< سامۇئىل 1 31 >
ئەمدى فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يىقىتىلدى. | 1 |
Əmdi Filistiylǝr Israil bilǝn jǝng ⱪildi. Israilning adǝmliri Filistiylǝrning aldidin ⱪeqip, Gilboa teƣida ⱪirip yiⱪitildi.
فىلىستىيلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلاۋاتاتتى. فىلىستىيلەر بولسا سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، ئابىناداب، مەلكىشۇئانى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. | 2 |
Filistiylǝr Saul wǝ uning oƣullirini tap besip ⱪoƣlawatatti. Filistiylǝr bolsa Saulning oƣulliri Yonatan, Abinadab, Mǝlkixuani urup ɵltürdi.
سائۇلنىڭ ئەتراپىنى ئۇرۇش قاپلىدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشتى؛ ئۇ يا ئوقى بىلەن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى. | 3 |
Saulning ǝtrapini urux ⱪaplidi; oⱪyaqilar Saulƣa yetixti; u ya oⱪi bilǝn eƣir yarilanduruldi.
ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. | 4 |
Andin Saul yaraƣ kɵtürgüqisigǝ: — Ⱪiliqingni suƣurup meni sanjip ɵltürüwǝtkin; bolmisa bu hǝtnisizlǝr kelip meni sanjip, meni horluⱪⱪa ⱪoyuxi mumkin, dedi. Lekin yaraƣ kɵtürgüqisi intayin ⱪorⱪup ketip, unimidi. Xuning bilǝn Saul ⱪiliqni elip üstigǝ ɵzini taxlidi.
ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى. | 5 |
Yaraƣ kɵtürgüqisi Saulning ɵlginini kɵrüp, umu ohxaxla ɵzini ⱪiliqning üstigǝ taxlap uning bilǝn tǝng ɵldi.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرى شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى. | 6 |
Xuning bilǝn Saul, üq oƣli, yaraƣ kɵtürgüqisi wǝ uning ⱨǝmmǝ adǝmliri xu kündǝ biraⱪla ɵldi.
ئەمدى ۋادىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ھەمدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، شەھەرلەرنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى. | 7 |
Əmdi wadining u tǝripidiki ⱨǝmdǝ Iordan dǝryasining bu yeⱪidiki Israillar ǝskǝrlirining ⱪaqⱪanliⱪini wǝ Saul bilǝn oƣullirining ɵlginini kɵrginidǝ, xǝⱨǝrlǝrni taxlap ⱪaqti, Filistiylǝr kelip u jaylarda orunlaxti.
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى. | 8 |
Əmdi xundaⱪ boldiki, ǝtisi Filistiylǝr ɵltürülgǝnlǝrning kiyim-keqǝklirini salduruwalƣili kǝlgǝndǝ Gilboa teƣida Saul bilǝn oƣullirining ɵlük yatⱪanliⱪini kɵrdi.
ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ ساۋۇت-ياراغلىرىنى سالدۇرۇپ بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ بۇتخانىلىرىدا ۋە خەلقنىڭ ئارىسىدا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. | 9 |
Ular uning bexini kesip sawut-yaraƣlirini saldurup bularni Filistiylǝrning zeminining ⱨǝmmǝ yǝrlirigǝ apirip buthanilirida wǝ hǝlⱪning arisida bu hux hǝwǝrni tarⱪatti.
ئۇلار ئۇنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئاشتاروت بۇتخانىسىدا قويۇپ ئۆلۈكىنى بەيت-شان شەھىرىدىكى سېپىلغا ئېسىپ قويدى. | 10 |
Ular uning sawut-yaraƣlirini Axtarot buthanisida ⱪoyup ɵlükini Bǝyt-Xan xǝⱨiridiki sepilƣa esip ⱪoydi.
ئەمدى يابەش-گىلېئادتا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا | 11 |
Əmdi Yabǝx-Gileadta olturƣuqilar Filistiylǝrning Saulƣa nemǝ ⱪilƣinini angliƣanda
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ كېچىچە مېڭىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈكلىرىنى بەيت-شاندىكى سېپىلدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يابەشكە ئېلىپ بېرىپ ئۇ يەردە كۆيدۈردى. | 12 |
ularning iqidiki ⱨǝmmǝ baturlar atlinip keqiqǝ mengip, Saul bilǝn oƣullirining ɵlüklirini Bǝyt-Xandiki sepildin qüxürüp, ularni Yabǝxkǝ elip berip u yǝrdǝ kɵydürdi.
ئاندىن ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى يابەشتىكى يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ يەتتە كۈن روزا تۇتتى. | 13 |
Andin ularning sɵngǝklirini Yabǝxtiki yulƣunning tüwigǝ dǝpnǝ ⱪilip yǝttǝ kün roza tutti.