< سامۇئىل 1 4 >
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپ ئەبەن-ئەزەرگە يېقىن جايدا بارگاھ-چېدىرلارنى تىكتى. فىلىستىيلەر بولسا ئافەك دېگەن جايدا بارگاھ-چېدىرلارنى تىكتى. | 1 |
egressus est namque Israhel obviam Philisthim in proelium et castrametatus est iuxta lapidem Adiutorii porro Philisthim venerunt in Afec
فىلىستىيلەر ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشقىلى سەپ تىزىپ تۇردى. جەڭ كېڭەيگەندە ئىسرائىل فىلىستىيلەر ئالدىدا تارمار بولدى؛ فىلىستىيلەر ئۇلارنىڭ جەڭ سەپلىرىدىن تۆت مىڭچە ئادەمنى ئۆلتۈردى. | 2 |
et instruxerunt aciem contra Israhel inito autem certamine terga vertit Israhel Philistheis et caesa sunt in illo certamine passim per agros quasi quattuor milia virorum
خالايىق بارگاھقا يېنىپ كەلگەندە، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى: ــ نېمىشقا پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنى فىلىستىيلەر تەرىپىدىن تارمار قىلدۇردى؟ بىز شىلوھدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قېشىمىزغا ئېلىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمىنىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. | 3 |
et reversus est populus ad castra dixeruntque maiores natu de Israhel quare percussit nos Dominus hodie coram Philisthim adferamus ad nos de Silo arcam foederis Domini et veniat in medium nostri ut salvet nos de manu inimicorum nostrorum
شۇ گەپتىن كېيىن خالايىق شىلوھغا ئادەم ماڭدۇرۇپ، شۇ يەردىن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كۆتۈرۈپ كەلدى. شۇنىڭدەك ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى. | 4 |
misit ergo populus in Silo et tulerunt inde arcam foederis Domini exercituum sedentis super cherubin erantque duo filii Heli cum arca foederis Domini Ofni et Finees
ۋە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى لەشكەرگاھقا ئېلىپ كېلىنگەندە پۈتكۈل ئىسرائىل يەرنى تەۋرەتكۈدەك كۈچلۈك بىر چۇقان كۆتۈرۈشتى. | 5 |
cumque venisset arca foederis Domini in castra vociferatus est omnis Israhel clamore grandi et personuit terra
فىلىستىيلەر كۈچلۈك تەنتەنە ئاۋازىنى ئاڭلاپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئاڭلانغان بۇ كۈچلۈك چۇقان نېمە ۋەجىدىن چىققاندۇ، دەپ ئېيتىشتى. ئارقىدىنلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىغا كەلتۈرۈلگىنىنى بىلىپ يەتتى. | 6 |
et audierunt Philisthim vocem clamoris dixeruntque quaenam haec est vox clamoris magni in castris Hebraeorum et cognoverunt quod arca Domini venisset in castra
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر قورقۇپ: ــ ئىلاھلار ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! مۇنداق ئىش بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ بولغان ئەمەس، دېيىشتى. | 7 |
timueruntque Philisthim dicentes venit Deus in castra et ingemuerunt
ھالىمىزغا ۋاي! بىزنى بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ مانا باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالا-ۋابالار بىلەن ئۇرغان ئىلاھلار دەل شۇلاردۇر! | 8 |
vae nobis non enim fuit tanta exultatio heri et nudius tertius vae nobis quis nos servabit de manu deorum sublimium istorum hii sunt dii qui percusserunt Aegyptum omni plaga in deserto
ئى فىلىستىيلەر، ئۆزلىرىڭلارنى جەسۇر كۆرسىتىپ ئەركەكتەك تۇرۇڭلار. بولمىسا، ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك بىز ئۇلارغا قۇل بولىمىز؛ ئەركەكتەك بولۇپ جەڭ قىلىڭلار! ــ دېدى. | 9 |
confortamini et estote viri Philisthim ne serviatis Hebraeis sicut illi servierunt vobis confortamini et bellate
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلدى. ئىسرائىل تارمار قىلىنىپ، ھەربىرى تەرەپ-تەرەپكە ئۆز چېدىرىگە بەدەر قاچتى. جەڭدە قاتتىق قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئىسرائىلدىن ئوتتۇز مىڭ پىيادە ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى. | 10 |
pugnaverunt ergo Philisthim et caesus est Israhel et fugit unusquisque in tabernaculum suum et facta est plaga magna nimis et ceciderunt de Israhel triginta milia peditum
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى ۋە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى. | 11 |
et arca Dei capta est duoque filii Heli mortui sunt Ofni et Finees
شۇ كۈنى بىر بىنيامىنلىق جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىق، ئۈستىبېشى توپا-چاڭ ھالدا شىلوھغا يۈگۈرۈپ كەلدى. | 12 |
currens autem vir de Beniamin ex acie venit in Silo in die illo scissa veste et conspersus pulvere caput
ئۇ يېتىپ كەلگەندە، مانا ئەلى يولنىڭ چېتىدە ئۆز ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ تاقىتى-تاق بولۇپ كۈتۈۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ غېمىدە پەرىشان ئىدى. ئۇ كىشى خەۋەرنى يەتكۈزگىلى شەھەرگە كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر پەرياد-چۇقان كۆتۈردى. | 13 |
cumque ille venisset Heli sedebat super sellam contra viam aspectans erat enim cor eius pavens pro arca Domini vir autem ille postquam ingressus est nuntiavit urbi et ululavit omnis civitas
ئەلى پەرياد ساداسىنى ئاڭلاپ: ــ بۇ زادى نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى ئالدىراپ كېلىپ ئەلىگە خەۋەر بەردى | 14 |
et audivit Heli sonitum clamoris dixitque quis est hic sonitus tumultus huius at ille festinavit et venit et adnuntiavit Heli
(ئەلى توقسان سەككىز ياشقا كىرگەن، كۆزلىرى قېتىپ قالغان بولۇپ، كۆرمەيتتى). | 15 |
Heli autem erat nonaginta et octo annorum et oculi eius caligaverant et videre non poterat
ئۇ كىشى ئەلىگە: ــ مەن جەڭدىن قايتىپ كەلگەن كىشىمەن، بۈگۈن جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كەلدىم، دېدى. ئەلى: ــ ئى ئوغلۇم، نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ــ دەپ سورىدى. | 16 |
et dixit ad Heli ego sum qui veni de proelio et ego qui de acie fugi hodie cui ille ait quid actum est fili mi
خەۋەرچى جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچتى. خەلق ئارىسىدا قاتتىق قىرغىنچىلىق بولدى! سېنىڭ ئىككى ئوغلۇڭ، خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلدى ھەمدە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ ئولجا بولۇپ كەتتى، دېدى. | 17 |
respondens autem qui nuntiabat fugit inquit Israhel coram Philisthim et ruina magna facta est in populo insuper et duo filii tui mortui sunt Ofni et Finees et arca Dei capta est
ۋە شۇنداق بولدىكى، خەۋەرچى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تىلغا ئالغاندا، ئەلى دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتىن كەينىگە يىقىلىپ چۈشۈپ، بوينى سۇنۇپ ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ قېرىپ، بەدىنىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ قىرىق يىل ئىسرائىلنىڭ ھاكىمى بولغانىدى. | 18 |
cumque ille nominasset arcam Dei cecidit de sella retrorsum iuxta ostium et fractis cervicibus mortuus est senex enim erat vir et grandevus et ipse iudicavit Israhel quadraginta annis
ئۇنىڭ كېلىنى، يەنى فىنىھاسنىڭ ئايالى ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇشقا ئاز قالغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئولجا بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە قىيىنئاتىسى بىلەن ئېرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، بىردىنلا قاتتىق تولغاق تۇتۇپ، پۈكۈلۈپ بالىنى تۇغدى. | 19 |
nurus autem eius uxor Finees praegnans erat vicinaque partui et audito nuntio quod capta esset arca Dei et mortuus socer suus et vir suus incurvavit se et peperit inruerant enim in eam dolores subiti
ئۇ ئۆلەي دەپ قالغاندا، چۆرىسىدە تۇرغان ئاياللار: ــ قورقمىغىن، سەن ئوغۇل بالا تۇغدۇڭ، دېدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابمۇ بەرمىدى ھەم كۆڭۈل بۆلمىدى. | 20 |
in ipso autem momento mortis eius dixerunt ei quae stabant circa eam ne timeas quia filium peperisti quae non respondit eis neque animadvertit
ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى» دەپ بالىغا «ئىخابود» دەپ ئىسىم قويدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتكەن ھەم قېيىنئاتىسى بىلەن ئېرىمۇ ئۆلگەنىدى. | 21 |
et vocavit puerum Hicabod dicens translata est gloria de Israhel quia capta est arca Dei et pro socero suo et pro viro suo
ئۇ يەنە: ــ شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى! ــ دېدى. | 22 |
et ait translata est gloria ab Israhel eo quod capta esset arca Dei