǝn hǝlⱪimizni ɵltürmǝsliki üqün Israilning Hudasining ǝⱨdǝ sanduⱪini bu yǝrdin ɵz jayiƣa kǝtküzünglar, dedi; qünki ⱪattiⱪ wǝⱨimǝ xǝⱨǝrni basⱪanidi; Hudaning ⱪoli ularning üstigǝ tolimu eƣir qüxkǝnidi.
ئۆلمىگەن ئادەملەر بولسا ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ پەريادى ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 12
Ɵlmigǝn adǝmlǝr bolsa ⱨürrǝk kesili bilǝn urulup, xǝⱨǝrning pǝryadi asmanƣa kɵtürüldi.

< سامۇئىل 1 5 >