< سامۇئىل 1 30 >
شۇنداق بولدىكى، داۋۇت ۋە ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىكلاگقا يېتىپ كەلدى؛ مانا، ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپكە ۋە زىكلاگقا ھۇجۇم قىلىپ، زىكلاگنى ۋەيران قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنىدى. | 1 |
Three days later David and his men arrived back in Ziklag. Some Amalekites had raided the Negev and Ziklag. They had attacked Ziklag and burned it down.
ئۇلار شەھەردىكى قىز-ئاياللارنى، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئۆلتۈرمەي، ھەممىسىنى ئېلىپ، يولىغا چىققانىدى. | 2 |
They had captured the women and everyone else there, young and old. They hadn't killed anyone, but they took everyone with them as they left.
داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن شەھەرگە كەلگەندە، مانا، شەھەر ئاللىقاچان كۆيۈپ تۈگىگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىزلىرى ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. | 3 |
When David and his men arrived back in town, they found it burned to the ground, and their wives and children captured.
ئەمدى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خەلق قاتتىق يىغا-زار كۆتۈرۈشتى، تاكى ماغدۇرى قالمىغۇچە يىغلاشتى. | 4 |
David and his men cried loudly until they couldn't cry any more.
داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى، يىزرەئەللىك ئاھىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگائىلمۇ ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. | 5 |
David's two wives had also been taken as prisoners—Ahinoam from Jezreel and Abigail, Nabal's widow, from Carmel.
داۋۇت قاتتىق ئازابلاندى؛ چۈنكى بارلىق خالايىق، ھەربىرى ئۆز ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ غەزەپلىنىپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەيلى، دېيىشىۋاتاتتى. ئەمما داۋۇت ئۆزىنى خۇداسى پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتلەندۈردى. | 6 |
David was in a great deal of trouble, because the men were so upset over losing their children that they began to talk of stoning him. But trusting in the Lord his God,
داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى كاھىن ئابىياتارغا: ــ ئەفودنى يېنىمغا ئېلىپ كەلگىن، دېدى. | 7 |
David went to Abiathar the priest, the son of Ahimelech, and said, “Bring me the ephod.” Abiathar brought it to him.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ بۇ قوشۇننى قوغلايمۇ؟ ئۇلارغا يېتىشەلەرمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ قوغلا؛ سەن جەزمەن ئۇلارغا يېتىشىۋالىسەن ھەم ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسەن، دېدى. | 8 |
David asked the Lord, “Should I chase after these raiders? Will I catch up with them?” “Yes, chase after them,” the Lord replied, “for you will definitely catch up with them and rescue the prisoners.”
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئالتە يۈز ئادەم بېرىپ بېسور ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، كەينىدە سۆرۈلۈپ قالغانلار شۇ يەردە قالدى. | 9 |
David and six hundred of his men set off for the Besor Valley.
داۋۇت ئۆزى تۆت يۈز ئادەم بىلەن داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى؛ ئىككى يۈز ئادەم ھالسىراپ كەتكەچكە، بېسور ۋادىسىدىن ئۆتەلمەي كەينىدە قالغانىدى. | 10 |
Two hundred of them remained behind there because they were too tired to cross the valley while David continued on with four hundred men.
ئۇلار دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا نان بېرىپ يېگۈزدى، سۇ ئىچكۈزدى؛ | 11 |
They came across an Egyptian in the countryside and they took him to David. They gave him some food to eat and water to drink.
ئۇنىڭغا بىر پارچە ئەنجۈر پوشكىلى بىلەن ئىككى كىشمىش پوشكىلىنىمۇ بەردى. ئۇ بۇلارنى يەپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن جان كىردى؛ چۈنكى ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز نان يېمىگەن، سۇمۇ ئىچمىگەنىدى. | 12 |
They also gave him a piece of a fig cake and two raisins cakes. He ate them and recovered, because he hadn't had any food or water for three days and nights.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىمگە تەۋە؟ سەن قەيەرلىكسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن مىسىرلىق يىگىت بولۇپ، بىر ئامالەكنىڭ قۇلىمەن. لېكىن مەن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغاچقا، غوجام مېنى تاشلىۋەتتى. | 13 |
“Whose slave are you, and where do you come from?” David asked him. “I'm an Egyptian,” he replied, “the slave of an Amalekite. My master left me behind three days ago when I got sick.
بىز ئەسلى كەرەتىيلەرنىڭ يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ۋە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە كالەبنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق؛ شۇنداقلا زىكلاگنى كۆيدۇرۈۋەتكەنىدۇق، دېدى. | 14 |
We raided the Kerethites in the Negev, as well as the part that belongs to Judah, and the Negev of Caleb. We burned Ziklag too.”
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ بىزنى ئۇ [دۈشمەن] قوشۇنى تەرەپكە باشلاپ بارالامسەن، دېدى. ئۇ: ــ خۇدانىڭ نامى بىلەن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، سېنى غوجاڭنىڭ قولىغىمۇ تۇتۇپ بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلسىلا، سىلىنى ئۇ قوشۇننىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دېدى. | 15 |
“Can you lead me to these raiders?” David asked. “If you swear to me by God that you won't kill me or hand me over to my master, then I'll take you to them,” the man replied.
ئۇنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغاندا، مانا ئۇلار پۈتكۈل يەرگە يېيىلىپ، يەپ-ئىچىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىن ھەم يەھۇدا زېمىنىدىن ئالغان چوڭ ئولجىلىرىدىن خۇش بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى. | 16 |
He led David to the Amalekites, where they were spread out all over the place, eating, drinking, and dancing because of the large haul of plunder they had taken from the lands of the Philistines and of Judah.
ئەمما داۋۇت شۇ كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئىككىنچى كۈنى كەچكىچە ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. تۆگىگە مىنىپ بەدەر قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلمىدى؛ | 17 |
David attacked them from dusk until the following evening. Nobody escaped, except for four hundred men who managed to get away, riding on camels.
ۋە داۋۇت ئامالەكلەر بۇلۇۋالغان ھەممە نەرسىنى ياندۇرۇپ ئالدى؛ ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. | 18 |
David got back everything the Amalekites had taken, including his two wives.
ئامالەكلەر ئېلىپ كەتكەن ئوغۇل-قىز، مال-مۈلۈكلەر ۋە باشقا ھەممە نەرسىنى داۋۇت ئۇلاردىن قايتۇرۇۋالدى. ھېچنېمە، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن چۈشۈپ قالمىغانىدى. | 19 |
Everything was accounted for—all the adults and children, as well as all the plunder the Amalekites had taken. David brought everything back.
[داۋۇتنىڭ ئادەملىدى] قايتۇرۇۋالغان ماللىرىنىڭ ئالدىغا [ئولجا ئالغان] باشقا قوي ۋە كالا پادىلارنى سېلىپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. [ئۇنىڭ ئادەملىرى] كېتىۋېتىپ: ــ بۇلار داۋۇتنىڭ ئولجىسى، دېيىشتى؛ داۋۇت ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە ئالدى. | 20 |
He also recovered all the flocks and herds. His men drove them ahead of the other livestock, shouting, “This is David's plunder!”
داۋۇت ھالسىزلىنىپ ئۆزى بىلەن بىللە بارالمىغان بېسور ۋادىسىنىڭ بويىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىككى يۈز ئادەمنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى؛ ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىغا چىقتى، داۋۇت خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا سالام قىلدى. | 21 |
When David got back to the two hundred men who had been too tired to continue with him from the Besor Valley, they came to meet him and the men with him. As David approached the men to greet them,
لېكىن داۋۇت بىلەن بارغانلارنىڭ ئارىسىدىكى رەزىل ئادەملەر ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى قوپۇپ: ــ بۇلار بىز بىلەن بارمىغاندىن كېيىن بىز ياندۇرۇپ ئالغان ئولجىدىن ئۇلارغا ھېچ نېمە بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ھەربىرى ئۆز خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ كەتسۇن، دېدى. | 22 |
all the unpleasant, good-for-nothing men of those who had gone with David said, “They weren't with us, so we won't share the plunder that we took, except to give them back their wives and children. They can take them and leave.”
ئەمما داۋۇت: ــ ياق، ئى بۇرادەرلىرىم؛ پەرۋەردىگار بىزگە تەقسىم قىلغاننى [ئۇلارغىمۇ تەقسىم] قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنى قوغداپ بىزنىڭكىگە تاجاۋۇز قىلغانلارنى قولىمىزغا تاپشۇردى. | 23 |
But David intervened, saying, “No, my brothers, you shouldn't do this with what the Lord has given us. He has protected us and handed over to us the raiders that had attacked us.
بۇ ئىشتا كىم سىلەرگە ماقۇل دەيدۇ؟ چۈنكى سوقۇشقا چۈشكەننىڭ ئۈلۈشى قانداق بولسا يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىلارنىڭمۇ ئۈلۈشى شۇنداق بولىدۇ؛ ھەممە ئادەم تەڭ بۆلۈشسۇن ــ دېدى. | 24 |
Who's going to listen to you when you say such things? Whatever share those who went into battle receive will be the same as those who stayed to guard the supplies.”
شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمە قىلىپ بېكىتىلدى. بۈگۈنگىچە ھەم شۇنداق. | 25 |
David made this the rule and regulation for Israel from that day until now.
داۋۇت زىكلاگقا يېتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرى بولغان يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجا سىلەرگە بىر سوۋغات بولسۇن، دېدى. | 26 |
When David got back to Ziklag, he sent some of the plunder to each of his friends among the elders of Judah, saying, “Here's a gift for you from the plunder of the Lord's enemies.”
ئۇ ئولجىدىن ھەم بەيت-ئەلدىكىلەرگە، جەنۇبىي راموتتىكىلەرگە، ياتتىردىكىلەرگە، | 27 |
David sent it to those who lived in Bethuel, Ramoth Negev, Jattir,
ئاروئەردىكىلەرگە، سىفموتتىكىلەرگە، ئەشتەموئادىكىلەرگە، | 28 |
Aroer, Siphmoth, Eshtemoa,
راقالدىكىلەرگە، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە ۋە كېنىيلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە، | 29 |
Racal, and the towns of the Jerahmeelites and Kenites,
خورماھتىكىلەرگە، قوراشاندىكىلەرگە، ئاتاقتىكىلەرگە، | 30 |
Hormah, Bor-ashan, Athach,
ھېبروندىكىلەرگە ۋە داۋۇت ۋە ئادەملىرى بىللە يۈرگەن ھەممە يەردىكىلەرگە سوۋغات ئەۋەتتى. | 31 |
Hebron—all the places David and his men had gone to.