< سامۇئىل 1 3 >
سامۇئىل دېگەن بالا بولسا ئەلىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇ كۈنلەردە كەم ئىدى؛ ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. | 1 |
小撒慕爾在厄里面前服事上主;那時,上主的話少有,異象也罕見。
ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر كۈنى ئەلى ئورنىدا ياتقانىدى (ئۇنىڭ كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەس بولۇپ قالاي دېگەنىدى) | 2 |
有一天,厄里睡在自己的房裏,他的眼睛漸漸昏花,已看不清了,
خۇدانىڭ چىرىغى تېخى ئۆچمىگەن بولۇپ، سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلا يەردە ياتاتتى. | 3 |
天主的燈尚熄滅,撒慕爾睡在安放天主約櫃的上主的殿內。
پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. ئۇ: ــ مانا مەن بۇ يەردە، دېدى. | 4 |
那時,上主召叫說:「撒慕爾! 撒慕爾! 」他回答說:「我在這裏! 」
ئۇ ئەلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم؛ قايتىپ بېرىپ ياتقىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ ياتتى. | 5 |
他就跑到厄里前說道:「你叫了我,我在這裏。」厄里說:「我沒有叫你,回去睡罷! 」他就回去睡了。
پەرۋەردىگار يەنە: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم ئى ئوغلۇم، يەنە بېرىپ ياتقىن، دېدى. | 6 |
上主又叫撒慕爾;撒慕爾起來,走到厄里那裏說道:「你叫了我,我在這裏。」厄里對他說:「我兒,我沒有叫你,回去睡罷! 」
سامۇئىل پەرۋەردىگارنى تېخى تونۇمىغانىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا تېخى ئايان قىلىنمىغانىدى. | 7 |
撒慕爾不知道是上主,因為上主的話尚未啟示給他。
لېكىن پەرۋەردىگار يەنە ئۈچىنچى قېتىم: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى؛ ئۇ قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ مانا مەن؛ سەن مېنى چاقىردىڭ، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئەلى پەرۋەردىگار بالىنى چاقىرىپتۇ، دەپ بىلىپ يەتتى. | 8 |
上主第三次又叫了撒慕爾;他起來,又走到厄里那裏說道:「你叫了我,我在這裏。」厄里於是明白,是上主叫了幼童,
شۇنىڭ بىلەن ئەلى سامۇئىلغا: ــ بېرىپ ياتقىن. ئۇ ئەگەر سېنى چاقىرسا، سەن: ــ ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ ئېيتقىن، دېۋىدى، سامۇئىل بېرىپ ئورنىدا ياتتى. | 9 |
便對撒慕爾說:「去睡罷! 假使有人再叫你,你就回答說:請上主發言,你的僕人在此靜聽。」撒慕爾就回去,仍睡在原處。
ۋە پەرۋەردىگار كېلىپ يېقىن تۇرۇپ ئىلگىرىكىدەك: ــ «سامۇئىل، سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل: ــ سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. | 10 |
上主走近,像前幾次一樣召叫說:「撒慕爾,撒慕爾! 」撒慕爾便回答說:「請上主發言! 你的僕人在此靜聽。」
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ مانا مەن ئاڭلىغانلارنىڭ ئىككى قۇلىقىنى زىڭىلداتقۇدەك بىر ئىشنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا قىلماقچىمەن. | 11 |
上主遂對撒慕爾說:「看! 我要在以色列行一件事,凡聽見的人,他的兩耳必要嗡嗡作響。
شۇ كۈنىدە مەن بۇرۇن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەر توغرىسىدا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ باشتىن ئاخىرغىچە ئادا قىلىمەن! | 12 |
到那一天,我必對厄里從頭到尾實踐我論他的家族所說的一切。
چۈنكى ئۆزىگە ئايان بولغان قەبىھلىك تۈپەيلىدىن مەن ئۇنىڭغا، سېنىڭ جەمەتىڭدىن مەڭگۈلۈك ھۆكۈم چىقارماقچىمەن، دەپ ئېيتقانمەن؛ چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئىپلاسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسمىدى. | 13 |
你傳報給他:我要處罰他的家族直到永遠,因為他原知道他的兩個兒子凌辱了天主,卻未責斥他們。
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە قەسەم قىلغانمەنكى، ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەبىھلىكى مەيلى قۇربانلىق بىلەن بولسۇن، مەيلى ھەدىيە بىلەن بولسۇن كافارەت قىلىنماي، ئەبەدگىچە كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، دېدى. | 14 |
因此,我對厄里的家族起誓:無論犧牲或供物,永不能抹去厄里一家的罪過。
سامۇئىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئەمما سامۇئىل ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشنى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. | 15 |
撒慕爾睡到早晨起來,開了上主聖殿的門;但害怕告訴厄里他所見的異象。
لېكىن ئەلى سامۇئىلنى چاقىرىپ: ــ ئى سامۇئىل ئوغلۇم، دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن، دەپ جاۋاب بەردى. | 16 |
厄里卻對撒慕爾說:「撒慕爾,我兒! 」他回答說:「我在這裏。」
ئۇ: ــ ئۇ ساڭا نېمە سۆز قىلدى؟ سەندىن ئۆتۈنەي، ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغىن. ئەگەر ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقانلىرىنىڭ بىرىنى ماڭا ئېيتماي قويساڭ، خۇدا دېگىنىنى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى. | 17 |
厄里問說:「上主給你說了什麼話,請不要隱瞞我! 你若把上主給你說的話,給我隱瞞了一句,願天主加倍懲罰你。」
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى دەپ بەردى. ئەلى: ــ مانا، ئۇ پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ نېمىنى لايىق تاپسا، شۇنى قىلسۇن، دېدى. | 18 |
撒慕爾便把那些話全告訴了他,一句也沒有隱瞞。厄里說:「他是上主,他看著怎麼好,就怎樣行罷! 」
سامۇئىل ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتاتتى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىنى يەردە قالدۇرمايتتى. | 19 |
撒慕爾漸漸長大;上主與他同在,使他說的一切話,沒有一句落空。
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە سامۇئىلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى قىلىپ تىكلەنگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. | 20 |
於是全以色列從丹直到貝爾舍巴,都知道撒慕爾被立為上主的先知。
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆزىنى يەنە ئايان قىلدى. چۈنكى پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆز سۆز-كالامى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئۆزىنى ئايان قىلدى؛ ۋە سامۇئىل ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتكۈل ئىسرائىلغا يەتكۈزدى. | 21 |
自從上主在史羅對撒慕爾顯現後,繼續在史羅顯現於他。