< سامۇئىل 1 5 >
فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئولجا ئېلىپ، ئۇنى ئەبەن-ئەزەردىن ئېلىپ ئاشدودقا باردى. | 1 |
ペリシテ人神の櫃をとりて之をエベネゼルよりアシドドにもちきたる
ئۇ يەردە فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ داگون بۇتخانىسىغا ئەكىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى. | 2 |
即ちペリシテ人神の櫃をとりて之をダゴンの家にもちきたりダゴンの傍に置ぬ
ئاشدوددىكىلەر ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا داگون بۇتى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى. شۇڭا ئۇلار داگون بۇتنى ئېلىپ يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. | 3 |
アシドド人次の日夙く興きヱホバの櫃のまへにダゴンの俯伏に地にたふれをるをみ乃ちダゴンをとりて再びこれを本の處におく
لېكىن ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا، داگون پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى؛ داگوننىڭ بېشى ھەم قوللىرى بوسۇغىدا چېقىلغانىدى؛ داگوننىڭ پەقەت بېلىقسىمان تېنى قالغانىدى. | 4 |
また翌朝夙く興きヱホバの櫃のまへにダゴン俯伏に地にたふれをるを見るダゴンの頭と其兩手門閾のうへに斷ち切れをり只ダゴンの體のみのこれり
شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئاشدودتا يا داگوننىڭ كاھىنلىرى بولسۇن يا داگوننىڭ بۇتخانىسىغا كىرگۈچىلەر بولسۇن، داگوننىڭ بوسۇغىسىغا دەسسىمەيدۇ. | 5 |
是をもてダゴンの祭司およびダゴンの家にいるもの今日にいたるまでアシドドにあるダゴンの閾をふまず
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاشدوددىكىلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق چۈشۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاشدود بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇردى. | 6 |
かくてヱホバの手おもくアシドド人にくははりヱホバこれをほろぼし腫物をもてアシドドおよび其四周の人をくるしめたまふ
ئاشدوددىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزلەردە تۇرمىسۇن! چۈنكى ئۇنىڭ قولى بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق بېسىۋالدى، دېيىشتى. | 7 |
アシドド人その斯るを見ていひけるはイスラエルの神の櫃を我らのうちにとどむべからず其は其手いたくわれらおよび我らの神ダゴンにくははればなり
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ ھەممە غوجىلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ ئۇلاردىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتقا چەت يول بىلەن يۆتكەلسۇن، دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەرگە چەت يول بىلەن يۆتكىدى. | 8 |
是故に人をつかはしてペリシテ人の諸君主を集めていひけるはイスラエルの神の櫃をいかにすべきや彼らいひけるはイスラエルの神のはこはガテに移さんと遂にイスラエルの神のはこをうつす
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇنى چەت يول بىلەن يۆتكىگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇ شەھەرگە چۈشۈپ كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈردى. ئۇ كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە شەھەردىكىلەرنى ئۇردى، ئۇلار ھۈررەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. | 9 |
之をうつせるのち神の手其邑にくははりて滅亡るもの甚だおほし即ち老たると幼とをいはず邑の人をうちたまひて腫物人々におこれり
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكرونغا ئەۋەتتى. لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئەكرونغا يېتىپ كەلگەندە، ئەكروندىكىلەر پەرياد قىلىپ: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بىزگە يۆتكىدى! ــ دېدى. | 10 |
是において神のはこをエクロンにおくりたるに神の櫃エクロンにいたりしときエクロン人さけびていひけるは我等とわが民をころさんとてイスラエルの神のはこを我等にうつすと
ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنى قىچقارتىپ جەم قىلىپ ئۇلارغا: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز جايىغا كەتكۈزۈڭلار، دېدى؛ چۈنكى قاتتىق ۋەھىمە شەھەرنى باسقانىدى؛ خۇدانىڭ قولى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ ئېغىر چۈشكەنىدى. | 11 |
かくて人を遣してペリシテ人の諸君主をあつめていひけるはイスラエルの神の櫃をおくりて本のところにかへさん然らば我等とわが民をころすことなからん蓋は邑中に恐ろしき滅亡おこり神の手甚だおもく其處にくははればなり
ئۆلمىگەن ئادەملەر بولسا ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ پەريادى ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. | 12 |
死なざる者は腫物にくるしめられ邑の號呼天に達せり